<سۇبھاناللاھ>، <ئەلھەمدۇلىللاھ> دېيىش ۋە باشقا زىكرىلەرنىڭ پەزىلىتى 7#G!es
a.gMH
uL
"كىمكى ھەر نامازدىن كېيىن 33 قېتىم <سۇبھاناللاھ>، 33 قېتىم <ئەلھەمدۇلىللاھ>، 33 قېتىم <ئاللاھ ئەكبەر> دېگەندىن كېيىن <لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر> دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھى دېڭىز كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (مۇسلىم توپلىغان ھەدىس) YzM/?enK}T
O|=?!|`o
"كۈندە يۈز قېتىم <سۇبھاناللاھ ۋە بىھەمدىھى>دېگەن كىشىنىڭ گۇناھلىرى دېڭىز كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان). Hf_
p
e
rKslgZhQ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە:" پەرىشتىلەر دۇئا قىلغاندەك، كىشىلەر تەسبىھ ئېيتقاندەك تەسبىھ ئېيتمامسەن؟ ھەر كىم مۇشۇنىڭدىن رىزىق تاپىدۇ" دىۋىدى، ئۇ كىشى: "ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ قايسى تەسبىھ؟" دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:"ھەر سەھەر نامازدىن ئاۋۋال يۈز قېتىم<سۇبھاناللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىلئەزىم> دېگىن، دۇنيا ساڭا كەمتەرلىك بىلەن يۈزلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاشۇ كەلىمىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر پەرىشتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، (ئۇ پەرىشتە) تا قىيامەتكىچە (ئاللاھ تائالاغا) سېنىڭ ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىدۇ"دېدى. Gsy>"T{CY
PHIc7*_
"بەندە بىرىنچى قېتىم <ئەلھەمدۇلىللاھ>دېگەندە يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىسىنى تولدۇرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم <ئەلھەمدۇلىللاھ>دېگەندە يەرنىڭ ئاستى بىلەن يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئارىسىنى تولدۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى قېتىم <ئەلھەمدۇلىللاھ>دېگەندە، ئاللاھ تائالا:" ئەي بەندەم، تىلىگىنىڭنى ئال" دەيدۇ. Je9Z:s[
y&8`NS#_p?
رۇفائىيەتۇز زاركى مۇنداق دەيدۇ:"بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتاتتۇق، رۇكۇدىن تۇرغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:<سەمىئەنلاھۇ لىمەن ھەمىدە> دېگەندە، جامائەتتىن بىرى <رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، ھەمدەن كەسىرەن تەييىبەن، مۇبارەكەن> دېدى. نامازدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" بايىقى سۆزنى قىلغان كىم؟" دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: "ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ مەن ئىدىم" دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: "ئوتتۇزدەك پەرىشتىنىڭ ئۇنى بەس-بەستە يېزىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم" دېدى. (بۇخارى توپلىغان) vShB
26b
O_th/hl
"قۇرئان كەرىمدىكى <باقىيات سالىھات>، يەنى مەڭگۈ ياشايدىغان(باقى قالىدىغان) ياخشىلىقلار دېگەن سۆزدىن كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى <لا ئىلاھە ئىللەللاھ، سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ> دېگەن كەلىمىلەردۇر. (نەسەئى ۋە ھاكىم توپلىغان) q8/k$5E
lnjs{`^
"يەر يۈزىدىكى ئىنسانلاردىن كىمكى يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇسا گۇناھلىرى دېڭىز كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ". (ھاكىم توپلىغان) 40].:9VG
\vV
]fX
سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز بىلەن، زاھىرىي ۋە باتىنىي مەۋجۇتلۇقىمىز بىلەن ئاخىرقى نەپسىمىزدە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەيدىغان بەندىلەردىن بولۇشىمىزنى ئاللاھتىن تىلەيمىز. بۇ ئارقىلىق دۇنياغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۇنىڭغا بېرىلمەيدىغان، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ھالدا دۇنيادىن ئايرىلالايدىغان بەندىلەردىن بولايلى. ۋىسالنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ بايان قىلغانلىرىمىز زىكرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدىغان بەزى ئىشارەتلەركى، مۇئامىلە ھەققىدە بۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. pMViq0
|G6'GTwZD
بۇ تېما خان جەمەت ئۇيغۇر تور خاتىرسىدىن يوتكەلدى &;JeLL1J