باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4085 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: زامان ئاخىرىنىڭ  ئادەملىرى
ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى اللە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 22 %
مۇنبەر پۇلى: 274 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2011-07-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-27 18:47

زامان ئاخىرىنىڭ  ئادەملىرى



بۈگۈنمۇ مەن كۈندۈلۈك ئادىتىم بويىچە ئوغلۇمنى يەسلىدىن ئەكىلىپ بېرىدىغان ماشىنىنى ساقلىغاچ 
يول بويىغا جايلاشقان مەكتەپنىڭ رىشاتكىسىنىڭ ئاستىدىكى
قۇپۇرۇلغان گۈللۈك خىشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەتراپىمدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان
كىشىلەرگە قارىغاچ ئوغلۇمنى ساقلاپ ئولتۇردۇم...
ئالدىمدىن قېرىمۇ ،ياشلارمۇ ، بالىلارمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل كىيىنىشتىكى كىشىلەرنىڭ
ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.تۇرۇپ –تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىلىشىپ ماڭغان گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالاتتى...
ئورۇنۇپ ماڭغان خانىم –قىزلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا زوقلۇنۇپ قارايتتىم.يېرىم يالاڭاچ ، بېشىدا ياغلىقىمۇ
يوق ياشقا مۇناسىپ ئەمەس ياسىنىپ ئۆتكەنلەرنى كۆرگەندە:«ئى ھەممىگە قادىر اللە ،
مەنمۇ بىر چاغلار مۇشۇلاردەك جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشىغان ئىنسان ئىدىم –ھە، مېنى
 ھىدايەت قىلغانلىرىغا چەكسىز شۈكۈر...مۇشۇ قېرىنداشلرىمغىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغايلا ...
"ئەلھەمدۇلىللاھ "...دەپ ھەمىدلەر ئېيتاتتىم...
ئۆتكەن ئىشقا ئەپسۇسلىنىش شەيتاننىڭ ئىشى دەيدىكەن.شۇنداقتىمۇ جاھىلىيەتتىن ئويغانغان كىشىگە
نىسبەتەن ئۇيقىدىكى ۋاقتىغا ئەپسۇسلانغۇسى كېلىپلا تۇرىدىكەن ،شۇ خىياللار ئىلكىدە خىيالىم بالىلىقىمغا
يەنى  مەرھۇمە مومام كىچىك ۋاقتىمدا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايەتلەرنى ئەسلەتمەكتە ،مانا مەن شۇلارنى 
ئەمدىلىكتە تۇلىقى بىلەن چۈشەنگەندەك تۇيغۇغا كەلمەكتىمەن ....

باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان  ۋاقتىمدا  داۋاملىق تەتىل قويۇپ بەرگەندە تۇرپاندىكى مومامنىڭ يېنىغا
بېرىپ تۇرىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.چۈنكى ئۇ يەردىكى نەۋرە ئاكا –ئىنە ،
 ئاچا-سىڭىللىرىم مېنىڭ كېلىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى.
ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى گەرچە بەك ئىسسق بولسىمۇ مەن يەنىلابېرىشقا ئامراق ئىدىم.
ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ مەن دىمەتلىك بالىلىرى بىللە ئېتىزمۇ –ئېتىز ئويناپ ،
ھارغاندا ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا چۈمۈلۈپ ئويناشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم.گەرچە ئۆزۈم قىز بالا بولغىنىم
 بىلەن يولۋاس يىللىق بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن
 بەكلام شوخ ئىدىم .بىر كۈنلۈك ئۇيۇندىن ھېرىپ-  چارچاپ  قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمىزدە
بوۋام بىلەن مومامنىڭ ئىللىق چىراي بىلەن كۈتىۋېلىشى، نەۋرەم دەپ باغرىغا بېسىپ ئەركىلىتىشى ،
باشقا نەۋرىلىرىدىن يۇشۇرۇنچە تىقىپ قويغان ئېسىل يىمەكلىرىنى ماڭا ئوغۇرلىقچە بېرىشى مانا
 تۆنۈگۈنكى ئىشتەكلا  يادىمدا  تۇرماقتا...
كەچتە ياتاشىمىزدا مومام بىزگە ئاخشام كەچ ئۆگىتىپ توختىغان سۈرىلەرنى بىزدىن بىر قۇر سورىۋەتكەدىن
كېيىن ئارقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاكى بىز يادقا ئالغىچە قايتا- قايتا ئۆگىتەتتى.
ـــ موما، نېمىشقا  بۇلارنى بىزگە ئۆگىتىسىز ،- دەپ سورىدىم مەن.
ــ جېنىم بالام ، بۇ بىر ئەقەللى مۇسۇلمان بالىسىنىڭ بىلىپ ئۆگۈنىشىگە تىگىشلىك
ۋەزىپىسى، ھازىر يادقا بىلىۋالساڭلار، ئەتە – ئۆگۈن ناماز ئوقۇغان ۋاقتىڭلاردا
قىينالمايسىلەر.
ـــ ئانا ، ناماز ئوقۇپ نېمە قىلىمىز، مەن ئويناشقا ئامراق ...شۇنداق بىزمۇ ئويناشقا ئامراق...
چوقىراشتۇق نەۋرىلەر ...
ـــ جېنىم بالىلىرىم ، سىلەر تېخى كىچىك بەزى ئىشلارنى سىلەرگە دىسەممۇ چۈشەنمەيسىلەر،شۇنداق
 بولسىمۇ مەن سىلەرگە ھىكايە ئېيتىپ بېرەي..
بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ  بىر زات بار ،ئۇنىڭ ئىسىمى اللە. ئۇ بىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىزگە رىزىق
ئاتا قىلىدۇ.بىزنىڭ بارلىق نەرسىلىرىمىز ئۇنىڭدۇر...بىز شۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇلچىلىق
قىلىشىمىز كېرەك .شۇڭا ناماز ئوقۇيمىز.
ــ موما ، ئۇ ھازىرمۇ بىزگە قاراۋاتامدا؟ بىز يەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممسىنى ئۇ بېرەمدۇ؟
ـــ شۇنداق، ئۇماق قوزام، ئۇ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. نېمە قىلىۋاتىمىز، نېمە داۋاتىمىز
ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە نۇرغۇن پەرىشتىلىرى بار..
ـــ ۋاھ ، پەرىشتىلەر...موما پەرىشتىلەر بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بارمۇ؟
ــ شۇنداق ، كېلىدۇ ئاپپاق قوزام...سىلەرگە ئۆگۈتىۋاتقان سۈرىلەرنى ھەر كۈنى ئوقۇساڭلار پەرىشتىلەر
 سىلەرنى ئورىۋالىدۇ....ئاندىن سىلەرنى قاناتلىرى بىلەن يەلپۈپ سالقىن شامال چىقىرىپ ،
 پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويىدۇ..
يەنە سىلەرگە دىسەم بىزگە ئەشەددى دۈشمەن شەيتان لەنىتىمۇ بار..
ـــ شەيتان ؟ ئۇ نېمە موما..
ــ  شەيتان، ئىنسان يارىلىشتىن بۇرۇن بارلىق پەرىشتىلەرگە  دەرس بېرىدىغان ئالىم ئىكەنتۇق.
 اللە تائاللا  ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن  سەجدە قىلىدىغان چاغدا ئۇ مەن دېگەن ئوتتىن يارالغان ،
ئادەم دېگەن  تۇپراقتىن مەن نېمىشقا  ئۇنىڭغا سەجدە قىلاتتىم دەپ ، - اللە غا  ئاسىي بولغانلىقتىن 
اللە قاغىشىغا كەتكەن لەنىتى ئۇ..
ـــ مومام ، ئەمسە ئۇ بەك ئەسكىكەندە؟
ـــ شۇنداق بالىلىرىم ، ئۇ تاكى قىيامەتكىچە ئىنسانلارنى يولدىن چىقىرىپ خاتا يولغا باشلايمەن ،
-دەپ قەسەمىيات قىلغانىكەن...شۇڭا بىزنى ئازدۇرغىلى ئارانلا تۇرىدۇ.
ـــ  قىيامەت دېگەن نېمەموما ؟
ـــ قىيامەت دېگەن يەنى ئاخىرقى زامان دېگەنلىكتۇر. بۇ كۈننىڭ قاچان بولىدىغىنى بىر اللە دىن باشقا
ھېچ كىم بىلمەيدۇلېكىن اللە نىڭ كالامى قۇرئاندا بۇ توغۇرلۇق ئالدىن بىشارەت بىرىلگەن .
يەنى  ئىسرافىل ئەلەيكىسالام اللە نىڭ پەرمانى بىلەن سۈرنى
چالغان كۈن.ئۇ كۈندە زىمىن تەۋرەپ، تاغلار پاختىدەك بولۇپ ئېتىلىپ ، يەر دۈم كۆمتۈرۈلۈپ،
ئىنسان ۋە جىنلار بارلىق مەخلۇقلار ئۈلىدۇ،ئىسرافىل ئەلەيكىسالام يەنە اللە بويرىقى بىلەن
يەنە بىر قېتىم سۈرنى چالغاندا  بارلىق ئىنسان،جىنلار ۋە مەخلۇقاتلار تىرىلىپ،
اللە دەرگاھىدا ھىساب-كىتاپ بېرىشكە يىغىلىدىغان ،اللە سۇئال –سوراق قىلىدىغان
كۈندۈر بالىلىرىم .
ـــ جىنلار دىدىڭىزما موما؟
ــ شۇنداق بىزدىن باشقا  جىن يەنە ھەر خىل مەخلۇقلار بار بىز بىلەن ئورتاق ياشايدىغان.
ـــ ئەمسە جەننەت ۋە دوزاخ دېگىنىڭىز نېمە؟
ــ اللە تائاللانىڭ ئىنسانلارنىڭ ياخشى، يامان ئەمەلىگە بەرگەن مۇكاپاتىدۇر.
ئاخىرقى زامان بولۇپ ئىنسان ،جىن ۋە بارلىق  مەخلۇقاتلا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا
قىلغان ياخشى –يامان ئەمەللىرىنى كۆتۈرۈپ مەشھەرگاھقا يىغىلىدۇ. اللە غا بوي سۇنۇپ ياخشى ئەمەللەرنى
قىلغانلار اللە ئىنئام قىلغان جەننىتىگە، اللە غا بوي سۇنماي يامان ئەمەللەرنى قىلغانلار اللە نىڭ جازاسى
 بويىچە دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.ماڭىمۇ بوۋامنىڭ:«  ئاخىرقى زامانغا ئاز قالغاندا زىمىندا دەججال پەيدا
بولىدۇ. ئىنسانلار  يامان ئىشلارنى كۆپ قىلىپ ، خاتا يوللاردا مېڭىپ يولدىن چىقىپ شەيتان ۋە
شۇ دەججالغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئىمانىدىن ئاجرايدۇ ،ھەممە نەرسە ياخشىلىقتىن يىراقلايدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا سىلى-رەھىم ئۈزۈلۈپ، ئىنسانلاردىن ھايا كۈتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.ھەممە ئۆز خاھىشى بويىچە
 ياشايدۇ.شۇ سەۋەپلىك جەننەتكە كىرەلمەي دوزاخقا كىرىدۇ»، -دەپ ئېيىتىپ بەرگەنلىكى
ھېلىمۇ يادىمدا ، -دەيتتى مومام....

