جۇڭگو گۇۋۋۇيەننىڭ زۇڭلىسى ۋىنجىياباۋ 18- دىكابىر ئىسلامئاباتتا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو پاكىستان سودا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى ؛<<جۇڭگو 10 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پىرۇۋىت ئاجىرتىپ ،پاكىستاننىڭ ئاپەتكە ئۇچىرغان خەلىقىگە ياردەم بېرىش پىلانىغا ئىشىلتىدۇ ،مەبلەغ خەلىقنىڭ قولىغا بىۋاستە يەتكۈزۈلىدۇ ،ھازىر پاكىستاننىڭ ئاپەت ئەھۋالى مۇقۇملاشتى ،بىراق ئاپەتتىن كىيىنىكى قايتا قۇرۇش ۋزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ، بىز پاكىستاننىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىسى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن پاكىستان خەلىقى مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلگەندە ،ياردىمىمىزنى ھەرگىزمۇ ئايىمايمىز .
جۇڭگو يەنە 229 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى يادەم سوممىسىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە مۇھتاج ،بىز چوقوم ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىپ ،پاكىستاننىڭ ئاپەتتىن كىيىنىكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىمىز ،ھەر بىر تۈرنىڭ ئاپەتكە ئۇچۇرغان پاكىستانلىقلارغا نەپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز .
ۋىنجىياباۋ پاكىستاننىڭ ئاپەتتىن كىيىنكى قايتا قۇرش ئىشلىرىغا داۋاملىق يادەم بېرىدىغانىلقنى بىلدۈرپ مۇنداق دېدى ؛
1-10 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پىرۇۋىت ئاجىرتىپ ،پاكىستاننىڭ ئاپەتكە ئۇچۇرغان خەلىقىگە ياردەم بېرىش پىلانىغا ئىشىلتىمىز ،مەبلەغنى بىۋاستە خەلىقنىڭ قولىغا تاپشۇرىمىز . 2- دېھقانچىلىق ھەمكارلىقى بويىچە ئۈچ تۈرگە ،يەنى ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى ، سوغوق ساقلاش ئىسكىلاتى تۈرى ، زىرائەتلەرنى يىراقتىن سېزىش سۈنئى ھەمراھ بىلەن ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىمىز . 3- پاكىستاننىڭ قىسمەن ئاپەتكە ئۇچىرغان رايۇنلىرىدىكى بۇزۇلغان تاش يوللارنى قايتا رېمونىت قىلىش قۇرلۇشىنى زىممىمىزگە ئېلىپ ،پاكىستاننىڭ جەنۇپتىن شىمالغا ۋە شەرىقتىن غەرىپكە سوزولغان قاتناش لىنىيەسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىمىز ،بۇنىڭدىن 150 مىلىيۇن ئاھالە نەپكە ئېرىشىدۇ . 4- ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيلەش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ،پاكىستانغا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش ،توقومچىلىق تېخنىكىسى ،باشقۇرۇش ،دېھقانچىلىق ۋە تېرىقچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىساسلىلارنى تەربىيلەشكە كۈچ سەرىپ قىلىپ ،پاكىستاننىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچەيتىمىز .5-ئىككى دۆلەت تۈزگەن سودا كېلىشىم تۈرىگە كىتىدىغان مەبلەغ ئۈچۈن پاكىستاننى 100مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى ئېتىبارلىق قەرىز ،300مىلىيۇن ئامېرىكا دوللرلىق ئېتىبارلىق ئېكىسپورىت قەرىزى بىلەن تەمىنلەيمىز .

شىنخۇا ئاگېنىتلىغى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى