مەنمۇ بىر قالدۇرۇپ قوياي:
تاللا بازىرىغا بىر كىشى كىرىپ پىركاژچىكتىن سوراپتۇ:
-خانقىز،ئىخلاس قۇۋۋەت تالقىنى ئالماقچىدىم،تاپالمىدىم،ياردەم قىلامسىز؟
-كەچۈرىسىز ئەپەندىم،سېتىلىپ بولغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى چىقىپ كېتىپتۇ،بۇنى كۆرۈپ قالغان خوجايىن قىزغا كايىپ:
-مۇشۇنداقمۇ قىلامسىز،‹‹ئارمان››مۇ بولىدۇ،ئۇنىڭ پايدىسىمۇ بەك كۆپ،مۇشۇنى ئېلىڭ ئاكا،ھەممە ئادەم مۇشۇنى ئېلىۋاتىدۇ››دەپ
باشقا مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرمامسىز.تازىمۇ بىر .
ئەتىسى بىر كىشىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ ئالدىراپلا تاللا بازىرىغا كىرىپ:
-خانقىز ،تازلىق قەغىزى بارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.بىراق تازلىق قەغىزى تۈگەپ كەتكەچكە،قىزچاق دەرھاللا خوجايىننىڭ
سۆزلىرىنى يادىغا ئېلىپ:
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى،تازلىق قەغىزى تۈگەپ كەتكەن،بىراق دۇكىنىمىزداھەرخىل قۇم قەغەزلەر بار،ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىمۇ بەك ياخشى،ئىشلىتىپ بېقىڭ،چوقۇم ياخشىلىقىنى ھېس قىلىسىز،-دەپتۇ.