بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئاسىيا قىتئەسىدەياشىغان خەلقلەر ئىچىدەدۇنيا تارىخىغا ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان، ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاساسىي يەرلىك خەلقى بۇلۇپ، ئۇلار بارا-بارا كۆپىيىپ غەربتە قارا دېڭىز، شەرقتە ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان. Q"\[ICu!,
ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى زامانلاردا دۇنيانىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ياشىغان بۆلەكلىرى قاتناش ئالاقىلىرىنىڭ ئەپسىزلىكى سەۋەبىدىن ، ئۆز ئارا قۇيۇق ئالاقە قىلالماي، ئايرىلىپ ياشىغان. ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ياشىغان رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ( ھاۋاسى، تۇپراقلىرى،سۇلىرى، تاغلىرى، ئورمانلىرى، يايلاقلىرى، دالالىرى قاتارلىقلار)مۇ ھەرخىل بولغان. تۈرلۈك جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىمۇ بىر-بىرىدىن پەرىقلىق بولغان. ئاسىيانىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى جايلارنىڭ كۆپچىلىك قىسمىدا ئاساسەن تۆت پەسىل بۇلىدۇ. ($-o"y"x
ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئادەم ياشايدىغان جايلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى قىش پەسلىدە بەكمۇ سوغۇق بۇلۇپ، ياز پەسلىدە سالقىن بۇلىدۇ. ئاسىيانىڭ تروپىك بەلباغدىكى رايونلىرىدا تۆت پەسىل تازا ئېننىق بولمايدۇ. مەسلەن: ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا ئەنە شۇنداق بۇلىدۇ. يۇقىرقىدەك سەۋەبلەرگە كۆرە، ئىپتىدائىي دەۋىردىن باشلاپلا، يەر يۇزىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىرققا مەنسۈپ بولغان، خىلمۇ خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، تۈرلۈك دىنلارغا ئتىقاد قىلىدىغان ئىرقلار ۋە خەلقلەر پەيدا بولغان.ئىنسان ئىرقلىرىئىچىدىن ئەڭ مۇھىملىرى ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئىرقلار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىر-بىرىدىن، تېرىسىنىڭ رەڭگى، چېچىنىڭ قانداق رەڭدە ۋە قانداق ھالەتتە بۇلۇشى، چىراي شەكلى، تەن تۈزۈلىشى بىلەن پەرىقلىنىدۇ.ئاسىيادا ياشاۋاتقان ھازىرقى خەلقلەر قان سىستېمىسى ۋە ئىرقىي خۇسۇسىيەتلىرى بۇيىچە ئاساسەن ئاق تەنلىك،سېرىق تەنلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ھىندىلار، پاكىستانلىقلار، ئافغانلار، ئىرانلىقلار، تۈركلەر، ئەرەبلەر، ئۇيغۇرلار، تاجىكلار ۋە باشقىلار ئاق تەنلىككە كىرىدۇ.ئانتروپولوگىيەئۆلچەملىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاق تەنلىكلەرنىڭ تېرىسى ئاق ، چاچلىرى قىزغۇچ ياكى سېرىق، ياپما ھالەتتە( تىك ياكى بۈدۈر ئەمەس) بۇلىدۇ. بۇرنى قاڭشارلىق، كۆزلىرى چوڭقۇر بۇلۇپ كۆز رەڭگى تولىراق كۆك، قۇڭۇر( قوي كۆز ) كېلىدۇ. ھىندىلارنىڭ تېرىسى بۇغداي ئۆڭلۈك. ھىندى،ئىران ، گېرمان خەلقلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ئارىئانلار مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن ھىندىستانغا كۆچكەندە، ئۇلارنىڭ تېرىسى ھازىرقى ھىندىلارنىڭكىدەك بۇغداي ئۆڭلۈك بولمىغان،ئۇلار ھىندىستانغا يەرلەشكەندىن كېيىن، شىمالىي ياۋرۇپانىڭ كىلىماتىغا قارىغاندا خېلىلا دەرىجىدە ئىسسىق بولغان ھىندىستان كىلىماتىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇغداي ئۆ ڭلۈك بۇلۇپ ئۆزگەرگەن. "8N]1q:$4
5s0H4 ?S
ئاسىيا قىتئەسىدەياشايدىغان سېرىق تەنلىكلەرگە، خەنزۇلار، ياپۇنلار، چاۋشيەنلىكلەر، موڭغۇللار،مانجۇلار ۋە باشقىلار كىرىدۇ. سېرىق تەنلىكلەرنىڭ تېرىسى ساغۇچراق، چاچلىرى قارا ۋە تىك ھالەتتە بۇلۇپ، كۆزلىرى كىچىك ۋە قارا ،بۇرنى پاناقراق كېلىدۇ. b"J(u|Du`
+Q{jV^IT9
گ.گارژىمايلۇ قەدىمكى چاغلاردا جەنۇبى سىىبىرىيە( بايقال ئەتراپلىرى) دە ياشىغان شەرقىي تۇرالار توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:<< تۇرالار تۆۋەندىكى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە: ئۇلارنىڭ كۆپچىلىگى ئوتتۇرا بوي كىلىدۇ، قىسمەنلىرى ئېگىز بويلۇق، ئۇلارنىڭ تېنى كۈچلۈك- ساغلام، پۇختا كېلىدۇ، يۈزلىرى سوزۇنچاق، رەڭگى قىزغۇچ ئاق بۇلۇپ، چاچلىرى ساغۇچراق،بۇرنى قاڭشارلىق،تۈز بۇلۇپ، كۆپرەكىنىڭ بۇرۇن ئۇچى ئىلمەك كېلىدۇ، كۆزلىرى كۆكۈچ.>> تارىخى خاتىرلەرگە ئاساسلىنىپ چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈم كېيىنكى چاغلاردا ئارخېئو لوگىيە جەھەتتىنمۇ ئىسپاتلاندى. :Y"f.>
%Dy
a-
ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مەسىىلىنى ئەتراپلىقراق چۈشەندۇرۇش ئۈچۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇنلار، ساكلار، تۈركلەر بىلەن بولغان قان قېرىنداشلىقى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ. e-Eoe_k
jn]{|QZ
ئەپسانەۋە رىۋايەتلەر
#[2]B8NZ
m(?M]CH(A
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا يەھۇدىلار، يۇنانلىقلار، ئىرانلىقلار،تۈركلەر ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى يىلنامىلىرى ھەم داستانلىرىدا بىرقاتار ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر خاتىرلەنگەن. ئەلۋەتتە ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرگە ئاساسلىنىپ تارىختىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر تارىخى چىنلىقنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپمۇ بېرىدۇ. شۇڭا، بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشنىڭ زىيىنى يوق.يەھۇدىي رىۋايەتلىرىدە، نوھ پەيغەمبەرنىڭ تۈرك دېگەن بىر ئوغلى بۇلۇپ، تۈركلەر شۇنىڭ ئەۋلادى دېيىلىدۇ. !\CoJ.5=
يەھۇدىيلار بۇ رىۋايەت ئارقىلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چېقىشىنى ئۆزلىرىگە باغلايدۇ.ئىرانلىقلارنىڭ رىۋايىتىدە، بىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىمىز بولغان ئالپ ئەرتۇڭا ( ئەخرا سىياب ) نى ئىراننىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى سىياۋۇش بىلەن تۇغقان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى يوق. چۈنكى يەھۇدىي ۋە ئىرانلىقلارنىڭ تۈركلەر توغرىسىدىكى بۇرىۋايەتلىرى تەۋرات بىلەن شاھنامىدىكى قىلچە رېئال ئاساسى بولمىغان ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى MOd
odyG
توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىر قەدەر تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدىغىنى<<ئوغۇزنامە>> داستانى بولسا كېرەك. |nB2X;K5~
ھونلار ئىمپېريىسىنىڭ( مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 216-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى( مىلادىدىن 240 يىللار بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 48 يىلىغىچە) باتۇر تەڭرىقۇت( مىلادىدىن 209-يىلى بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 175يىل بۇرۇنقى چاغقىچە تەڭرىقۇت بولغان) نىڭ دەۋرى بولدى. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھونلار ئىمپېريىسى مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدرەت تاپتى. شۇنىڭ ئۈچۇن تۈرك خەلقلىرى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ھۆرمىتى ۋەشان-شۆھرىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈش مەقسىتىدە<< ئوغۇزنامە>> داستانىنى يارىتىپ، ئۇنىڭدا، باتۇر تەڭرىقۇتىنى ئىلاھىيلاشقان بىر ئەپسانېۋى قەھرىمان دەرىجىسىگە كۆتۈردى.<< ئوغۇزنامە>> داستانىدا باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ياۋرۇپاغا قەدەرقىلغان يۈرۈشلىرى، ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جايلارنى تامام ئىشغال قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دېمىسىمۇ باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن 177يىل بۇرۇن غەرىبكە قىلغان يۈرۈشلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، كاسپى دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە بارغان ئىدى. ?%F*{3IP
<<ئوغۇزنامە>> داستانىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:<< بىركۇنى ئاي خاننىڭ كۆزى يورۇدى. بىر ئوغۇل تۇغدى، ئوغۇلنىڭ چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى.كۆزلىرى كۆك، ئاغزى چوغدەك قىزىل ئىدى. ئۇ ھۈر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىق ئىدى....... ئۇنىڭ پۇتى بۇقىنىڭ پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. ئۇ يىلقىلارنى باقاتتى، ئاتلارغا مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتى. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەرمۇ ئۆتۈپ ئۇ يىگىت بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان تەڭرىگە سېغىنىۋاتاتتى، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ ئاسماندىن بىر كۆك نۇر چۈشتى. بۇ نۇر كۈندىنمۇ نۇرلۇق، ئايدىنمۇ يورۇق ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇ نۇرنىڭ ئىچىدە بىر قىز بارلىقىنى كۆردى، قىز تەنھا ئولتۇراتتى. ئۇ قىز ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ پېشانىسىدە ئاتەشتەك نۇرلۇق بىر مېڭى بۇلۇپ،بۇمېڭى قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشىشاتتى . بۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە كۆك تەڭرىمۇ قۇشۇلۇپ كۈلەتتى،يىغلىسا كۆك تەڭرىمۇ بىللە يىغلار ئىدى. !XQG1!|ww
ئوغۇزخان بۇ قىزنى كۆرۈپلا، ئەس-ھۇشىنى يوقاتتى. ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇلۇپ، ئارمانىغا يەتتى. قىز ھامىلدار بولدى. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى ۋە ئۈچ ئوغۇل تۇغدى، تۇنجىسىغا كۈن، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى. 5nQ*%u\$Z
بىر كۈنى ئوغۇزخان ئوۋغا چىقتى، ئۇ ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر دەرەخ كۆردى، دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىن كۆكرەك،چېچى خۇددى دەريا سۈيىدەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك ئىدى. \_qiUvPf\
ئوغۇزخان ئۇنى كۆرۈپلا، ئەس-ھۇشىنى يوقاتتى، يۈرۈكىگە ئوت تۇتاشتى، ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالدى ۋە ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇلۇپ تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى، ۋە ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. noV]+1#"V
تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى....>> . TdlF~ca|
aj85vON1`
بۇ تەسۋىرلەردىن ئوغۇزخاننىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلغانلىقى ئېننىق كۆرۈنىپ تۇرىدۇ. << ئوغۇز نامە>> داستانىدىكى ئوغۇزخانىنىڭ ئككى ئايالىدىن تۇغۇلغان ئالتە ئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئوغۇزلارنىڭ 24ئۇرۇقىنىڭ ئەجدادى قىلىپ كۆرسسىتىلىدۇ. ,~p'p)
ئىران تارىخچىسى رەشىدىددىننىڭ<< تارىخلار جەمئىيسى>> ناملىق ئەسىرىدە كەلتۈرۈلگەن ئوغۇزخان رىۋايىتىدە ئوغۇزلارنىڭ24 ئۇرۇقىنىڭ ئەجدادى ئوغۇز خاننىڭ ئالتە ئوغلى، دېيىلگەن. :%~+&q
S
<< ئوغۇزخان ئۈمۈرىنىڭ ئاخىرىد، ئۆزىنىڭ ناھايتى ئەقىللىق ۋەزىرى( ئۇلۇغ تۈرك) نىڭ ئاجايىپ بىر چۈش كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلۇغ تۈرۈك كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر چۈش كۆردى: ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈنچىقىشتىن تاكى كۈنپېتىشقىچە تارتىلغان. ئۈچ كۈمۈش ئوق بولسا، شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇلۇغ تۈرك ئويغىنىپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئوغۇزخانغا ئېيتىپ بەردى. ئوغۇزخان بۇ چۈشكە ئۇلۇغ تۈركنىڭ بەرگەن تەبىرى ۋە مەسلىھىتىگە