باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 15383 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 256
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە256دانە
ئۆسۈش: 510 %
مۇنبەر پۇلى: 1894 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2011-12-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-22 15:12

دەۋەتچى قېرىنداشلىمىزغا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-22)
                                            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بارلىق مۇسۇلمانلارغا

يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە ئىسلامىي تىمىلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ،بەزى ئىنسانلار ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان تىمىلارمۇ بارلىققا كىلۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھيتىنى چۇشەندۇرىدىغان تىمىلار ئاز، شاخچە مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىش كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىسىز بولغان بىر ئىش. بۇلۇپمۇ بەزىبىر ‹بىدئەت› ئاتالغۇلىرىنى بەكمۇ تەرەققىيلاشتۇرۋاتىمىز. چوڭ بىدئەت بىلەن كارىمىز يوق كىچىك بىدئەتلەرنى نىشانغا ئېلۋاتىمىز. بەزىلىرىڭلار بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق دىيشىڭلار مۇمكىن. خۇددى گۇناھلارنىڭمۇ چوڭ كىچىكى بولغىنىغا ئوخشاش بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى بۇلىدۇ. بەزى بىدئەتلەر تەرەققىي قىلىپ شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتلەر. بۇ بىدئەتلەر جەزمەن تازلىنىشقا تىگىشلىك بىدئەت. يەنە بەزى بىدئەتلەر باركى تەرەققىي قىلالمايدىغان بىر ئىزدىلا داۋام ئىتىدىغان بىدئەت. بۇ بىدئەتكە ئېسلىۋالمىساقمۇ بۇلىدۇ. بۇنداق بىدئەت ئىتقاد تۈزلەنسە،ئىمان-ئىسلامنىڭ ھەقىقىيتى ياخشى چۈشەندۇرۇلسە ئۆزلىگىدىن يۇقايدۇ. ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا كىرگىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئىسلام دىنى يۇقمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇيۇ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.مۇسۇلمانچىلىقنى پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن،يىلدا بىرە ئاي رۈزا تۇتۇپ ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ئۇقۇغانلىقى ئۇچۇنلا ئۆزىنى ‹مەن مۇسۇلمان›دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ قۇرۇق خىيال. شەھىد سەييىد قۇتۇپ ئۆزىنىڭ رىسالىلىرىدە ‹سىنىڭ ئەرەپ تىلىدا سۆزلىگەنلىكىڭ،ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇرمەيدۇ› دىگەن. بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ‹مۇسۇلمان› تەخەللۇسىنى قوللىنىۋالغانلار بىلەن كارىمىز يوق.ئۇلار نىمە قىلسا ئۇنى توسمايمىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز. مەسچىتكە كىرگەنلەرگە ئارلىشىۋېلىپ‹ئىشتىنىڭنى ئۇزۇن كەيدىڭ،يالاڭباش مەسچىتكە كىردىڭ› دەپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۋاتىمىز.كىشىلەر پەرزۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك ئېتپ يېقىن كەلمەيۋاتسا ئۇلارغا مۇستەھەپ،سۇننەت ئىشلارنى تېڭىپ ئۇلارنى قاچۇرۋېتىش ئەخمىقانىلىك بىر ئىش.

قېرىنداشلار:كۈچنى پەرزگە مەركەزلەشتۈرۈڭلار،ۋاجىبنى ئاساس قىلىڭلار.سۈننەت ۋە مۇستەھەپكە كۆپ كۈچەپ كەتمەي ئىسلام ئەقىدىسىگە بەكرەك ئېسلىڭلار.

كىشىلەر پەرزنى تۇلۇق چۇشۇنۇپ بولغاندا ئاندىن سۇننەتنى چۇشەندۇرسەكمۇ كىچىكىپ قالمايمىز. زىيالىيلارغا زىيالىي ئەقىل بىلەن خىتاب قىلىڭلار.ئىسلامنى چىرايلىق كۆرسىتىڭلار،ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنىيتى توغرىسىدا كۆپرەك توختۇلۇڭلار. ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.بەزى خاتالىقلارنى قىلىپ سالغانلارغا كۈيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئىسلام سېپىگە قايتۇرۇپ كىلىڭلار. دۇختۇر كىسەلگە قانداق مۇئامىلە قىلسا سىلەرمۇ خاتالاشقۇچىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. ھەر ۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇنۇسۆزىنى ئەستىن چىقارمايلى. {ئاسانلاشتۇرۇڭلار،تەسلەشتۇرمەڭلار.خۇش بىشارەت بىرىڭلار،ھۈركىتىۋەتمەڭلار ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار}.

