ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىسلام دىندىكى ئۈسۈم توغىرسىدىكى بىر قانچە ھەدىسلەر
ئەبۇ ھۇرەيرە ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتتە خىل ھالاكەتلىك نەرسىدىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، « ئى اللەنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار قايسىلار؟» دەپ سورىغان كىشىلەرگە: « اللەقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۈسۈم يىيىش، يىتىمنىڭ مېلىنى يېۋىلىش، دۈشمەنگە ئۇمۇمى ھۇجۇم قىلغاندا ئۇرۇشتىن قېچىش ۋە ئىپپەتلىك پاك ئاياللارغا '' زىناخور'' دەپ تۆھمەت چاپلاش» دېگەن ئىدى.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم بىرلىكتە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسۈم يېگۈچىنى ، يىگۈزگۈچىنى، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى، ئۇنى خاتىرلىگۈچىنى، ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە مەڭ قويغۇچىنى، مەڭ قويدۇرغۇچىنى، تەھلىلگە خوتۇن ئالغۇچىنى، تەھلىلگە خوتۇن بەرگۈچىنى ۋە سەدىقە بېرىشنى چەكلىگۈچىنى لەنەتلىدى. شۇنداقلا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن پەريات ئۇرۇپ يىغلاشنى چەكلىدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇ مۇنداق دەيدۇ: اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆسۈم يېگۈچىنى، يېگۈزەۈچىنى، ئۇنى خاتىرلىگۈچىنى ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى لەنەتلىدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « ئىنسانلار ئۆسۈم يەيدىغان بىر زامان كېلىدۇ. يېمىگەن كىشىگە ئۆسۈمنىڭ چاڭ- تۇزاڭلىرى يۇقماي قالمايدۇ.
يەنە ئىبنى مەسئۇد ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « ئۆسۈم كۆپ بولسىمۇ نەتىنجىدە يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد دادىسىدىن ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىپ اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئىچىدە ئۆسۈم ۋە زىنا تارقىلىپ كەتكەن بىر خەلق، ئۆزلىرىگە اللەنىڭ ئازابىنى چۈشۈرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ھەنزەلە ( اللە ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن ) نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ بىر دىرھەم ئۆسۈم يىيىشى 36 قېتىم زىنا قىلغاندىنمۇ ئېغىر گۇناھ.
ئەمىر ئىبنى ئاس ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر جەمىيەتتە ئۆسۈم ئوتتۇرىغا چىقسا، خەلىقنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. ئەگەر پارخورلۇق تارقىلىپ كەتسە، خەلق قورقۇنچاقلىشىپ كېتىدۇ.
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن ئىسرا كېچىسى، بىر ئادەمنىڭ دەريادا سۇ ئۈزۈۋېتىپ تاش يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ نېمە؟ دەپ سورىدىم. « ئۆسۈم يېگۈچى » دەپ جاۋاب بېرىلدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: '' مەن ئىسرا كېچىسى قورساقلىرى ئۆيلەرگە ئوخشايدىغان بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كەلدىم. قورساقلىرىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان يىلان بار بولۇپ، سىرتتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. جىبرىلدىن بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم ئۇ: ئۆسۈم يېگۈچىلەر''، دەپ جاۋاب بەردى.
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب ( اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) اللەنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: '' كېچە چۈشۈمدە ئىككى ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلار مېنى مۇقەددەس بىر يەرگە ئېلىپ چىقتى، ئۇلار بىلەن مېڭىپ بىر قان دەرياسىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ دەريانىڭ ئىچىدەبىر ئادەم ئۆرە تۇرۇپتۇ، دەريانىڭ قىرغىقىدا ئالدىدا تاش دۆۋلەكلىك بىر ئادەم تۇراتتى. دەريادىكى ئادەم ئالدىغا مېڭىپ دەريادىن چىقماقچى بولغاندا، قىرغاقتا تۇرغان ئادەم ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر تاش ئېتىپ ئۇنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۋېتىپ تۇراتتى. مېنى ئېلىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ بىرىدىن، بۇ كىم بولىدۇ ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: سەن دەريانىڭ ئىچىدە كۆرگەن ئادەم، ئۆسۈم يېگۈچى، '' دەپ جاۋاب بەردى.