باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13725 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 147
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە147دانە
ئۆسۈش: 510 %
مۇنبەر پۇلى: 1894 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2011-12-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-22 15:12

دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-22)
                                            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بارلىق مۇسۇلمانلارغا

يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە ئىسلامىي تىمىلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ،بەزى ئىنسانلار ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان تىمىلارمۇ بارلىققا كىلۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھيتىنى چۇشەندۇرىدىغان تىمىلار ئاز، شاخچە مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىش كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىسىز بولغان بىر ئىش. بۇلۇپمۇ بەزىبىر ‹بىدئەت› ئاتالغۇلىرىنى بەكمۇ تەرەققىيلاشتۇرۋاتىمىز. چوڭ بىدئەت بىلەن كارىمىز يوق كىچىك بىدئەتلەرنى نىشانغا ئېلۋاتىمىز. بەزىلىرىڭلار بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق دىيشىڭلار مۇمكىن. خۇددى گۇناھلارنىڭمۇ چوڭ كىچىكى بولغىنىغا ئوخشاش بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى بۇلىدۇ. بەزى بىدئەتلەر تەرەققىي قىلىپ شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتلەر. بۇ بىدئەتلەر جەزمەن تازلىنىشقا تىگىشلىك بىدئەت. يەنە بەزى بىدئەتلەر باركى تەرەققىي قىلالمايدىغان بىر ئىزدىلا داۋام ئىتىدىغان بىدئەت. بۇ بىدئەتكە ئېسلىۋالمىساقمۇ بۇلىدۇ. بۇنداق بىدئەت ئىتقاد تۈزلەنسە،ئىمان-ئىسلامنىڭ ھەقىقىيتى ياخشى چۈشەندۇرۇلسە ئۆزلىگىدىن يۇقايدۇ. ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا كىرگىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئىسلام دىنى يۇقمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇيۇ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.مۇسۇلمانچىلىقنى پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن،يىلدا بىرە ئاي رۈزا تۇتۇپ ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ئۇقۇغانلىقى ئۇچۇنلا ئۆزىنى ‹مەن مۇسۇلمان›دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ قۇرۇق خىيال. شەھىد سەييىد قۇتۇپ ئۆزىنىڭ رىسالىلىرىدە ‹سىنىڭ ئەرەپ تىلىدا سۆزلىگەنلىكىڭ،ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇرمەيدۇ› دىگەن. بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ‹مۇسۇلمان› تەخەللۇسىنى قوللىنىۋالغانلار بىلەن كارىمىز يوق.ئۇلار نىمە قىلسا ئۇنى توسمايمىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز. مەسچىتكە كىرگەنلەرگە ئارلىشىۋېلىپ‹ئىشتىنىڭنى ئۇزۇن كەيدىڭ،يالاڭباش مەسچىتكە كىردىڭ› دەپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۋاتىمىز.كىشىلەر پەرزۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك ئېتپ يېقىن كەلمەيۋاتسا ئۇلارغا مۇستەھەپ،سۇننەت ئىشلارنى تېڭىپ ئۇلارنى قاچۇرۋېتىش ئەخمىقانىلىك بىر ئىش.

قېرىنداشلار:كۈچنى پەرزگە مەركەزلەشتۈرۈڭلار،ۋاجىبنى ئاساس قىلىڭلار.سۈننەت ۋە مۇستەھەپكە كۆپ كۈچەپ كەتمەي ئىسلام ئەقىدىسىگە بەكرەك ئېسلىڭلار.

كىشىلەر پەرزنى تۇلۇق چۇشۇنۇپ بولغاندا ئاندىن سۇننەتنى چۇشەندۇرسەكمۇ كىچىكىپ قالمايمىز. زىيالىيلارغا زىيالىي ئەقىل بىلەن خىتاب قىلىڭلار.ئىسلامنى چىرايلىق كۆرسىتىڭلار،ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنىيتى توغرىسىدا كۆپرەك توختۇلۇڭلار. ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.بەزى خاتالىقلارنى قىلىپ سالغانلارغا كۈيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئىسلام سېپىگە قايتۇرۇپ كىلىڭلار. دۇختۇر كىسەلگە قانداق مۇئامىلە قىلسا سىلەرمۇ خاتالاشقۇچىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. ھەر ۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇنۇسۆزىنى ئەستىن چىقارمايلى. {ئاسانلاشتۇرۇڭلار،تەسلەشتۇرمەڭلار.خۇش بىشارەت بىرىڭلار،ھۈركىتىۋەتمەڭلار ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار}.