قېرىنداشلار سىلەرگە دۇكتۇر يۇسۇف قەرداۋىينىڭ ‹فىقھۇلئەۋلەۋىيات› دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۇۋەندە يۇسۇپ قەرداۋىينىڭ دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خىتابىنى يەتكۈزىمەن.

1.مۇسۇلمانلارنىڭ دوسلۇقى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۇچۇنلا بۇلىشى: مىللەت،سىياسى تۈزۈم،ۋەتەن،پارتىيە ۋە شەخسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە،دىنغا يىراق يېقىنلىقىغا قاراپ بۇلىشى لازىم

2.ھەرقانداق مەسىلىدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى،پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۇننتىنى،ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشىنگەن،ئىسلامدىن ئەسىرلەر بۇيى بىدئەتلەرنى ،باتىل قاراشلار ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىش لازىم.

3.دەۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ھەرۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇئاز بىلەن ئەبۇ مۇسا نى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا قىلغان مۇنۇ نەسھىتىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم

مەن سىلەرگە بۇ نەسھەتنى تەۋسىيە قىلىمەن‹ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قىيىنلاشتۇرماڭلار.كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار،قاچۇرۋەتمەڭلار....› دەۋرىمىزدىكى ئالىم ،دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز بۇ نەسھەتكە نەقەدەر مۇھتاج ھە.........

بۇنداق دىگەنلىك دەۋەتچىلەرنڭ شۇئارى زوراۋانلىق ئەمەس مۇلايىملىق. رادكاللىق ئەمەس ،ئەپۇچان بۇلۇش لازىم.ئاللاھ مۇئامىلىدىكى يۇمشاقلىقنى سۈيىدۇ. مىنىڭ ئەپۇچانلىقنى كۆزدە تۇتقىنىم،پەرئى(شاخچە مەسىلىلەر)بۇلۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇسۇل ۋە غايىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ. كىشىلەر بىلەن مانا بۇ قائىدە ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

4.پەرزلەرنى ئادا قىلىپ گۇناھى كەبىرلەدىن يىراق بولغانلارنى بىزنىڭ دوستىمىز دەپ سانىشىمىز،بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇپ قۇيشىمىز لازىم.گەرچە ئۇلاردا ئۆزلۇكسىز داۋاملاشمايدىغان بىر قىسىم مەكرۇھ ئىشلار،كىچىك گۇناھلار بولسىمۇ ئۇلارنى دوست ساناپ ياخشى ۋەز نەسھەت قىلىپ پكىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توغرا يۇلنىشتە بۇلىشىمىز لازىم.

5.ئىتىپاق كەلگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ ،ئىختىلاپلىشىپ قالغان جايلاردا بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىز لازىم.دەۋەتچى ئالىم ئۇلىما قېرىنداشلىرىمىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئالاقىلىشىپ تۇرشىمىز لازىم.ئىسلام ئۇلىمالىرى قوللۇغۇچىلىرى بار،تەسرى كۇچى بار كىشىلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق رايۇن ياكى بىر جايدا بىرلىشىشى،ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۇنتايىن زور كۇچنى شەكىللەندۇرىدۇ.

مانا يۇقارقى 5جۇملە سۆز پۇتۇن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ رەئىسى دۇكتۇر يۈسۈف قەرداۋىينىڭ روشەن چاقىرقى.

تىمام ئۇزراپ كەتتى. مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يازىدىغان  قېرىنداشلىرىمىز پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۇچۇنلا دىنىمزنىڭ ئۇستتۇنلىكى ئۇچۇنلا تىرشىۋاتىمىز ئاللاھ خالىسا... شۇنداق بولغانىكەن شاخچە مەسىلىلەرگە ئېسلىۋالماي ئەقىدە،تەۋھىد ۋە ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ قانداق ئىلىمگە بەكراق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۇرەيلى. مانا مۇشۇنداق قىلغاندا بىدئەتلەر ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.

ئۇنداق بولماي ‹دۇئانى قول كۇتۇرۇپ قىلساڭ بىدئەت،ئۆيگە كىرگەندە دۇئا قىلساڭ بىدئەت..› دەپ يىڭىدىن دىننى چۇشىنىشكە باشلىغان قېرىنداشلىرىمزىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. دىنىمىزدا بۇنىڭدىن كاتتىراق بىدئەت بولمىسا كىرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن. ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتسۇن.ئامىن


باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(saifulla) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(huxdil) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    appakhoja
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 405
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە405دانە
    ئۆسۈش: 1640 %
    مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-07
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 02:17

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 52قەۋەتتىكى esma0999 نىڭ 2011-02-28 21:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
    مەنمۇ تور موللىلىرىدىن دىن ئۈگەنمەكچى بولغان ئىدىم.  لىكىن بىتئەتچىلەرنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن بۇرۇنقى ئىسلام دىنىغا بولغان ساپ نازۇك ھىسياتىم تۇقۇنۇشۇپ قالدىمۇ كاللامدىكى بۇرۇنقى مەكتەپتە ئىگەللىگەن ئىدىيە ،كۆزقاراشلار  يەنىلا باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
     ھازىر دىنىي كىتاپلارنى بەك جىق كۆرۈپ كەتسە ئاخىرى نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالامدۇ قانداق؟ مەسىلەن دۇنياغا كىلىشتىكى مەقسىدىمىز نىمە؟ پەقەت دىنى كىتاپلارنى ئوقۇپ ،ئۆمۈر بويى ھىچقانداق ئىش قىلماي ،دۇئا تىلاۋەت قىلىپ ئۆتسەك بولامدۇ؟ توي قىلىپ باللىلىق بولغاندىن كىيىن  ئوغۇللىرىمىز جىھات ئۈچۈن ، قىزلىرىمىز بالا تۇغۇپ ،مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاخىرقى ئۈممەتلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ياشامدۇ؟
    ئەڭ ئاخىردا سورايدىغىنىم ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ مەقسىدى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئىنكار قىلىپ ، نەچچە مىڭ يىل ئاۋالقى خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟مۇسۇلمان مىللەتنى چەتكە قاقامدۇ ؟

