查看完整版本: [-- كۈلمەيمەن دەپ بېقىڭە... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> كۈلمەيمەن دەپ بېقىڭە... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uyghur 2010-12-24 23:18
پاكىز بالا
ئۇششۇق تولىمۇ پاكىز چوڭ بوپتۇ، ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرسە قولىنى يۇيۇپ چىقىدىكەن ، بىر كۈنى ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققاندىن كىيىن قولىنى يۇماپتۇ، ئاپىسى ھەيران بۇلۇپ: بالام نىمىشقا بۇ قېتىم قۇلۇڭنى يۇمايسەن دېسە؟
ئۇششۇق: بۇ قېتىم قەغەز ئېلىپ كىرگەن تۇرسام ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.



كۈننىڭ چىقىشىنى كۆزىتىش
بىر كۈنى بىر ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ، تاڭ سەھەردە كۈننىڭ چىقىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تاغقا چىقىپتۇ.
ئاكىسى: ئۇكام مەن كۆردۈم ، مەن كۆردۈم دەپ توۋلاپتۇ.
ئۇكىسى: مەنمۇ كۆردۈم ، مەنمۇ كۆردۈم دەپ توۋلاپتۇ.
ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئىشتىننى قولتۇقلىغان پېتى يۈگۈرۈپ چىققان ئۇششۇق :ۋاي بوپتۇ كۆرگەن بولۇشساڭ، يەنە نېمە راڭ-راڭ قىلىشىسەن؟؟!!



ماقالە يېزىش
خەنزۇتىلى مۇئەللىمى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى تەكشۈرۋېتىپ ئۇششۇقنىڭ ماقالىسنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، مۇشۇمۇ ماقالە بولدىمۇ؟
ئىشخانىدىكىلەردىن بىرى : نىمە يېزىپتۇ.
خەنزۇتىلى مۇئەللىمى : مەلىكە بىلەن شاھزادىنىڭ ھىكايىسىكەن!
خىزمەتدېشى: پاھ، ناھايىتى ياخشى يېزىپتىغۇ؟
خەنزۇتلى مۇئەللىمى: ئۇ مۇنداق يېزىپتۇ____
公子: 亲爱 ، 你会维语吗
公主:会
مۇشۇ يەردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەن ئەمەسمۇ؟!؟!

 بۇتىمىنى  باشقۇرغۇچى:uyghur تەستىقلىدى.

saifulla 2010-12-24 23:26
3-قىززىق كەن لىكىن خەت رەڭگى كۆزنى ........

$~bihlan~$ 2010-12-25 00:09
نىمانداق قىززىق يۇمۇرلار بۇ

rayhan 2010-12-25 02:38
ھە بوپتۇ ...مۇشۇ بالىلارمۇ زە.....قوش تىل دەپ مۇئەللىملەرنى  بوزەك قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى!؟

zam_zam 2010-12-25 12:02
3-قىززىقكەن بۇنىڭ

ئەلى 2010-12-25 12:27
مەنمۇ  بىر  قالدۇرۇپ  قوياي:
تاللا بازىرىغا بىر كىشى كىرىپ پىركاژچىكتىن سوراپتۇ:
-خانقىز،ئىخلاس قۇۋۋەت تالقىنى ئالماقچىدىم،تاپالمىدىم،ياردەم قىلامسىز؟
-كەچۈرىسىز ئەپەندىم،سېتىلىپ بولغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى چىقىپ كېتىپتۇ،بۇنى كۆرۈپ قالغان خوجايىن قىزغا كايىپ:
-مۇشۇنداقمۇ قىلامسىز،‹‹ئارمان››مۇ بولىدۇ،ئۇنىڭ پايدىسىمۇ بەك كۆپ،مۇشۇنى ئېلىڭ ئاكا،ھەممە ئادەم مۇشۇنى ئېلىۋاتىدۇ››دەپ
باشقا مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرمامسىز.تازىمۇ  بىر .
ئەتىسى بىر كىشىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ ئالدىراپلا تاللا بازىرىغا كىرىپ:
-خانقىز ،تازلىق قەغىزى بارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.بىراق تازلىق قەغىزى تۈگەپ كەتكەچكە،قىزچاق دەرھاللا خوجايىننىڭ
سۆزلىرىنى يادىغا ئېلىپ:
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى،تازلىق قەغىزى تۈگەپ كەتكەن،بىراق دۇكىنىمىزداھەرخىل قۇم قەغەزلەر بار،ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىمۇ بەك ياخشى،ئىشلىتىپ بېقىڭ،چوقۇم ياخشىلىقىنى ھېس قىلىسىز،-دەپتۇ.

nazukkiz 2010-12-25 12:37
ئەتىگەندە كۇلكە، كەچكىچە كۇلكە دەپتكەن ! كەچكىچە كۈنلىرىم خۇشال ئوتكەي!

xaxatux 2010-12-25 22:38
بىر كۇنى بىر شىركەتنىڭ باشلىقى كىرىپ  بىر قانچە ئادەملەرنى تاللاپ تۇ  ئۇلار   ئۇرۇمچىلىك ، قەشقەرلىك ، خوتەنلىك ئىكەن...
ھەم بىر ئورمانغا ئىلىپ كىلىپتۇ ھەم ئۇلارندىن مۇشۇ ئورمانغا بىر يولۋاس كىرىپ كەتتى ئۇ يولۋاسنى تۇتۇپ چىقىلار دەپتۇ ...
ئۇرۇمچىلىك : كىرىپ يولۋاسنى تاپالماپتۇ ...
خوتەنلىك:  كىپمۇ تاپالماپتۇ..
قەشقەرلىك كىرىپ بىر ئىشەكنى تۇتۇپ چىقىپتۇ......باشلىق سوراپتۇ  مەن سىنى يولۋاسنى تۇتۇپ چىق دىسەم...ئېشەكتىن بىرنى تۇتۇپ چىقىپسەنغۇ دەپتۇ.............. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرلىك دەپتۇ  باشلىق بۇ راستىنلا   يولۋاس  بولمىسا سوراپ بېقىڭ دەپتۇ......
باشلىق ھېلقى ئېشەتىن سوراپتۇ  سەن ئېشەكمۇ يولۋاسمۇ دەپتىكەن  ھېلىقى ئېشەك قەشقەرلىكنىڭ ئالىيىشىغا قاراپ مەن يولۋاس دەپتۇ ...
سەمىمىي ئەسكەرتىش :  بۇ دىگەن يۇمۇر  قەشقەرلىك ۋە باشقا يەرلىك دوسلار خاتا چۇشۇنۇپ قالماڭلار.................. ئەقلىڭىزنى ئىشلەتسىڭىز  چۇشۇنەلەيسىز

fatih204 2010-12-25 22:53
 

uyghur 2011-12-07 09:52
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى nazukkiz نىڭ 2010-12-25 12:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەتىگەندە كۇلكە، كەچكىچە كۇلكە دەپتكەن ! كەچكىچە كۈنلىرىم خۇشال ئوتكەي!


دىگىنىڭىز كەلسۇن...

uyghur 2011-12-07 09:56
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى rayhan نىڭ 2010-12-25 02:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھە بوپتۇ ...مۇشۇ بالىلارمۇ زە.....قوش تىل دەپ مۇئەللىملەرنى  بوزەك قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى!؟



ھازىرقى باللار يامان بوپكەتتى.  گەپ بەرمەيدۇ ئادەمگە!

xahruh 2011-12-07 11:52
翻译的还不错!!!!!!!!


查看完整版本: [-- كۈلمەيمەن دەپ بېقىڭە... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054957 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us