سېغىندىڭمۇ
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
باھار كەلدى، مەن كەلمىسەم سېغىندىڭمۇ؟
قارلىغاچقا جۆر بولمىسام سېغىندىڭمۇ؟
گۈل ئىچىلدى، گۈل بەرمىسەم سېغىندىڭمۇ؟
يوللار يىراق بىر كەلمىسەم سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، تۈندە سىنى چۈشەپ قالسام،
ئويغانغاندا يالغۇزلۇقتىن جۈدەپ قالسام.
سېغىنىمەن، بىر جۈپلەرنى كۆرۈپ قالسام،
چۈشلىرىڭگە كىرگىنىمدە سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، ئالبۇمىمنى ئاچقىنىمدا،
سۈرىتىڭگە لەۋلىرىمنى ياققىنىمدا،
سېغىنىمەن، ھەر سۈرەتكە باققىنىمدا،
سۈرىتىمنى كۆرۈپ سەنمۇ سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، ئەسلەپ سىنى يىراقلاردا،
ئاسانمۇ يار كۆيۈش شۇنداق پىراقلاردا.
سېغىنىمەن، ياش ئەگىيدۇ زىناقلاردا،
سەنمۇ شۇنداق ياشلار تۆكۈپ سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، باغلار ئارا تەنھا قالسام،
بىز كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى ئەسكە ئالسام.
سېغىنىمەن، كوچىلاردا يالغۇز ماڭسام،
قولتۇقلىشىپ ماڭغان يولنى سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، ئەپسۇس ئىزلەپ بارالمايمەن،
<<يۈسۈپ>> كەبى تاغ تاشلارنى يارالمايمەن.
سېغىنىمەن، بۇنىڭدىن ھېچ تانالمايمەن،
دىدار نىسىپ بولمىسىمۇ سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، سېغىنىشتا ئۆتەر كۈنۈم،
ئەسلىگەندە ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەپ ئۆزۈم.
سېغىنىمەن، ئاھلىرىمنى ئاڭلا گۈلۈم،
مەن سېغىنسام سەنمۇ مىنى سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، ھەمراھ ماڭا بىر تولۇن ئاي،
ئەستىن چىقماس بىز كۆرۈشكەن شۇ كونا جاي.
سېغىنىمەن، ئۆتسە ياز، قىش مەيلى يىل، ئاي،
ئايغا قاراپ يەنە مىنى سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، كېچىللىرى ئۇخلىيالماي،
ئارمانلىرىم رېئاللىقتا بىخلىيالماي.
سېغىنىمەن، ئايدىڭ ئاخشام بىر بولالماي،
يالغۇز كېچە سەۋدايەڭنى سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، شۇ ھىجىراندا تولغىنىمەن،
چۈشلىرىمدىن يىغلامسىراپ ئويغىنىمەن.
سېغىنىمەن، بۇ نە ئۈچۈن؟ ئويلىنىمەن،
چەكسىز خىيال ئىچىرە مىنى سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، بىز كۆرۈشكەن ئايدىڭ ئاخشام،
ئاڭلاندىمۇ سېغىنغاندا ئېيتقان ناخشام.
سېغىنىمەن، ۋۇجۇدۇمدا كۆيەر بىر شام،
شۇ ئوت سىنى كۆيدۈرگەندە سېغىندىڭمۇ؟
سېغىنىمەن، سۆيگۈ دىگەن بەلكى شۇدۇر،
سېغىنىشنى<<بەخىت>>دېگەن زادى كىمدۇر؟
سېغىنىمەن، سىناق دېگەن<><ئۆتكەن كۈندۇر>>،
بىزنى سۆيگۈ سىنىغاندا سېغىندىڭمۇ؟

2010-يىلى 7-ئاپىرىل چارشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
ئەسكەتىش: ئەسەرلرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!

[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-17 10:48قايتا تەھرىرلە ]