    مۆھتىرەم بۇرادىرىم سىزنىڭ سۇئالىرىنىڭ مېنى ،سىز بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ،مېنىڭ جاۋاپلىرىم سىزنى قانەئەت تاپتۇرسىكەن دەپ ئۈمۈت قىلىمەن .
    1.بىدئەتچىلىككى قارشى تۇرۇش ۋە بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە بىدئەتچىلىكنى قوغداش....ھەر ئىككىسى مۇسۇلمان تائىپىلىرىنىڭ دىننى گۈلەندۈرۈشتىكى ئىجتىھات كۆرىشىدۇر...ھەر ئىككىسى ئاللاغا بولغان بولغان سادەققەت كۆرسىتىشتىقى بىر خىل تىرىشچانلىقتۇر.لېكىن بەزى مەسىلىلەر بالدۇر ئۇتتۇرغا قويۇلۇپ قېلۋاتىدۇ خالاس،ئەلۋەتتە ئىسلام دىننى تۈپ ئەققىدىۋى ۋە ئىبادەت مەسىلىرىدە ھىچ بىر ئىجىدىيەتنى ۋە ئىسلاھاتنى قۇبۇل قىلمايدۇ،خۇددى ھەزرىتى قۇتلۇق تەقسىرىم دىگەندەك،پۈتكۈل ئىنسانلار بىرلىشىپ مۇستەھەپ چاغلىق بىر ئەمەلنى بەرپا قىللالمايدۇ ۋەياكى ئىنكار قىللايمايدۇ.سىز بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى نىسپى كەسكىن مۇنازىرىنى كۆرۈپ ،ھاياجانلىنىپ قالماڭ،ئاللا يولىدىكى كۆرەشلەردە ھەمزە يارلانسا مەن ئۇنىڭ جاراھىتىنى تاڭىمەن،مەن يىقىلسام قۇتلۇق يۆلەيدۇ!
    2.بارلىققى كىتاپلارنىڭ تەۋھىت ئاساسى ۋە ئىبادەت ئوسولىرى ئوخشاش .پەققەت كۆز ئالدىكى مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسولى ۋە تەپەككۇر مىتوتى ئوخشىمايدۇ.رايونومىزدا بۇرۇن ئەمەل كىتاپلىرى كۆپ ،ئەقىدىۋى كىتاپلار ئاز ئىدى ،يېققىنقى زامانلەردە يەنى 20-ئەسىرنىڭ 80 يىللاردىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى زور سىياسى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ،ئۆزلىكى ۋە ھوقلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئوتتۇر شەرىق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەرەپ -ئىسرائىليە كىرزىسىنى ھەل قىلىشنى نوقتا قىلىپ يېزىلغان دىننى جەتتىكى نەزەرىۋى ئەسەرلىرى ۋە كۈچلۈك سىياسى كۆز قارىشى بار ،لېكىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا ئورتاق بولمىغان ،رايون خاراكتىرلىق پىكرەتلەر مەيدانغا كېلىپ ،بۇ ھەقتتىكى ئەسەرلەر رايونىمىزغا كىرىپ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىدى .بۇ ۋاقىتلىق ئىش .
    3. ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىدى ___جانابى ئاللا قۇرئان كەرىمدا ئېيتقاندەك ئاللا ئىبادەت قىلىشتۇر.ئاللا ئىنسان ۋە جىنلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتتىم دىگەن.ئىبادەتلەر ئىچىدە ئاللا پەرز قىلغان ئىبادەتلەر بولۇدۇ.يەنى ئاللاغا ئىمان ئېيتىش،كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش،رەمزاندا بىر روزا تۇتۇش.بۇ بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق كىشى كۈندە ئۈزۈرسىز قىلدىغان ئىبادەتلەر دۇر بۇنى قىلمىسىڭىز ئىمانىڭىزغا ۋە مۇسۇلمانلىقىڭىزغا نۇقسان يېتىدۇ.ئۈشرە-زاكات بېرىش ۋە ھەج تاۋاپ كىشى ئۆزىنىڭ ئىقسادى ئەھۋالى ۋە باشقا شەرتلەر ئاستىدا بېجىرىلدىغان ئىجتىمائى ئىبادەتتۇر،بۇ ئىبادەتكە ئىمكانىيەت بار تۇرۇپ قىلمىسىڭىز ئىمانىڭىز ۋە مۇسۇلمانلىققىغىڭىزغا نۇقسان يېتىدۇ.جىھات ۋە خەلپىلىك مەسىلىسى بۇ ئومو مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىبادەتتۇر.لېكىن بۇ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جامائەتى ياكى بەلگىلىك توپى بىلەن رۇياپققا  چىققىدىغان ئىسلامدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوققوقى ۋە قەدىريىتىگە تاقىشىدىغان ئنتايىن مۇھىم سىياسى ،ئىجتىمائى پەرز مەسىلىدۇر.بۇ شۇ رايون ياكى پۇتكۈل مۇسۇلمانلار ئىتتپاققا كەلگەندە تەخخىرسىز پەرزلىك ھاللەتكە ئۆتىدۇ.بۇ يەككە يىگانە ھالەتتە ياكى كۈچسىز كىچىك توپ ھالەتتە مۇسلمانلارنىڭ بۇنى نىشان قىلۋېلىشى رايونىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن غايەت زەرەرلىكتۇر.
