http://www.tudou.com/v/jySTWdtCJSg/v.swf
ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (Timiriasev Academy) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (Russian Academy of Medical Sciences) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (Developmental Genetics) ۋە غول ھۈجەيرىسى (Stem Cell) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇئەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرىسى ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى (ES cell) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرىسى: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرىسى ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنت بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.
بىز ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.