查看完整版本: [-- دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ئالىمى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ئالىمى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

subihi0998 2010-12-24 23:18
[attachment=6924]

كەڭ ساي قويغۇچى...←قويۇش



      ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (Timiriasev Academy) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (Russian Academy of Medical Sciences) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (Developmental Genetics) ۋە غول ھۈجەيرىسى (Stem Cell) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇئەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرىسى ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
       دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى (ES cell) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرىسى: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرىسى ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

      ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنت بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
      ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.

     بىز ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.

0998attella 2010-12-25 15:39
ياشاڭ شۆھرەتكا..............ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلسۇن!!!!!!!!!!! چەتئەلدىكى تونۇشلىرى بارلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار......

attila 2010-12-25 19:24
ياشا ئۇيغۇرۇم.

lokqun 2010-12-25 20:45
لىندا  دىگىنى   قانداق   ىسىم   دۇ      

kukturik 2010-12-25 23:09
ياشاڭ شۆھرەتكا ،ئاللا ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن .

arkam1a2 2010-12-26 02:45
ئاللا رەھمەت كىلسۇن  ياشاپ كىتىڭ...

katil731 2010-12-26 15:40
  ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.

راسلا ئۇيغۇرنىڭ پەخرىكەن، ئاۋۇ مەدىيە سۆزلەردىن بىر قىسىمىلا بوپ قالدىم،

yalhuz 2010-12-26 16:25
ئاللا  رەھمەت   قىلسۇن .

hll 2010-12-26 17:02
  ياشا ئاكا ئۇمرۇڭ ئۇزۇن بولسۇن ،  يوللىغۇ چىغا رەغمەت .

lohman0999 2010-12-26 19:56
پەقەت چەتئەللەردىكلا ئۇيغۇرلار مۇۋەپىقىيەت قازىنۋاتىدۇ . بىراق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلار بەك دۆت ئوخشايدۇ جۇمۇ ؟

rayhan 2010-12-26 20:05
بالىلار مۇشۇنداق تالانتلىق بولسا ئاتا-ئانا بولغۇچى نىمە بۇلۇپ كىتەر ھە،ئەل سۇيگۇدەك ئادەم بۇلۇش ئاسان ئەمەس...
.....اللە پەرزەنتىلىرىمىزگە ئىمان ،ئەقىل ساغلاملىق ۋە سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن ....

sawir--123 2010-12-27 01:10
ئىشلىتىش
引用第9楼lohman0999于2010-12-26 19:56发表的 :
پەقەت چەتئەللەردىكلا ئۇيغۇرلار مۇۋەپىقىيەت قازىنۋاتىدۇ . بىراق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلار بەك دۆت ئوخشايدۇ جۇمۇ ؟

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ....ئارىمىزدا نۇرغۇن زىھنى ئۆتكۈرلەر  بار.......شۇ  مەلۇم سەۋەپلەر  باردۇ زىھنىنى گال قىلىپ قۇيىۋاتقان...

نۇرې 2010-12-27 15:44
مەنۇمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم

akaltun 2010-12-27 20:47
بىز   شۇنچىلىك  ھورۇن  بوپكەتتۇق . ئاياللىرىمىز   كىيىنىش  بىلەن  ئەرلىرىمىز   قاۋاقتا   .ئاللاھ  نىڭ   بىزنى  نىمە  ئۈچۈن  ياراتقىنى  ئۇنۇتمىغانلىرىمىز  ئاز ساندا  ھەي  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

atka 2010-12-27 21:12
ياشاپ  كەت ئۇيغۇرۇم!!!!!!!!

biliknur 2010-12-28 22:42
ياشا ئويغۇر ئوغلى ،
كەينىنى قاچان كۇرىمىز.

iltebir 2010-12-28 23:01
نىمە دىگەن بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىمىمىز .بىز ئەۋلاتلىرىمىزغا بۇ ئالىمنىڭ ئىش -ئىزلىرنى  ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرشىمىز لازىم.

human 2011-01-01 15:38
ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ......ئايالىنىڭ مىللىتىنى بىلگىم كېلىۋاتىدۇ،چۇنكى بالىلىرىنىڭ نەسەبىگە قىزىقىمەن ئەمەسمۇ؟!

sutuk 2011-01-02 21:05
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ،

arduan 2011-01-03 15:41
بىزنىڭ ئۇلۇغ دۇتلىتىمىزدە پەقەت ئۇلارلا ئەقىللىق

kartos 2011-01-10 14:17
بارلىق ئۇيغۇرلار  سىزدىن پەخىرلىنىمىز،  ئاللا ئۆمرۇڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن......................!