    4.دىننى كىتاپ ئوققۇپ،دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ،ھىچقانداق ئىش قىلماي ئۆتۈش دىن كىتاپ ئەمەس ،ئۇ ھاياتى دۇنيانى ئاللانىڭ يولىغا يېتەكليدىغان بىر ھەققىقەت سىز ئۇنى كىتاپتى ئۇقىماي ئىلىم -ئەھلىرىدىن ئاڭلاپمۇ،ھاياتى پالىيىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمان؛توغۇرلاپ ئۆتسىڭىزمۇ بولۇدۇ.بىر ئادەمنىڭ جاينىمازنىڭ ئۈستىدە مىدىرلىماي ئولتۇرىشىلا ئىبادەت ئەمەس،بەلكى ئەل-جامائەت ئارسىدا يۈرۈپ ئىبەدەت بىلەن يۈرۈشى كاتتا ئىبادەتتۇر.مەسىللەن سىزنىڭ مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىدىدە ھوقوق،قانۇن،سىياسەت،ھەربى-تەللىم تەربىيە،قۇرال-ياراق،يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئىلىملەرنى ئۈگەنسىڭىز ئەلۋەتتە مۇشۇ ۋاققىتلىرىڭىزغا ئىبەدەت ئىچىدە ئۆتكەندەك ساۋاپ بېرىلدۇ.سىز ھىچ بىر جامائەت ئىششى قىلىپ ساۋاپ تېپىشقا قادىر ئەمەس سىز پەققەت ئائىلىڭىز دىنلا خەۋەر ئالايسىز ،سىز شۇ ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ھالالدىن بېقىش ئۈچۈن ،خىزمەتكە ،دېھقانچىلىق ۋە سودا-سېتىققا ماڭسىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئىبادەت قىلغانلىقنىڭ ساۋابى بېرىلدۇ.ھەتتەكى جانابى ئاناھەزرەتنىڭ شۇنداق ھەدىسى باركىن كىمكى 3 قىز ھەمشىرىسىنى قاتاغا قوشۇق ،ياتلىق قىلسا ئۇنىڭغا جەننەتكە كىرىش ۋاجىپ بولۇدۇ ،دىگەن...سەزنىڭ ئىبادەت توغۇرلۇق چۈشەنچىڭىز بەك ئادىكەن مېنىڭ بىلەن ..ئالاقىلىشىڭ چ چ 1602780029
    5. پەيغەمبىرىمىز ئۈمىتىنىڭ كۆپ لىگىدىن پەخىرىلىندۇ،بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈمۈدى.ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشنى نىشان قىلىشى كېرەك.كۆپ ىوتۇنلۇق بولۇش ۋە كۆپ بالىلىق بولۇش مۇسۇلمانداچىلىقنىڭ مۇھۇم سۈپىتى.ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا يېيىشنىڭ ماددى ئاساسى .يەھۇدى ، ناسارالار بۈيۈك ئىسلام خەلپىلىكىنى يىتىقىش ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلەپ مۇسۇلمانلار جەمىيىتى تەتقىق قىلىپ ،مۇسلمانلار جەمىيىتىنمىڭ مۇنۇ ئۈچ جەھەتتىن يوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان ...
    1). خەلپىلىكنى ئاغدۇرۇش __بۇ ئارقىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى بىرلىكىنى يوقۇتۇش.
    2). كۆپ خوتۇنلۇق ۋە كۆپ بالىق بولۇشنى چەكلەش ۋە سەت كۆرسىتىش__-بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىۋى قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش،جەمىيتتىكى ئىگىچاقىسىز ۋە تەربىيىسىز ،يوقسۇل مۇسۇلمانلار جامائەسى پەيدا قىلىپ ،مۇسۇلمانلار ئارسىدا  ئەخلاقسىز ،تەرتىپسىز جەمىيەت بەرپا قىلىش.زىنانى ئەۋجى ئالدۇرۇش.ئەڭ مۇھىمى كۆپ باللىق بولۇشنى توسۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ لەشكىرى ئاساسىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇش.
    3).ئالىم ،ئەۋلىيالاردىن قۇسۇر تېپىپ  ،تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنى ئىنكار قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىك قىلىش كۈچۈنى تۈگۈتۈپ،مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى چىرىتىش .
    مانا بۇ ئىشلار بۈگۈنكى كۈنلەرگە روياپقا چىققىپ كۆپ خوتۇنلۇق ۋە كۆپ بالىق بولۇش مۇسۇلمانلار نۇمۇس قىلدىغان ھاللەتتىكى ئىدىيەگە كەلدى.ھەم بۈگۈنكدەك مۇنازىرە مەيدانغا چىقتى.
