ئەنگىلىيەنىڭ <،كۈندىلىك پوچتا گېزىتى >> دە مۇنداق دېيىلگەن ؛
<<ئۆيلەردىكى بىر قىسىم بۇيۇملار ،قارىماققا پاكىزدەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەملىيەتتە ئۇلار <مىكۇرۇپلۇق پارتىلاتقۇچ بومبا>لار بولوشى مومكىن >>.
ياغاچ قاچا -قۇچىلار؛
سۇ ياغاچقا سولياۋ ۋە مىتاللاردىنمۇ بەكىرەك ئاسان سىڭىدىكەن ،شۇنداقلا ياغاچ ئېلىپ يۈرىيدىغان مىكۇرۇپمۇ كۆپ بولىدىكەن ،شۇڭا ياغاچ قاچا-قۇچىلارنى يۇغاندا ،ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق سۇ ئىشلىتىش كىرەك ئىكەن . ياغاچ قاچا-قۇچىلارنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ،قايناق سۇدا دېزىنفىكسىيە قىلىش كېرەك ئىكەن ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ياغاچ يۇمشاپ ،قارداپ كەتسە ،بۇ ياغاچ قاچا-قۇچىدا زەھەر پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن ،شۇڭا بۇنداق ياغاچ قاچا- قۇچىلارنى دەرھال ئالماشتۇرۋتىش كىرەك ئىكەن .
چىش چوتكىسى ؛
چىش چوتكىسىدا تەخمىنەن 10 مىلىيۇنچە مىكىرۇپ بار ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈمسىمان باكتىريە ،زەنجىرسىمان شارچە باكتىريە ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىريەسى بار ئىكەن ،شۇڭا چىش چوتكىسىنى ئۈچ ئايدا بىر قىتىم ئالماشتۇرۋىتىش كىرەك ئىكەن .
يۇيۇنۇش لۆڭگىسى ؛
ئادەتتە تېرىدىكى سېرىقى رەڭلىك ئۈزۈمسىمان باكتىريە يۇيۇنۇش لۆڭگىسىدە قېپ قالىدۇ ،ئەگەر بۇنداق يۇيۇنۇش لۆڭگىسى يارا بىلەن ئۇچىراشسا ،يارىنىڭ ئاسانلا ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا يۇيۇنۇش لۆڭگىسنى ئاز بولغاندىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم 90 گىرادۇسلۇق قايناق سۇدا دېزىنفىكسىيەلەش كېرەك ئىكەن .
ياستۇق ۋە مامۇق يوتقان ؛
چاڭ -توزان ۋە قالدۇق ماددىلارنىڭ يىغىلۋىلىشى سەۋەبىدىن يېڭى ياستۇقنىڭ ئېغىرلىقى بىر ھەپتىدە ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ،زىققا قاتارلىق كىسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدىكەن . چاڭ -توزان ۋە چىقىرىندى ماددىلار ،بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ، شۇڭا ياستۇقنى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم 60 گىرادۇسلۇق سۇدا 20 مىنۇت ئەتىراپىدا يۇيۇش كېرەك ئىكەن . مامۇق يوتقاندىمۇ چاڭ-توزان ۋە چۈشكەن تېرىلەر بولىدىكەن ،شۇڭا مامۇق يوتقاننى يېرىم يىلدا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك ئىكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا ياستۇقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشىلتىش چەكلىمىسى ئىككى يىل ،مامۇق يوتقاننىڭ بەش يىل بولىدىكەن .
كارۋات سېلىنچىسى ؛
ھەر بىر كارۋات سېلىنچىسىدا 10 مىڭ تالچە چاڭ-توزان بولىدىكەن ،شۇڭا كارۋات سېلىنچىسىنى ھەپتىدە بىر قېتىم چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن تازلاش كېرەك ئىكەن .
تەنتەربىيە ئايىقى ؛
تەنتەربىيە ئايىقى ئاسانلا زەھەرلىك مىكىرۇپ ۋە ۋېرۇسلارنى يۇقتۇرۋالىدۇ ،شۇڭا تەنتەربىيە ئايىقنى ئايدا بىر قېتىم سوغوق سوپون سۈيىدە يۇيۇپ ،قوياش نۇرىدا قۇرۇتۇش كېرەك ئىكەن .
تەرەت قاچىسى چوتكىسى ؛
ئەگەر تەرەت قاچىسى چوتكىسى ئۇپىرسا ،تازلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ،شۇڭا تەرەت قاچىسى چوتكىسىنى ھەپتىدە بىر قېتىم تازلاپ ،دېزىنفىكسىيەلىگەندىن سىرت ،يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك .
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى بىلىۋىلىڭ سەھىپىسى