ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
يېقىندا مېنى مۇشۇنداق سۇئال چۇلغىۋالدى ،مۇنبەردە باشقىلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش غەيۋەتمۇ ؟غەيۋەت دەيلى دىسەك باشقىلارمۇ كومپىتورنى ئاچسىلا كۆرەلەيدىغان ھالەتتە ئوچۇق ئاشكارە يازىدىكەنمىز.يا كەينىدىن گەپ تېپىپ قېچىپ كەتمەيدىكەنمىز .غەيۋەتچىدەك سەن مۇشۇنداق دەپسەنغۇ دىسە ،ياق دەپ تېنىۋالىدىغان ئىش قىلمايدىكەنمىز .غەيۋەت ئەمەس دەيلى دىسەك شۇ ئوبىكىتنىڭ بەزى ناچار ئىللەتلىرىنى خەلقى ئالامگە جاكالاپ ئىبرەت قىلغۇزىدىكەنمىز ھەتتا بەزىدە شەخشىيىتىمۇ ئاشكارىلىنىپ كىتىدىكەن .بەزىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر توغرىسىدىمۇ بەس مۇنازىرە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىللەتلىرىنى ئاشكارە قىلىدىكەنمىز .ئۆتكەندە مىسرانىم مۇنبىرىدە مۇنبەردىكى غەيۋەتچىلەر دەپ بىر تېما كۆردۈم .ھەم ئويلىنىپ قالدىم.كۆپچىلىككە بۇ مۇنازىرە سۇنىشىم ھەرگىز مىلتىق ئوقىنىڭ پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان ئىنكاس پەيدا قىلىش ئەمەس بەلكى ئەقىل بىلەن ئويلىنىپ ھەقىقى بىر ئورتاقلىق تېپىش .قېنى كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى قانداقكىن .