    جىھاد -ئىسلامنىڭ يۇققۇرى پەللىسى.مۇسۇلمانلار ئەرلەرنىڭ جىھىدقا چىققىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك سۈپۈتى ،ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن مۇسۇلمان جامائەتىنى ،خۇتۇن -قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ،ئوغۇلىرىنىڭ غۇرورىنى قوغداش يولىرىدى بۈيۈك كۆرىشى!ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغۇش ۋە تەربىلەشتىنمۇ شەرەپلىك ئىشبارمۇ مۇسۇلمان ئانىلارغا؟
    6.خەلپىك مەسىلىسىنى كۇپرى پىكرەتتىكى جەمىيەتلەردە تىلغا ئېلىش غايەت زەرەرلىك بولسىمۇ ،سىز سوراپسىز مەن ئاللاغا تەۋەكۈل قىلىپ جاۋاپ بېرەيكى ...مۇسۇلمانلار ئارسىدى تۇنجى ئىختىلاپ خەلپىلىك مەسىلىسىنى چۆرىدەپ چىقىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ مەسىلىنىڭ ئاددا مەسىلە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردۇ.ھەتتاكى مۇشۇ مەسىلە مۇسۇلمانلار جامائەتى ئادىللىق تەلەپ قىلىپ ئۆز-ئارا جەڭ قىلشقان ھەتتاكى مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىمۇ جەڭگە چىققان.مۇسۇلمانلاربولغان كىشى ئۆزىنىڭ ئادىل بولغان ساھىبى ئىزدەش تىرىشچانلىقىنى يۈرىكىن مىنۇت چىقارماسلىققى كېرەك.لېكىن كۇپرى ئەمەس ،مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ بۇ مەسىلدىكى بىردەك ئەمەسلىكى،ھەم بىزلەرنىڭ كۇپرى بىر دۆۋلەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ۋە كۇپرى دۆۋلەت سىياسەت، قانۇن-جاساقلىرىنىڭ بۇنى خوپ كۆرمەسلىكى ۋە رايونىمىزدىكى مۇسۇلمان جامائەتىنىڭ ئاجىزلىققى سەۋەپلىك بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلار ئىچدە كۆتۈرۈپ چىققىش غايەت زەرەرلىكتۇر. شۇڭا بۇنى رايونىمىزدا تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ.  
    7. نوھ ئەلەيھىسالام توپان بالاسىدا غەرىق بولغان كاپىر بالىسى ئۈچۈن قايغۇرغان ئىدى ئاللا ئۇنىڭغا كايىپ ئۇنىڭ ئەھلى -ئەيامىڭ  كۇپرى ئوغلى ئەمەس بەلكى كېمىدىكى 80 نەپەر مۇسۇلمان ئىككەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.ھەم پەيغەمبىرىمىز پارىس مىللىتىدىن سالمان پارسىنى بىزنىڭ ئائىلە كىشلىرىدىن دەپ تەرىپلىگەن.مانا ئىسلامى مىللەت كۆز قارىشىنڭ تۈپ ئىدىيىسى مۇسۇلمان مىللىتى ئىرىق،تىل ،رايونلار بويىچە ئەمەس ئىدىيە بويىچە ئايرىدۇ ،سىز غەرىپ جەمىيىتى يېقىنقى يۈز يىللار بېرى مەيدانغا كەلتۇرگەن تېئورمىلارغا سەپ مىللەت ئوققۇمىنى يېشىمەن دىسىڭىز ،ئىمانىڭىزغا نۇقسان يېتىدۇ. تىل ،ئىرىق،ئىسلامغا زىت كەلمىگەن يەرلىكنىڭ شارائىتىغا ئۇيغۇن بەزى ئۆرپى-ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ھاياتى -پالىيىتلىرىگە ۋە ئىسلامنىڭ تارقىتىلىشىغا زۆرۆر بولۇپ قالسا چەتكە قېقىلمايدۇ ...مەسىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى دوپپا كىيىش ،خوشنىدارچىلىق،ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق ،توي مەرىككە،نەزىر -نۈزرەتلىرى ۋاھا كازالار بەلكى ئىسلاملاشقان ئۆرپى -ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى .
    دوستلىشىش
    appakhoja
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1614
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 405
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە405دانە
    ئۆسۈش: 1640 %
    مۇنبەر پۇلى: 5763 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-07
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 17:36

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 55قەۋەتتىكى esma0999 نىڭ 2011-02-28 23:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
    سىز سەل ئېغىر سۇئال سوراپ قاپسىز. ھەممە ئادەم مۇسۇلمان بۇلۇپ  شەرىئەتتىن چەتنىمەي ،ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلسا، مۇجاھىد تەربىلەشنىڭ ئورىنى يوق.   ئسلام دىنى مىللەتنى چەتكە قاقمايدۇ.  ئەينى دەۋىردە پەيغەمبەر ئەلەيكىسالامنى. ساھابىلارنى  نامازغا چاقىرىدىغان كىشى. قارتەنلىك ئىدى. ئاتىكا چىلىق قىلىپ قويدۇم باشقىلارنىڭ ئالدىدا.
    مەن سىزدىنمۇ بىر سۇئال سوراپ باقاي. ئەگەر بىرەرسى يۇقارقى سۇئاللىرىڭىزغا تۇلۇق جاۋاپ بەرسە ،سىز  ھەقىقى دىن ئىسلامدا ماڭالامسىز؟  بۇسۇئاللارنى ئوزىڭىزنىڭ نەپسىگە توغرا كىلىدىغان  جاۋاپ ئىزدەپ سورۇدىڭىزمۇ ياكى  مۇشۇ ئىشلار سىزنىڭ ئىسلام يۇلىدا مىڭىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ سورۇدىڭىز مۇ؟
    مەن ئەلۋەتتە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ئۇلۇقلايمەن. لىكىن ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلار مىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئازاپلايدۇ. يىقىندا بىر موللام بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئادەم بىر كۈن ئارتۇق ياشىسا نۇرغۇن گۈناھلارغا مۇپتىلا بولارمىش، ئۇنىڭدىن بالدۇررراق ئۆلگەن ياخشىمىش.
    كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيدىغان يەنە بىر كۆزقاراش شىھىت بولۇش كۆزقارىشى، شىھىت بولسا جەننەتكە كىرىش، جەسىدى قىيامەتكىچە سىسىمايدۇ دەپ قاراش. 
    يەنە ئاتا-ئانىسىنى، بالا-چاقىلىرىنى  بىقىش مەجبۇريىتىدىن ۋاز كىچىپ ، ئاتالمىش دەۋەتنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، ھۆكۈمەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، پۈتۈن ئۆمرىنى قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە ئاتىۋىتىش ياكى بولمىسا .....
    يەنە ھازىر باش كۆتىرىپ چىققان <ھارام> كۆزقارىشى. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىن بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ئوبدان بىلىدۇ . بىر ۋاق تاماقنى تويغۇدەك يەپ ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىتى دىگەنلەرمۇ بولغانكەن.  لىكىن ھازىرچۇ؟ ئۇ ھارام، بۇ ھارام دەپ خەق ئاپپاق ئاشنى يىمەي <شۇبھىلىك> نەرسە يىسە ئىمانى سۇسلىشىپ كىتىدۇ دەپ  تاشلاپ چىقىپ كىتىۋاتىدۇ.
    .......