kaptan 2011-01-10 14:20
بىزنىڭمۇ  دۇنيانى زىلگە  سالغان ئالىملىرمىز  باركەن   بۇنى  ئۇقۇپ  كوڭلۇم  بەك كۇتۇرۇپ قالدى جۇمۇ

amanxa 2011-01-10 19:52
مەن بەك دۆتكەنمەن،پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ.

pqak 2011-01-10 23:34
رەخمەت ئاكا سىزگە!

dilxikar 2011-01-11 04:38
بىر قىسىملىرىمىز چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن جاپادا،  بىز ھاراق شاراپ بىلەن تالادا، پەرزەنتلىرمىز ھېچقانداق تىل بىلەن مۇستەقىل تەپەككۇر  قىلىلامايدىغان ساپادا يۇرىۋاتىمىزغۇ؟ ياشايلى!!!

turditohti 2011-01-24 11:32
تەتقىقاتلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن

illikbahar 2011-01-28 21:39
      

xamxar22 2011-02-15 17:20
شۆھرەتكا  مۇسۇلمانمىكەن .
شۆھرەتكا   مۇسۇلمان بولسا،ئاللا ئۆنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن

تۈن 2011-02-15 19:55
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران بولدۇم، كۆرۈۋېتىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. بىر خىل مىللىي ئىپتىخارلىق، مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى. يۈگرىگەن پېتىم سىرتقا چىققۇم، ئىچىمگە پاتماستىن بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىغۇم، ۋارقىراپ تۇرۇپ ھۆڭرەپ-ھۆڭرەپ يىغلىۋالغۇم كەلدى! ئارىلىق ئاجايىپ يىراق بولسىمۇ يۈرەك قېرىنداشلىقنى سېزىپ تۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇلۇغ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىز. ھېچكىم ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنىنى ئانا تارىمنىڭ قېنى ئەمەس دېيەلمەيدۇ. توغراق روھى ئۇلارغا ھەقىقىي مۇجەسسەم، ئۇلار جۇدالىقنى، يالغۇزلۇقنى، يۇرتنى سېغىنىش ئازابلىرىنى يېڭىپ، يەر ئانىغا چەكسىز يىلتىز تارتتى. ئۇلۇغ ئاللا ئالىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلسۇن، ئائىلىسىگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن، باسقان ھەر بىر قەدىمى نۇرلارغا تولسۇن!

illikbahar 2011-02-18 01:02
مۇشۇنداق    ئالىملىرمىز    كوپلەپ      بارلىققا   كىلىشىگە     ياراتقان   ئىگەم     ئاللاھ      ئاسان    قىلغاي    امىن

xarifa 2011-03-04 15:13
ھەقىقىي ئالىم دەپ قانداق كىشىنى دەيمىز؟
مەن شۆھرەت مۇتەللىپنڭمۇ ھەقىقىي ئالىم بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

baharxamili 2011-03-06 00:56
      

tatinqak 2011-03-06 15:58
ئۇناق دېگىنى بولمايدۇ . بەزى شارائىتلار ئادەمنىڭ تەرققى قىلىشنى ئامالسىز چەكلەپ قۇيىدۇ . بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارنى ئۇنداق دېسەك بولماس ، بولمىسا ئۆزىڭىز نىمە ئىش قىلدىڭىز ؟

تاش 2011-03-14 09:07
اللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !!!!!!!!!!!!!!تېخىمۇ تىرىشىڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ozturkler 2011-03-19 01:18
ئاللاھ ھەممە ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!

ixtiyak 2011-03-31 09:19
راسلا ئۇيغۇرنىڭ پەخرىكەن، ئاۋۇ مەدىيە سۆزلەردىن بىر قىسىمىلا بوپ قالدىم،

جەڭچى 2011-04-01 00:56
ياشاڭ شۆھرەتكا ،ئاللا ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن .

erdewil 2011-04-16 16:24
تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە ئەمەس تۆرەلمە غول ھۆجەيرە دەڭ!!

tnt 2011-04-16 17:40
مەنلا  شۇنداق ئىچ-ئىچىمدىن پەخىرىلىنىپ  خۇشال  بولدۇممىكىن  دىسەم   بارچە ئۇيغۇرغا ئۇرتاق خوشاللىقكەن  ئەمەسمۇ !!!
  دىمىسىمۇ   ئۇزۇن   بوپتىىكەن  ئۇيغۇرلار بۇنداق  پەخىرىلەنمىگىلى ، چۈنكى  بىز   گاھ ئورۇلۇپ،سوقولۇپ،ئۇنتۇلۇپ،تاشلىنىپ، سىقىلپ،ئادىشىپ،قىستىلىپ