  مانا بۇ ئىشلار بولۇپ ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەيلا  26 كىرىپتىمەن. بۇ يىللار شۇندق تىز
 ئۆتۈپ مەنمۇ بالىلىق بولۇپ ئانا بولدۇم. گەرچە بوۋام بىلەن مومام ھەم ئاتام ئالەمدىن ئۆتكەن
بولسىمۇ ، مەن يەنىلا نەچچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ شۇ يۇرتۇم تۇرپانغا بېرىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
 لېكىن بۇرۇنقى ھىس- تۇيغۇلار ھازىر پەقەتلا يوق..ھەممە ئۆزگەرگەن...
كارىزلارمۇ ، كۆللەرمۇ قۇرۇپ كەتكەن، ھويلا ئارام ئىچىدىكى ئۈزۈم كۆچەتلىرى سايەتاشلاپ ،
 كىشىگە ئارام بەخش ئېتىدىغان گۈللۈكلەرنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئۆيلەر سېلىغان...
كىچىك ۋاقتىمدىكى ھەمراھلىرىممۇ ھەممىسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، بۇرۇنقى كىيىملىرى ئورنىغا
 بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر ئاملاشقان ...
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى<ۋاھ ھاجىم خېنىم ،ئۆزگۈرۈش چوڭغۇ،ھەرەمگە بېرىپ كەلدۇقما؟>
دېگەندەك تەنە ئارلاش گەپلىرى ...
ئاھ قېرىنداشلىرىم ھەرەمگە بارمىساممۇ مۇسۇلمان بولسام بولمامدىكەن ؟ سىلەرگە اللە رەھمەت قىلسۇن ...

.....ھەممە ئۆزگەرگەن ..بۇرۇنقىلاردىن ئەسەرمۇ يوق...يىلدىن –يىلغا ئۆزگۈرۈپ مەن تۇنىمىغۇدەك
بولۇپ كېتىۋاتماقتا...
كىچىكىمدە بۇ يۇتتىكى  خانىم – قىزلارنىڭ ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۆڭلەك كىيىپ ياغلىقنى چىكىدەپ
چىگىپ يۈرەتتى.ئىشىكلىرىگە قۇلۇپمۇ سالماي ،ئوغرىدىن ئەنسىرەش يوق ئېتىزغا ئىشلىگىلى كېتىۋىرەتتى.
قۇلۇم-قوشنىلار بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك ھەر تاماقتا بىر –بىرىگە تاماق سۇنۇشۇپ قوشنىداچىلىقنى
 يەتكۈزۈپ تۇراتتى. كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەيتتى ھايا قىلاتتى. ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا
 ئۆتمەيتتى...مەيلى تۇنۇشسۇن تۇنىشمىسۇن ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا سالاملىشاتتى. ..
ئەرلەرمۇ چوڭلارنى ھەدىسىدەك ، كىچىكلەرنى سىڭلىسىدەك كۆرۈپ غەيرى نىيەتتە بولمايتتى..
ھازىرچۇ تەرەققىي قىلدۇق دەپ ھەممە ئۆزگىرىپ زاۋاللىققا يۈزلەنمەكتە...
تەبىئەت ھادىسىلىرى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيمەكتە...كىشىلەر ئارىسىدىكى سىلى-رەھىم ئۈزۈلۈپ ،
ئەر-ئاياللار ئارىسىدىن پەرىشەپ كۆتۈرۈلۈپ كەتمەكتە.
ياش قىز-يىگىتلەر باشقىلاردىن قىلچە ئەيمەنمەستىن ئۇچۇق ئاشكارا قۇچاقلىشىۋاتقان، خالىي
جايلاردىكى بۇزۇقچىلىق...نەئۇزۇبىللاھ ..
ئەتراپىمغا قاراپ باقسام بۇ يۇرتتىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۆزگەرگەندەك ، ھەممە
مودىلىشىپ ،ئەسلىنى يوقاتقان . ھەممە تەرەققىي قىلىپ....ھەممە ئاخىرقى چەككە يىتەيلا دەپ قالغان.
قارىغاندا بۇ ئالامەتلەر مومام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن زامان ئاخىرىغا ئاز قالغاندا ئىنسانلار شەيتان ،
ئادىمىي شەيتان ، دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئۇچراپ خاتا يولنى تالىشىپ
كېتىۋاتقان ھەقتىن يۈز ئۆرىۋاتقان ، مانا بۇلار زامان ئاخىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە زامان ئاخىرىنىڭ ئادەملىرى ئوخشايدۇ... مانا بۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋە دەججالنىڭ پىتنىسى بولماي نېمە؟

يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ..
خوشاللىنارلىق يېرى بولار بايا ئېيتقانلارنىڭ دەل ئەكسىچە ،
يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر چىن ئىخلاسى بىلەن ھەققە تەلپۈنگەن،جاھىلىيەتنى تاشلاپ گۇناھلىرىغا
تەۋبە قىلىپ،
 ھىدايەت يولىنى تاللىغانلار. يەنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ چاقىرقىغا
ئاۋاز قوشۇپ ، اللەغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر:
{ ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقىلا خالىس قىلغان،ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇ ز)
اللە قىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا ،زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى).
ئەنە شۇلار ( يەنى ئىبادەت، ئىخلاس، ناماز،زاكاتلار) توغرا دىندۇر .}
«قۇرئان كەرىم سۈرە بەييىنە 37-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى»
ئۇلار بولسىمۇ مومامنىڭ ھىكايىسىدە دېگەندەك اللەغا قۇلچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان
مۇسۇلمانلار...ئۇلارمۇ زامان ئاخىرىنىڭ ئادەملىرىدۇر....

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەدىس قۇددۇستا
اللە تائاللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:{ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا،
مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن.ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا،
مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن.ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.}»
 ــ بۇخارى رىۋايەت قىلغان
ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ
ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغانىدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:«ئى ئوغۇل مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى
 ئۆگىتىپ قوياي:{ اللە نى ياد ئېتىپ تۇرغىن اللە تائاللامۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. اللە تائاللانى ياد ئەتكىن ،
اللە تائاللانى ئالدىڭدىلا تاپىسەن.
قاچانقى بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، اللە تائاللادىنلا سورا.ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ اللە تائاللادىن
تىلە. بىلگىنكى، ئەگەر جىمى ئادەملەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن
پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ساڭا اللە تائاللا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ.
ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، اللە تائاللا ساڭا پۈتۈۋەتكەن
نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇلدى
(يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى)» دېدى.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم 
بۇ ئەسەر مۇكاپاتلىق ئەسەرگە تەييارلىغان .باشقا تور بەتكە كۈچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.


 

[attachment=673]

[ muslimaتەرىپىدىن2010-06-30 18:25قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 167
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
ئۆسۈش: 309 %
مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2012-01-05

ياخشىې يىزىپ سىز  ھارمىغايسىز يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ
بىز پەقەتلا تۇپراق ئۇستىدىكي تۇپراقمىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 96 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2010-07-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-27 21:37

مۇكاپات مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ بولسۇن  ، تەربىيەۋي ئەھمىيتي باركەن .    ئاللاھ ياخشىلىقني  مۇيەسسەر قىلسۇن !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 462
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2010-06-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-28 19:48

اللەھ سىزگە ئەجىر بەرسۇن!!!!
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 393
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە393دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-29 10:38

پەرزەنتلىرىگە اللە نى چۈشەندۈرۈشنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان ئاتا - ئانىلارغا ، ھەم باشقا ئاتا - ئانىلارغا اللە نىڭ ئامانلىقى بولغاي !
ئەسىرىڭىزنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تېلەكداشمەن !  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 322
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 2 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2011-04-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-30 21:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسز ..ئاللا رەھمەت قىلسۇن .....
تېمىنى ئۇقۇۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تۈكۈلدى ...مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم ....قەلىمىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلغاي ..
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-05 21:44

نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم! ئاللاھنىڭ خەلقىمىزگە ھەقىقىي ئىسلامنى مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمەن!
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 81
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 158
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 1860 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-10 17:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قانداق  ئەھۋالىڭىز ؟ ئوبدان  يېزىپسىز ،  ئاللاھ   ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ..
[ tamkinتەرىپىدىن2010-12-03 12:02قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 525
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2720 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2011-11-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-10 20:23

باشقا تور بەتتە ئاللىقاچان يوللاپ بولغان نەرسسىغۇ بۇ؟
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 882
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە882دانە
ئۆسۈش: 2842 %
مۇنبەر پۇلى: 9293 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-10 21:46

ئەسما ئۇنداق دىمىگەيسىز......
سوراي سىزدىن: ناننى كۈندە يېڭسىىز زىرىكمەسسىز؟
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.