    1. سىز سوزلەشكەن موللامنىڭ سوزى ئۆزىنىڭ ھىسسى كۆز قارىشى ،ئەگەر ئۇنىڭغا ھەققىقەتەن ئەجەل كەلسە ئۇ ھاياتنى تەما قىشى مۈمكىن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈپ ،كۆپ ئىبادەت قىلغان كىشلەرنىمۇ ماختىغان.
    2. شېھىتلىك ئىسلام دىنىدا ئالاھىدە ھۆرمەتلىندىغان دەرىجە بولۇپ ،ئاللانىڭ دىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغانلار ئېرىشىدۇ.ئەلۋەتتە بۇمۇ ئاللانىڭ قازىيى قەدەرى بىلەن بولۇدۇ.بىر كىشى مەن شىھىت بولىمەن دەپ بولىۋەرمەيدۇ.دىن يولىدا ئاللا رازى بولغىدەك دەرىجىدە قۇربانلىق بېرەلسا ،ئاندىن كېيىن جەننەتكە كىرگدەك سالاھىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.شىھىتلەرنىڭ جەسىتتى سېسامدۇ ياكى سېسىماندۇ بۇ مۇھىم ئەمەس.مۇھىمى جەننەتكە كىرىش -كىرمەسلىك.
    3. رىزىقنى ئاللا بېرىدۇ ،مەن باقىمەن ياكى باقمايمەن دەپ بىر ئادەم مەيدىسىگە ئۇرالمايدۇ...ھىچكىمنىڭ تۈرمىگە كىرۋېلىپ يېتۋالغۇسى يوق ،ھەم تېخى دەۋەتچىلەر ھەممىدىن قاتىغاراق تۈرمىگە كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.ئۇ تۈرمىگە كىرىپ يېتۋالماي ،بىرە ھادىسە سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتسىچۇ ؟ئۇ چاغدا بۇنىڭدىن قانداق تەبىر ئالىمىز...مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىسلامنىڭ چاققىرىقى مۇھىمدۇر،كۇپرى قانۇنلارغا ئىلىجىسىز بوي ئېگىپ ياشايدىغان گەپ،كۇپرى ھاكىميەتلەرنىڭ قانۇنىغا مۇسۇلمانلارنىڭ رازى بولۇپ ياشىشى ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كۇپايە بولۇدۇ دەپ قارالسا ئالۋەتتە شۇنداق ياشايتى .لېكىن ئۇ كۇپايە بولمايدۇ.بۇنداق دىگەنلىك ھۆكىمەت بىلەن قارشىلىشىڭ دىگەنلىك ئەمەس .ئۇ دەۋەتچىلەرنىڭ دەۋەت رەۋىشلىرىنى چۈشەنمىگەنلىگەنلىكىدىن،دەۋەت جەريانىدا ھۆكەمەت سىياسىتىنىڭ زىل جايلىرى تىگىپ قويغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتۇر. سىز قانۇنسىز تەشكىلات قۇرسىڭىز ئەلۋەتتە جۇڭگودا جازاغا تارتىلسىز.ئادەتىكى ئەزا بولۇپ قالسىڭىز ئەلۋەتتە 1 يىلدىن يۇقۇرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنسىز.دەۋەت جەرياندا  سىز ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قويسىڭىز ،ئەلۋەتتە قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى شەكىلەندۈرۈپ قويۇش ئېھتىمالىقى ئىنتايىن يۇقىرى.شۇنىڭغا دەۋەت جەريانىدا گەپ سۆزىڭىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.گەپدانلىقىڭىزغا كىشلەر ئالقىش ياڭراتسىمۇ، ئەلۋەتتە خۇددىڭىزنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقىڭىز كېرەك.  دەۋەت بىر ئادەم بىلەنمۇ بولۇدۇ ،كۆپ ئادەم بىلەنمۇ بولۇدۇ،مەن بېرىپ بىر ئادەمگە سىياسىدىن خالى ھالدا ئىسلامنى سۆزلىگەنگە تۈرمىگە كىرگىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،لېكىن كۆپ ئادامنى بىرجايغا يىغىپ ،كۆلەم شەكىلەندۈرۈپ تەبلىغ شەكىلدە دەۋەتچىلىك قىلغان ،دەۋىتىدە ھۆكىمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى سۆزلەرنى قىلغانلارغا تەنقىدى  -تەربىيە بېرىلگەنلىگىنى كۆردۈم ،دۆلىتىمىزدە دەۋەتچىلىك ۋە تەبلىغات تەشكىلىك،كۆلەملىك بولمىسىلا،ھەم ئۆرپى -ئادەتتىن چىقىپ كەتمىسىلا  قانۇن كۈچلىك تەدبىق قىلىنمايدۇ.شۇڭا رايونىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ قالماسلىقى ياكى پالىيەتلىرىگە تەشكىلى  تۈسلەرنى بېرىپ قويماسلىققى كېرەك. رايونىمىزدىكى دەۋەتچىلكەرنىڭ سىياسى ساپاسى ئاجىز،قانۇنى كۆز قارىشى يوق،مۇتلەق كۆپ چىلىكلىنىڭ مەدىنىيەت سەۋيىسى تۆۋەن ،شۆھرەت پەرەس ،ئادەم خۇمار(جىق ئادەم ئىچىدە سۆزلىسە خۇماردىن چىقىدۇ)،ۋەزىيەت بىلەن ھىساپلىشىشنى بىلمەيدۇ.ھاكىميەت بىلەن ئاسان قارشىلىشىپ قالىدۇ .قانداق سورۇندا قانداق سۆزلەشنى بىلمەيدۇ،ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى تەڭشىيەلمەيدۇ،جەمىيەتتىكى كىشلەرنى مەمەدانلىقى بىلەن ئۆزىگە ئاسان دۈشمەن قىلۋالدۇ،مۇسۇلمانلار كولىتىپىنى ئاسان پىتنىگە ئەكىرىپ قويۇدۇ . مېھرى -مۇھەببەت كەمچىل،تەمەخور،(ماختاشنى ياكى ماددى مەنپەتنى تەما قىلىدۇ).ئاسانلا بىر گۇروھنى شەكىلەندۈرۋالدۇ.مانا مۇشۇلار دەۋتچىلەرنى ئاسانلا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ،جۇملىدىن دەۋەتچىكلىرىمىزنىڭ ئىسلام ئاساسىدا شەكىلنگەن ئۆرپى-ئادەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش،ئىسلام دىنىنىڭ مېھرىبانلىق،باراۋەرلىك،تىنچلىق مەزمونلىرىنى ئاساس قىلغان دەۋەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى بىر قەدەر بىخەتەر بولۇدۇ دەپ قارايمەن . دەۋىتىگە سىياسى مەزمونلارنى قەتئى ئارلاشتۇرماسلىقى كېرەك.
    4.مۇسۇلمانلارنىڭ شۈبھىلىك نەرسىلەرنى يىيىشى ئۇلارنىڭ ئىمانىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپپاق ئاش بولسىمۇ، ئۇ ھالال بولسا يىيىشكە بولۇدۇ ،بولمىسا ئۇنى قەتئى يىيىشكە بولمايدۇ.لېكىن ھازىر جەمىيىتىمىزدە  ، بۇ ئىشلاردا ھەدىدىن زىيادە ئاشۇرۋېتىش ئىشلىرىمۇ يوق ئەمەس.لېكىن شۇنداق كىشلەر ھالال نەرسىنى ھارام ساناپ قويسا ئىماندىن چىققىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ قېلىشى كېرەك،شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسىنىڭ ئېنىق ئاساسىنى بىلمەي تۇرۇپ ،ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن .
    [ بۇ يازمىنىappakhoja 2011-06-22 17:46قايتا تەھرىرلى ]