پاكىز بالا
ئۇششۇق تولىمۇ پاكىز چوڭ بوپتۇ، ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرسە قولىنى يۇيۇپ چىقىدىكەن ، بىر كۈنى ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققاندىن كىيىن قولىنى يۇماپتۇ، ئاپىسى ھەيران بۇلۇپ: بالام نىمىشقا بۇ قېتىم قۇلۇڭنى يۇمايسەن دېسە؟
ئۇششۇق: بۇ قېتىم قەغەز ئېلىپ كىرگەن تۇرسام ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
كۈننىڭ چىقىشىنى كۆزىتىش
بىر كۈنى بىر ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ، تاڭ سەھەردە كۈننىڭ چىقىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تاغقا چىقىپتۇ.
ئاكىسى: ئۇكام مەن كۆردۈم ، مەن كۆردۈم دەپ توۋلاپتۇ.
ئۇكىسى: مەنمۇ كۆردۈم ، مەنمۇ كۆردۈم دەپ توۋلاپتۇ.
ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئىشتىننى قولتۇقلىغان پېتى يۈگۈرۈپ چىققان ئۇششۇق :ۋاي بوپتۇ كۆرگەن بولۇشساڭ، يەنە نېمە راڭ-راڭ قىلىشىسەن؟؟!!
ماقالە يېزىش
خەنزۇتىلى مۇئەللىمى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى تەكشۈرۋېتىپ ئۇششۇقنىڭ ماقالىسنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، مۇشۇمۇ ماقالە بولدىمۇ؟
ئىشخانىدىكىلەردىن بىرى : نىمە يېزىپتۇ.
خەنزۇتىلى مۇئەللىمى : مەلىكە بىلەن شاھزادىنىڭ ھىكايىسىكەن!
خىزمەتدېشى: پاھ، ناھايىتى ياخشى يېزىپتىغۇ؟
خەنزۇتلى مۇئەللىمى: ئۇ مۇنداق يېزىپتۇ____
公子: 亲爱 ، 你会维语吗
公主:会
مۇشۇ يەردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەن ئەمەسمۇ؟!؟!
بۇتىمىنى باشقۇرغۇچى:uyghur تەستىقلىدى.