ئاساسلىنىپ، كۈن ، ئاي، ئۇلتۇز ئاتلىق ئۈچ ئوغلىنى شەرققە، كۆك، تاغ،دېڭىز ئاتلىق ئۈچ ئوغلىنى غەربكە ئەۋەتتى. ئالتە ئوغلى ئۆزى بارغان تەرەپلەردە ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ ئۆزلىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن نەرسىلەرگە ئۇچرىدى، كۈن ،ئاي، يۇلتۇز ئاتلىق ئوغۇللىرى يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى. ئالتۇن يانى ئاتىسى ئوغۇزخانغا ئەكىلىپ بەردى. كۆك،تاغ،دېڭىز ئاتلىق ئوغۇللىرى ئۇچ كۈمۈش ئوق( ئوقيانىڭ ئوقى) تېپىۋالدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنى ئوغۇزخانغا ئەكىلىپ بەردى. ئوغۇزخان ئالتۇن يانى ئۈچكە بۈلۈپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئاتلىق ئوغۇللىرىغا بەردى. ئۈچ تال كۈمۈش ئوقىنى كۆك، تاغ، دېڭىز ئاتلىق ئوغۇللىرىغا بەردى. ( << ئوغۇزنامە>> داستانىدىن) . HNu/b)-Rb
T1.`*,t)=
ئوغۇزلارنىڭ24 ئۇرۇقى ئككى چوڭ تارماققا بۈلۈنىدۇ. بىرى بوز ئوق تارمىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار، ئوغۇزخاننىڭ ئالتۇن يانى بۇزۇپ( سۇندۇرۇپ) ئۈچكە بۈلۈپ تەقسىملەپ بەرگەن ئۈچ ئوغلى ( كۈن، ئاي، يۇلتۇز ) نىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ. قالغان 12ئۇرۇق ئۈچ ئوق دەپ ئاتىلىپ ، ئوغۇزخاننىڭ ئۈچ تال كۈمۈش ئوقىنى تەخسىملىۋالغان ئۈچ ئوغلى ( كۆك،تاغ، دېڭىز ) نىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ. RBd{1on
%}t.+z(S
ئىران تارىخچىسى رەشىدىددىننىڭ << تارىخلار جەمئىيسى >> ناملىق بۇ ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ( ئوغۇز داستانى بۇيىچە) ئوغۇزلارنىڭ24 ئۇرۇقىنىڭ ناملىرى مۇنداق بولغان: Q&S\?cKe
ئوغۇزخان ,{!~rSq-l
ئۈچ ئوقلار _________ بوز ئوقلار gh>'O/9
كۆك____ تاغ____ دېڭىز} {كۈن_________ئاي____يۇلتۇز ppH5>Y
6c
بايىندىر____سالۇر___ئېگدىر} {قاي________يازگىر____ئاۋشار ,R_ KLd
جۇۋۇلدۇر___ئالابونتلو__بۆگدوز} {بايات______دۇدۇرغا____بەگ دېلى :\[W]
چېبنى____ ئەيمور__ئېۋا } {ئاق ئىۋلى___دوگىر_____قارقىن Ad !=
*n
پېچەنەك____ئورىگىر__قېنىق } {قارا ئىۋلى___ياپارلۇ_____چارۇقلو !.9pV.~
}+ ";W) R
<< بوز ئوقلار>> ئوغۇزلارنىڭ ئوڭ قانىتىنى، << ئۈچ ئوقلار >> ئوغۇزلارنىڭ سول قانىتىنى تەشكىل قىلاتتى. IO3`/R-
بۇ شەرقىي ئويغۇرلارنىڭ ناھايتى چوڭ بىر تارمىقى بولغان ئوغۇزلار توغرىسىدىكى مەلۇمات بۇلۇپ، شەرقىي ئوغۇزلار ئۇيغۇر قاغانلىقى تەركىبىدە ئىدى. aD)XxXwozm
ھازىرقى زاماندىكى بەزى ئاتاقلىق تارىخشۇناسلار ئوغۇزخان رىۋايىتىدىكى ئوغۇز خاننىڭ دادىسى قارا خاننى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ دادىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئۆزى دەپ ھىساپلايدۇ. r,F
~Vwa}
مىلادىنىڭ 840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار مۇڭغۇلىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەندە، شەرقى ئوغۇزلار ئېرتىش، بالقاش ئارال كۆللىرىنىڭ بويىغا كۆچتى. مەھمۇد قەشقەرى مانا شۇ ئوغۇزلارنىڭ كۈچەيگەن چېغىدىكى(1040_1157) قەبىلىۋى ئەھۋالىنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ: << ئوغۇزلار _ تۈرك قەبىلىلىردىن بىرىدۇر. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار 22ئۇرۇققا بۇلۇنىدۇ. ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى_ماللارغا باسىدىغان تامغىسى بار >> دەيدۇ. مەھمۇت قەشقەرى ئوغۇز قەبىلە ئۇرۇقلىرىنىڭ سانىنى22 دەپ، ئۇ قەبىلىلەرنىڭ نامىنىمۇ بىر_ بىرلەپ ساناپ ئۆتىدۇ. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان24 ئۇرۇقنىڭ نامى مەھمۇد قەشقەرى ئاتىغان ئوغۇز قەبىلە ئۇرۇقلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. مەھمۇد قەشقەرى پەقەت ئككى ئۇرۇقنىڭ نامىنى يازمىغان خالاس. "f/91gIzm'
R&Mv|R
8/ lv, m#
hF`e>?bN
مەنبە: تارىخى كىتاپلاردىن ئېلىندى. %J)n#\
8z,i/: