چىرايلىق بىر قىزچاق بازار ئارىلاۋېتىپ بىر يېگىتنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق رەخىتكە كۆزى چۈشۈپ سوراپتۇ.
-بۇ رەختنى قانداق ساتتىڭىز؟
سودىگەر يېگىت قىزغا ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دەپتۇ.
-بىر مېتىرىنى بىر سۆيۈشكە.
قىزبىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:
-بولىدۇ، ماڭا ئون مېتىر بېرىڭ_دەپتۇ.
يېگىتنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ ۋە دەرھال رەختنى مېتىرلاپ خالتىغا سېلىپ بىرىپتۇ. قىز رەختنى قولىغا ئېلىپلا يېگىتكە:
-خەير-خوش، مەن مومامغا ئېيتىپ قوياي، كەچتە كېلىپ قەرزنى تۆلىۋەتسۇن_ دېگىنىچە كېتىپ قاپتۇ.