جادىگەر ئىزدەش خاتادۇر.
(ئا س نەۋرۇز)
جادىگەر ئىزدىگۇچى زىياندا --سۈرە فەلەق.
جادىگەر----مۇنەججىم، سېھرىگەر، رەمچى، پالچى، تۇلكىچى، كاھىن، سۇفچى موللا، غەيۋەتچى، دەمچى، سۇخەنچى، گەپ توشۇغۇچى، قۇرۇق شۇئارچى بىراق جادىگەرسانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭلا قولىدىن ھەممە ئازاب كېلىدۇ ۋە ئازابنى كوتىرۋېتىش كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشەنگەنلەر بىر ئاللاھقا ئىشەنمىگەن بولىدۇ. بىر ئاللاھدىن باشقىغا ئىشەنمەسلىك. بىر ئاللاھدىن باشقىدىن ئۇمۇت كۇتمەسلىك. ھەممە ياردەمنىڭ، مۇھتاجلىقنىڭ ئىگىسى ئاللاھلىقىنى تونۇش (تەۋھىد) دىيىلىدۇ.
تەۋھىدى ئاجىز ئادەم ئۇلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۆزگە زىيىنى بولىدۇ.
مىللەتنىڭ خارلىقتا قېلىشى ئاشۇ سۈرە فەلەقنىڭ ئايىتىنى ئوقۇپ تەۋھىدكە كەلمىگەنلىكى. تەۋھىد ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. نىمە ئۈچۈن مۇنبەرداشلار مۇشۇ يالغانغا ئىشىنىپ قالىدۇ. تەۋھىد ئاساسى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. قانداقتۇر ئەرەب موللىلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن. ئاللاھقا ئىشىنىپ نامىزىمىزنى ئادا قىلايلى، يېڭىسىدا نەپلە بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشايلى....ئاللاھ ھاياتتۇر. دىلىڭلارغا ئىزنى بىلەن توغرىسىنى بىلدۇرىشكە يېتەرلىكتۇر، قادىردۇر.
ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭلار، قۇرئانغا ئىلتىجا قىلىڭلار. ئاللاھقا ۋە قۇرئانغا ئىلتىجا قىلغۇچى ئىش باشىغا(ھۈنەر كاسىپقىمۇ) ئىلتىجا قىلىڭلار....ئاندىن خاتالاشمايسىلەر. دىلىڭلار يورۇغاندا ئىشىڭلار(ئەمىلىڭلار) ئوڭلۇققا ۋە ساۋاپقا يۇزلىنىدۇ.
ئاللاھقا تەۋھىدى ئاجىز بالىلار ئاللاھ زېمىننى ھەق ئاساستا( راست ۋە بار ئاساستا ) ياراتتى ئايىتىگە ئىمان ئېيتمامدۇ. يالغانغا ئىشىنىش تەۋھىد ئاساسىمىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزدىن شەيتاننىڭ تېيىلدۇرىشى بىزگە خارلىق (زىيان) ئېلىپ كېلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئېيتىم. بارغا ئىشىنىڭلار. يوققا ئىشەنمەڭلار. مېنى بىرى< تەۋھىد ئاساسى ئاجىز دىسە> مەن ئاللاھقا نەپلە نامىزىمدا ئىلتىجا قىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇ سۆزنى ئېيتسام سىلەر تەۋھىد ئاساسىڭلار ئاجىز بولغاچقا مېنى تىللايسىلەر پۇتاق تاپىسىلەر...بىلسەڭلار شەيتاننىڭ ئەمىلى شۇ ئىدى. مۆمىننىڭ ئەمىلى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇياتچانلىق(كەمتەرلىك<پ>، سەبرىدە<ئە> سۈرە ئەسىرگە قاراڭ) بىلەن تۇرۇشتۇر. شۇڭا مۆمىن مەنمەنچى ئەمەس. بەلكى ئاللاھ دىلىغا سالغاننى يالغاننى قوشماي بانى سۆزلەيدۇ.
بانى سۆزلىسە خاپىلايسىلەر...ئاللاھ بانى( راسىت<پ>، ھەقنى<ئە>) ياراتتى، يوقنى ئۆزىمىز شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن توقۇۋالىمىز. شۇڭا بىزنى ئاللاھ خار(زىياندا<پ>، شەرىدە<ئە>) قىلدى. قانداقلىكى ئەپسۇن بولسا ئىشىنىۋېرىدىغان ئىسمىمىز ئەرەپچە تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپى ئەرەپچە پارىسچە...تېخى خەنچىمۇ بولۇشقا باشلىدى. كىيىنىشىمىز ئەرەپچە، خەنچە، ياۋروپاچە بولىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۆز تونىمىزنى كىيىمىز...بولمىسا باشقا كىيملەر سەت كۆرىنمەيدۇ...تىلفۇن نومىرىنى خەنچە دىيىش چىرايلىق كۆرىنىۋاتىدۇغۇ ئەنە.ئاللاھ خالىمىدى دىگەنلىك شۇ، شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىمىدى دىگەنلىك شۇ...گۇمراھلىق دىگەن مانا شۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا چوڭچىلىق قىلىپ پۇتاقلاش، ھەق يازمىنى ئۆچۈرۈش مەخلۇقاتقا، مۇھاببەت باغلاش ئاللاھدىن بىزنى يىراقلاشتۇرماقتا. يوققا ئەقىدە باغلاشقا ئاللاھدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارماقتا.
http://torsodisi.blogbus.com/ مەرھابا
ئاۋال پەيغەمبىرىمىزدەك قۇرئاننى ئوقۇڭلار، نامازنى ئوقۇڭلار، ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراڭلار. قۇرئان،ناماز، زاكات-سەدىقە مۇتلەق قىيىن ۋە جاپالىقتۇر(تەقۋاسىزلارغا<ئە>، مۇنتەقىيىن<ئە> بولمىغانلارغا، نەپسىدىن<ئە> پاكلىنىشنى خالىمىغانلارغا). ئاللاھقا يۇزلەنگۇچىگە بەكمۇ ئاسان ۋە كۆڭۈللۇكتۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئارقىدىن مەھكەم ئەگىشىڭلار، ئۇ بىردىنبىر ئىنسانىي ئۇلگىمىزدۇر. شۇندىلا ساختا بىلەن راستنى ئايرىشقا ئاللاھ دىلىڭلارغا ئىزنى بېرىدۇ. بولمىسا كۆرىۋاتىسىلەر تىلى، مىللىتى يوقىغانلارنى شۇنداق بولىمىز. دىن تالاشمىسى قىلماڭلار، ئىختىلاپقا مۇھاببەت باغلىماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ساقلىشىچۈن ئاللاھقا يۇزلىنىڭلار.
ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرىلىشى ۋە ھالاكىتى باتۇر، تەڭرىقۇتلىرىمىزگە بەرگەن تەڭرى(ئاللاھ ) قۇت بەرگەن ئەجدادىمىز شىمال ۋە جەنۇپ يايلاقلىرىدا بېشى بارنى بوي سۇندۇرغان پۇتى بارنى تىزلاندۇرغان. بىزچۇ....بىر قىسىملىرىمىز بەزىلەرنىڭ ئاللاھنى ئۇنۇتقاننى ئازدەپ شېرىك ئىزدەپ ئاۋارە! بىز خار قالدۇق! ئاللاھ ئېھتىياجىمىزنى بېرىشكە قادىردۇر. گەپ بىزنىڭ ھەقىقىي شېرىكسىز يۇزلىنىش ئەمىلىمىزنىڭ يوقلىقى.
http://torsodisi.blogbus.com/ مەرھابا
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-05-31 11:30قايتا تەھرىرلىدى ]