باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 24484 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟
ھەقىقەت بۇ قۇرئاندا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1184
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 1502 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-25
ئاخىرقى: 2011-07-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-24 16:05

سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-24)
سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب:
بىسمىللەھىرراھمەنىرراھىيم

ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانالار بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
سېھىر ھەقىيقەتتە مەۋجۇتتۇر، سېھىر قىلىنغان كىشى سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن چارىلارنى قىلىدۇ، سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن سېھىرگەرگە يول مېڭىش ۋە سېھىر ئارقىلىق سېھىرنى بىكار قىلىش ھارامدۇر.
سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ياكى سېھىردىن مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا تۆۋەندىكىچە:
1-ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش، ئۇنىڭغا تايىنىش ۋە تەۋەككۇل قىلىش، ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىپ تۇرۇش، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ سېھىر ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەش، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن مەخسۇس دۇئا-ئايەتلەرنى ئوقۇشتۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا سېھىرنى بىكار قىلىشقىلا پايدىلىق بولماستىن تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساقلايدىغان مۇداپىيە خاراكتېرلىق مۇستەھەب ياخشى ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ](ئاللاھقا  تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر[(ئەھزاب 48-ئايەت)
]ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدەدۇر، شۇڭا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر[(ھۇد123-ئايەت)
] (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاننى ئوقۇساڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلىمىز[(ئىسرا سۈرىسى45-ئايەت).
2- سېھىر قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ماددىنى تاپقىلى ياكى ئورنىنى بىلگىلى بولسا شۇنى تېپىپ بوق قىلىۋېتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىر يەھۇدىي تەرىپىدىن سېھىر قىلىنغاندىن كېيىن جانابى ئاللاھتىن شىپالىق سورىغان، ئاللاھ تائالا سېھىرگە ئىشلىتىلگەن تاغاقنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەندىن كېيىن تاغاقنى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىن ئالدۇرىۋەتكەندىن كېيىن سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن.(سەھىھەين).
بىمار ئالدى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ جىسمانىي كېسەللىك بار يوقلىقىنى بىلىشى زۆرۈر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللىكلەردىن داۋالىنىشقا بۇيرىغان، داۋالىنىش بىلەن بىللە دۇئا ۋە ئايەتلەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ ئۇنىڭدىن شىپالىق سورىشى كېرەك.
ئەمما بىنورماللىقنىڭ سەۋەبى جىسمانىي كېسەل بولماي سېھىر تەسىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا بىمار ئۆزى ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇلارنى سۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە سۈف دەپ دېمىدە قىلىپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدىكىلەردىن بىرى ئاغرىپ قالسا ئۇنىڭغا پاناھ تىلەش ئايەتلىرىنى (قۇل ئەئۇزۇ بىراببىل فەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىراببىنناس) ئوقۇپ سۈفلەييتى، ئاخىرقى قېتىمدا ئۆزى ئاغرىپ قالغاندا- شۇ ئاغرىقى بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن- ئۇنىڭغا مەن سۈفلەپ قوياتتىم، مېنىڭ قولۇمدىن تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قولى بىلەن بەدىنىنى سىلاپ تۇراتتىم» يەنە بىر رىۋايەتتە: (قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىراببىل فەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىراببىنناس) ئايەتلىرىنى ئوقۇپ سۈفلىگەن دەپ كەلگەن(بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەلمەجمۇئ).
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۇغا ئايەت ۋە دۇئا ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ كېسەلگە تۆكسە بولىدۇ دەپ قارايتتى(ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە ئەلمۇسەننەفتە رىۋايەت قىلغان).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "بارلىق ئالىملار (تۈكۈرۈكسىز) سۈفلەپ دۇئا ۋە ئايەت ئوقۇشنى جائىز دەپ قارايدۇ، ساھابە ۋە تابىئىيلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى سۈفلەشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان"(نەيلۇل ئەۋتار).

سېھىردىن ساقلىنىشقا ۋە سېھىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا ۋە ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1-فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىھەنى ئوقۇپ بىمارنى داۋالىغان بىر ساھابىگە: «بۇنىڭ شىپالىق دۇئا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟»دېگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم). فاتىھەنى ئۈچ ياكى يەتتە قېتىم ئوقۇسا بولىدۇ.
2-بەقەرە سۈرىسى 255-ئايەت (ئايەتۇل كۇرسىي)نى ئوقۇش: ][ بۇ قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەتتۇر، بۇ ئايەتنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئايەتۇل كۇرسىينى كەچتە ئوقۇسا شۇ كېچە ئاللاھ تائالا ئۇنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا تاڭ ئاتقىچە شەيتان يېقىن كېلەلمەيدۇ»(بۇخارى).
3-كافىرۇن سۈرىسى(109-سۈرە)][ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
4-ئىخلاس سۈرىسى(112-سۈرە)] [ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
5-فەلەق سۈرىسى(113-سۈرە)] [ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
6-ناس سۈرىسى(114-سۈرە)] [ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
7-ئەئراف سۈرىسى(7-سۈرە) 117-119-ئايەتلەر.]
8-يۇنىس سۈرىسى(10-سۈرە) 79-82-ئايەتلەر. ][
9-تاھا سۈرىسى(20-سۈرە) 65-69-ئايەتلەر.]
10-بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى يەنى(ئەمەنەرراسۇلۇ 285-286-ئايەتلەرنى) ئوقۇش. ][ ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كىمكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى بىر كېچىدە ئوقۇسا ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ»(بۇخارى ۋە مۇسلىم).
11-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بۇ دۇئانى ئوقۇش:«»«ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىق ۋە دەردلىرىمىزنى تۈگەتكىن، شىپالىق ئاتا قىلغىن، پەقەت سەنلا شىپالىق ئاتا قىلغۇچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپالىق يوق»(بۇخارى ۋە مۇسلىم).
12-جىبرىيل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ قويغان بۇ دۇئاسى ئوقۇش: «»«ئاللاھنىڭ ئىسمى شەرىپى بىلەن ساڭا ئازار بېرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ زىيىنىدىن ساڭا شىپالىق تەلەپ قىلىمەن، ھەرقانداق بىر نەفسنىڭ ياكى ھەسەت قىلغان كۆزنىڭ زىيىنىدىن ساڭا ئاللاھ شىپالىق ۋە پانالىق بەرسۇن، ئاللاھنىڭ ئىسمى شەرىپى بىلەن ساڭا شىپالىق تەلەپ قىلىمەن»(ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم).
13-تەۋبە سۈرىسى 129-ئايەتتىكى بۇ دۇئانى ئوقۇش:][ ]ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[.
14-ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش:][ «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرى بىلەن مەخلۇقلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» (ئىمام مۇسلىم). بۇنى ئەتىگىنى ئاخشىمى، كېچە كۈندۈز، ئۆيگە كىرگەندە ياكى تالاغا چىققاندا ئوقۇيدۇ.
15- ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش: ][ «نامى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پاناھلىنىمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي قاتارلىقلار).
16-بۇ دۇئانى ئوقۇش: ][. «ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن گۇناھلىرىمغا مەغپىرەت، دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمنى تۈگۈتۈپ خاتىرجەم قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىم قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن» (نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە).
17-ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسىنى ئوقۇيدۇ: ][ «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»(ئەنبىيا سۈرىسى83-ئايەت. بۇ بەك خاسىيەتلىك ئۇلۇغ دۇئا بولۇپ ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دۇئانى قىلغان ھامان دەرھال ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىجابەت قىلغان. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: ]ئۇنىڭ دۇئاسىنى دەرھال ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق[ئەنبىيا سۈرىسى84-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
يۇقىرىقى دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى ۋە باشقا بارلىق چاغلاردا ئۆزىگە ئوقۇپ ھۈرۈپ سۈفلىسە بولىدۇ، قولىغا سۈفلەپ بەدىنىنى سىلىسا بولىدۇ، ياكى سۇغا ئوقۇپ سۈفلەپ دېمىدە قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، ياكى شۇ سۇدا يۇيۇنۇپ تاھارەت ئالسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنى مۇمكىن بولسا ئەرەبچە تولۇق تەلەپپۇزدا ئوقۇغىنى ئەۋزەل، ئۇنداق ئوقۇيالمىسا ئۇيغۇرچىسىنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
ياكى بۇ دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان تەقۋادار كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇلارنى بىمارغا ئوقۇتۇپ سۈفلەتسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئوقۇپ قويىدىغان كىشى سېھرىگەر ياكى پالچى ياكى داخان، رەممال بولماسلىقى، ئايال كىشى بىلەن مەھرەمسىز خالىي يەردە بولماسلىقى، ئايالنىڭ تولۇق كىيىمى بىلەن بولىشى شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك.
بۇرۇنقىلاردىن ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ، كېيىنكىلەردىن ئالۇش شەيخ (فەتھۇل مەجىيد) دېگەن كىتابىدا ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىق بەزى ئالىملار سىدىر دەرىخىنىڭ يەتتە يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ شۇ سۇغا يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئوقۇپ ھۈرۈپ ئۇنى ئىچسە ۋە ئۇنىڭدا تاھارەت ئالسا سېھىردىن ساقىيىدۇ دېگەن قۇرۇق گەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ سەھىھ ياكى ئاجىز بىر ھەدىستىن دەلىلى يوقتۇر، شۇڭا بۇنداق قىلماسلىق كېرەك.
دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن دۇئانىڭ تۆۋەندىكى ئەدەب-قائىدىلىرى ۋە شەرتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىشقا تىرىشىش لازىم:
1-خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش مەسىلەن: سەھەر ۋاقتى، ئاللاھ تائالا دېدى:]ئۇلار سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئىستىغفار ئيتىشىدۇ[ ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقى، جۈمە كۈنى، ئەرافات كۈنى، رامىزان ئېيى، سەپەر ئۆستىدىكى ۋاقىت.....قاتارلىق چاغلاردا دۇئا قىلىش.
2-خاسىيەتلىك ئەھۋاللارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش مەسىلەن: سەجدە قىلغان ھالدا، سەپەر ئۆستىدىكى چاغدا، يامغۇر ياغقان چاغدا، روزا تۇتقان كۈنلەردە، ئىپتار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئەرافات كۈنىدە، ناماز ئوقۇپ بولغاندا....
3-ئاللاھ تائالاغا ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىشىغا كەسكىن ئىشەنگەن ھالدا دۇئا قىلىڭلار»
4- دىلى بىلەن تولۇق بېرىلىپ پۈتۈنلەي ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ ۋە يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. غەپلەتتە بېپەرۋالىق بىلەن دۇئا قىلماسلىق، قولىنى كۆتۈرۈپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشمۇ يېلىنىپ دۇئا قىلىشنىڭ بىر شەكلىدۇر. بەزى ياشلىرىمىز نادانلىق قىلىپ قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى بىدئەت دەپ تۇرىۋالغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى(سەھىھەين). ئىمام بۇخارى يەنە دۇئادا قول كۆتۈرۈش دېگەن كىتابىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرقانچە ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆپ ساھابىلاردىن سەھىھ ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھايالىق ۋە سېخىدۇر، بىر كىشى ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق ياندۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ»(ئەبۇ داۋۇد)، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەقىيئ قەبرىستانلىقىغا كېچىدە بارغاندا قولىنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان»(مۇسلىم). يەنە شەيتانغا تاش ئاتقندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان(مۇسلىم). يەنە ھەزرىتى ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان(بۇخارى ۋە مۇسلىم). يەنە باشقا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بار.
5-دۇئانى ئارقا-ئارقىدىن قاشاڭلىق بىلەن قىلىش. بىر قېتىم قىلىپ توختاپ قالماسلىق. بەلكى دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دۇئا قىلسا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن تىلىسە ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تىلەيتتى»(مۇسلىم). «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ دۇئا قىلىشنى، ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئىستىغفار ئېيتىشنى ياقتۇراتتى»(ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ھىببان)
6-ھالال كىرىم بىلەن ياشاش، ھالال يەپ، ھالال ئىچىش، ھالال كېيىش. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن مۇددەت سەپەرگە چىقىپ يۈز-بېشى توپا بولۇپ كەتكەن ھالدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى پەرۋيەردىگارىم! ئى پەرۋيەردىگارىم! دەپ دۇئا قىلغان ئادەم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ يېيىشى ھارام، ئىچىشى ھارام، كىيىشى ھارام، ھارام بىلەن غىزالانغان تۇرسا دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن؟»(مۇسلىم)
7-ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاملار ئېيتىش. دۇئاسىنى يەنە ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش.
8-تاھارەت بىلەن پاك ھالەتتە دۇئا قىلىش.
9-باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا دەرھال باشقىلارنى رازى قىلىپ ھەققىنى قايتۇرۇش. گۇناھ قىلغان بولسا دەرھال تەۋبە قىلىپ گۇناھ ئىشقا قايتماسلىققا بەل باغلاش.
10-ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەتنى كۆپ ۋە توغرا قىلىش، ئاسىيلىق قىلماسلىق.
11-قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلۇغ ئەرافات كۈنىدە قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان.
12-دۇئا قىلىپ بولغىاندىن كېيىن ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاش. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى سىلىمىغىچە قولىنى پەسكە چۈشۈرمەيتتى»(تىرمىزىي-سۇبۇلۇسسالام).
13-ۋارقىراپ توۋلىماي پەسرەك ئاۋازدا دۇئا قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ]پەرۋەردىگارىڭلارغا يېلىنىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، توۋلاپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى اللھ ياقتۇرمايدۇ[(ئەئراف سۈرىسى 55-ئايەت)
14-دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قايسىڭلار ئالدىراپ كەتمىسە دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئۇ ئالدىراپ كېتىپ : دۇئا قىلسام ئىجابەت بولمىدى دەپ قالىدۇ»(مۇسلىم).
15-قىلغان خالىس ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. ھەدىستە غارغا سولۇنۇپ قالغان ئۈچ كىشى قىلغان خالىس ئەمەللىرىنى شەپى كەلتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا غارنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغاندۇر.(بۇخارى ۋە مۇسلىم).
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 ئەرەپچىسى نورمال كۈرۈنمىگەنلىكتىن قىسقارتىلدى .
مەنبە :  ئىلگىرىكى ئىسلام تورىدىن ساقلانما
 
[ hakikatتەرىپىدىن2010-12-24 16:15قايتا تەھرىرلەندى ]
«ھەقىقەت ( ئىسلام) كەلدى، باتىل ( كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن. بەنى ئىسرائىل81 - ئايەت
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-24 18:15

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.بۇ نادىرلىغۇدەك تىما بۇپتۇ.
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 13:21

ئىشلىتىش
引用第4楼hakikat于2010-12-24 18:19发表的 :

ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، تورتاقىلىشتىن ئىلگىرى ئىسلام مۇنبەرلىرىدىن ساقلاپ قويغان خېلى كۆپ ماقالىلەر بار . باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپلا بەرسە ئايىماي يوللايمەن .

يوللاۋرىڭ بۇرادەر. قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۇن باشقىلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قارىماي يوللاۋېرىڭ.