قېرىنداشلار سىلەرگە دۇكتۇر يۇسۇف قەرداۋىينىڭ ‹فىقھۇلئەۋلەۋىيات› دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۇۋەندە يۇسۇپ قەرداۋىينىڭ دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خىتابىنى يەتكۈزىمەن.

1.مۇسۇلمانلارنىڭ دوسلۇقى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۇچۇنلا بۇلىشى: مىللەت،سىياسى تۈزۈم،ۋەتەن،پارتىيە ۋە شەخسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە،دىنغا يىراق يېقىنلىقىغا قاراپ بۇلىشى لازىم

2.ھەرقانداق مەسىلىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى،پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۇننتىنى،ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشىنگەن،ئىسلامدىن ئەسىرلەر بۇيى بىدئەتلەرنى ،باتىل قاراشلار ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىش لازىم.

3.دەۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ھەرۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇئاز بىلەن ئەبۇ مۇسا نى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا قىلغان مۇنۇ نەسھىتىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم

مەن سىلەرگە بۇ نەسھەتنى تەۋسىيە قىلىمەن‹ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قىيىنلاشتۇرماڭلار.كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار،قاچۇرۋەتمەڭلار....› دەۋرىمىزدىكى ئالىم ،دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز بۇ نەسھەتكە نەقەدەر مۇھتاج ھە.........

بۇنداق دىگەنلىك دەۋەتچىلەرنڭ شۇئارى زوراۋانلىق ئەمەس مۇلايىملىق. رادكاللىق ئەمەس ،ئەپۇچان بۇلۇش لازىم.ئاللاھ مۇئامىلىدىكى يۇمشاقلىقنى سۈيىدۇ. مىنىڭ ئەپۇچانلىقنى كۆزدە تۇتقىنىم،پەرئى(شاخچە مەسىلىلەر)بۇلۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇسۇل ۋە غايىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ. كىشىلەر بىلەن مانا بۇ قائىدە ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

4.پەرزلەرنى ئادا قىلىپ گۇناھى كەبىرلەدىن يىراق بولغانلارنى بىزنىڭ دوستىمىز دەپ سانىشىمىز،بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇپ قۇيشىمىز لازىم.گەرچە ئۇلاردا ئۆزلۇكسىز داۋاملاشمايدىغان بىر قىسىم مەكرۇھ ئىشلار،كىچىك گۇناھلار بولسىمۇ ئۇلارنى دوست ساناپ ياخشى ۋەز نەسھەت قىلىپ پكىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توغرا يۇلنىشتە بۇلىشىمىز لازىم.

5.ئىتىپاق كەلگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ ،ئىختىلاپلىشىپ قالغان جايلاردا بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىز لازىم.دەۋەتچى ئالىم ئۇلىما قېرىنداشلىرىمىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئالاقىلىشىپ تۇرشىمىز لازىم.ئىسلام ئۇلىمالىرى قوللۇغۇچىلىرى بار،تەسرى كۇچى بار كىشىلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق رايۇن ياكى بىر جايدا بىرلىشىشى،ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۇنتايىن زور كۇچنى شەكىللەندۇرىدۇ.

مانا يۇقارقى 5جۇملە سۆز پۇتۇن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ رەئىسى دۇكتۇر يۈسۈف قەرداۋىينىڭ روشەن چاقىرقى.

تىمام ئۇزراپ كەتتى. مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يازىدىغان  قېرىنداشلىرىمىز پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۇچۇنلا دىنىمزنىڭ ئۇستتۇنلىكى ئۇچۇنلا تىرشىۋاتىمىز ئاللاھ خالىسا... شۇنداق بولغانىكەن شاخچە مەسىلىلەرگە ئېسلىۋالماي ئەقىدە،تەۋھىد ۋە ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ قانداق ئىلىمگە بەكراق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۇرەيلى. مانا مۇشۇنداق قىلغاندا بىدئەتلەر ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.

ئۇنداق بولماي ‹دۇئانى قول كۇتۇرۇپ قىلساڭ بىدئەت،ئۆيگە كىرگەندە دۇئا قىلساڭ بىدئەت..› دەپ يىڭىدىن دىننى چۇشىنىشكە باشلىغان قېرىنداشلىرىمزىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. دىنىمىزدا بۇنىڭدىن كاتتىراق بىدئەت بولمىسا كىرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن. ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتسۇن.ئامىن


باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(saifulla) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(huxdil) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4687
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 12
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-11
    ئاخىرقى: 2010-12-28
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-27 15:09

    نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتالىقىنى بىلگىلى بولماي قالدىغۇ ھازىر