باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1226 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۈندە ھەدىس
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 19:31

كۈندە ھەدىس

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارا كاتۇھۇ

0 .ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« بىر كىشى جامائەت نامىزىغا قاتناشقاندا ئالغان ساۋاپ ئۇنىڭ يالغۇز ئوقۇغان نامىزىنىڭكىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. كۈندۈزلۈك ۋە كىچىلىك پەرىشتىلەر بامداد نامىزى ۋاقتىدا ئۇچرىشىدۇ ».

1.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« مۇناپىقلارغا ئەڭ ئىغىر كىلىدىغىنى بامداد نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزى .ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنىڭ خاسىيىتىنى بىلگەن بولسا ئىدى ،چوقۇم ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلەر ئىدى .مەن بىر كىشىنى ئەزان ئىيتىشقا بۇيرۇپ ،يەنە بىر كىشىنى ئىمام قىلىپ قويۇپ ئاندىن ئۆزۈم قولۇمغا ئوتۇن ئىلىپ ئەزان ئەۋازىنى ئاڭلاپمۇ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدىرىۋەتسەم ،دەيمەن».

2.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭ ئۆيىدە ياكى دۇكىنىدا ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق . بۇنىڭ سەۋەبى ، سىلەردىن بىر كىشى كامىل تاھارەت ئىلىپ ،ئاندىن پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن مەسجىدكە بىرىپ ناماز ئوقۇسا ،ئۇ مەسجىدكە قاراپ ھەر بىر قەدەم ماڭغاندا اللە ئۇنىڭغا بىر دەرىجە ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر سەۋەنلىكىنى ئۆچۈرىۋىتىدۇ . تاكى ئۇ مەسجىدكە كىرگۇچە شۇنداق بولىدۇ . ئۇ مەسجىدكە كىرىپ نامازنى تاھارىتى بىلەن كۈتۈپ تۇرسا ،نامازغا تۇرغاندەك ساۋاپ بىرىلىدۇ . پەرىشتە دائىم ئۇنىڭغا اللە دىن بەخىت تىلەپ : ئى اللە ، سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن . ئى اللە ، سەن ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، دەيدۇ» .

3.ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« ئەگەر بىر كىشنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر دەريا بولسا ، ئۇ بۇ دەريادا كۈنىگە بەش ۋاخ يۇيۇنسا ، سىلەر دەپ بىقىڭلارچۇ، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە يەنە كىر قالارمۇ؟» . كۆپچىلىك :« ئازراقمۇ كىر قالمايدۇ » دىيىشتى. رەسۇلۇللاھ :« بەش ۋاقىت نامازمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،اللە بەش ۋاقىت ناماز ئارقىلىق سىلەرنىڭ كۈندىلىك خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدۇ» .

4. مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن جەمەتىمدىكى بىر نەچچە كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا بارغان ئىدۇق . رەسۇلۇللاھ بەك مىھماندوست ئىكەن . ئۇ بىزنى يىنىدا 20كۈن تۇتۇپ قالدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆينى سىغىنغانلىقىمىزنى كۆرگەندە :« سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتقاندا ئۇلارغا ناماز توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىڭلار ،ئەگەر ناماز ۋاقتى كەلگەن بولسا ، ئاراڭلاردىكى بىرىڭلار ،ئەزان ئىيتسۇن ، يىشى چوڭراق بىرىڭلار ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇڭلار » دىدى.

5.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« كىمكى نامازنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن ، ئۇ ئىسىگە كەلگەندە شۇ نامازنى ئوقۇۋالسا بولىدۇ . پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا شۇ نامازنى ئوقۇمىغانلىق خاتالىقىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ . قۇرئاندا مۇنداق دىيىلگەن:{ مىنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن نامازئوقىغىن} .

مەنبە : ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە _ مارجانلار (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ، كۈندە يوللاپ تۇرغايسىز
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4904
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 520 %
مۇنبەر پۇلى: 2720 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2012-09-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 23:10

ئاللا رەخمەت قىلسۇن.بۇرادەر.