تاسلا  قاپتىمەن  مەھمۇد قەشقەرىي ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىن كىيىنكى ھازىرقى  زاماندا   ئۇيغۇردىن دۇنيا  بىلگىدەك
ئالىم  چىقمايدۇ دەپ  سالغىلى . (كىنايە)

  

sultan3837 2011-04-21 11:40
ئۇلۇغ ئاللاھ مەدەت بەرسۇن!!! ئۇيغۇر ئاتلق بولسا مەيلى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسۇن ئۇتۇق قازنىشڭلارغا ئاللاھدىن مەدەت تىليمەن.ياشا............ئۇيغۇر ئوغلانلىرى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كەڭ ساي ئەخلى مىنى پۇتاقچى دەپ قالماڭلا؛ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نىمىشقا پەرزەنتلىرگە ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويمايدىغاندۇ؟

ھەي....................................

yawuz2 2011-04-22 20:42
مەن شۆھرەتكامدەك ئۇيغۇر ئالىملىرنىڭ دۇنياغا كۆپرەك تۇنۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەم شۇنداقلا ئەزىز تىنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىللەيمەن . نەرگىز دىگەن ئىسىمغۇ بىزچە لىكىن پائۇل بىلەن لىندا دىگەن ئىسىم زادى قانداق ئىسىم ؟ نۆۋەتتە بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان زىيالىلىرىمىز ئۈزىنىڭ بالىلىرىغا ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئىسىمنى قۇيۇش ئارقىلىق مىللەت نامى ۋە مىللەت تۈركۈمىنى ئەرەپ ، پارىس تۈركۈمىدىن ئايرىۋاتىدۇ ،بۇ مىنىڭچە ناھايتى ياخشى ئەھۋال مەن ئۆزەممۇ مۇشۇ تەشەبۇسقا قۇشىلىمەن مىنىڭچە بىز چۇقۇم بالىلىرىمىزغا چۇقۇم ھەقىقى ،ساپ بولغان ئۇيغۇرچە ئىسىمىنى قۇيۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.بىزنىڭ داڭلىق بىر ئالىمىمىز مۇنداق دىگەن << ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،ئەمما پۇرسەت بىلەن شارائىت ئىنتايىن كەمچىل>> . شۇنداق بولسىمۇ تىرىشىپ باقايلى .

كەپتەر 2011-05-17 22:45
تىنىڭىز سالامەت بولسۇن قىرنىدىشىم . ئاللا رەھمەت قىلسۇن

تۈرۈك183 2011-06-06 08:15
بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ھە!~~~~~

نۇرئەلى 2011-06-06 21:14
ياشاپكەت ئۇيخۇر

520ahsa 2011-06-06 23:14
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى sultan3837 نىڭ 2011-04-21 11:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇلۇغ ئاللاھ مەدەت بەرسۇن!!! ئۇيغۇر ئاتلق بولسا مەيلى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسۇن ئۇتۇق قازنىشڭلارغا ئاللاھدىن مەدەت تىليمەن.ياشا............ئۇيغۇر ئوغلانلىرى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كەڭ ساي ئەخلى مىنى پۇتاقچى دەپ قالماڭلا؛ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نىمىشقا پەرزەنتلىرگە ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويمايدىغاندۇ؟

ھەي....................................

شۇنى دەيمەن پائۇل دىگىنى نىمە ؟

ۋەتەن1 2011-06-13 04:53

avam0507 2011-06-13 09:51
ئۇلۇش ئالىمىمىزنىڭ پەرزەنتىگە قويغان ئىسمىدىنلا ئۈمىدسىزلەندىم، بولدى مەن پەخىرلەنمەيمەن.

ئەلشىر 2011-06-17 21:36
لىندا ، پائول دىگىنى   قانداق   ئسىم   دۇ ئۇ
ھەي ي ي ي ي

tughluk 2011-07-25 11:57
ئۇيغۇرچە ئىسمى بارئىدىغۇ بالىلىرىنىڭ .  

tarim401 2011-07-25 16:35
ھەجەپ بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرىغا كۆڭلۈم ئېلىشتى......


查看完整版本: [-- دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ئالىمى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066600 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us