باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا داۋاملىق تەتىل قويۇپ بەرگەندە تۇرپاندىكى مومامنىڭ يېنىغا
بېرىپ تۇرىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.چۈنكى ئۇ يەردىكى نەۋرە ئاكا –ئىنە ،
ئاچا-سىڭىللىرىم مېنىڭ كېلىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى.
ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى گەرچە بەك ئىسسق بولسىمۇ مەن يەنىلابېرىشقا ئامراق ئىدىم.
ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ مەن دىمەتلىك بالىلىرى بىللە ئېتىزمۇ –ئېتىز ئويناپ ،
ھارغاندا ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا چۈمۈلۈپ ئويناشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم.گەرچە ئۆزۈم قىز بالا بولغىنىم
بىلەن يولۋاس يىللىق بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن
بەكلام شوخ ئىدىم .بىر كۈنلۈك ئۇيۇندىن ھېرىپ- چارچاپ قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمىزدە
بوۋام بىلەن مومامنىڭ ئىللىق چىراي بىلەن كۈتىۋېلىشى، نەۋرەم دەپ باغرىغا بېسىپ ئەركىلىتىشى ،
باشقا نەۋرىلىرىدىن يۇشۇرۇنچە تىقىپ قويغان ئېسىل يىمەكلىرىنى ماڭا ئوغۇرلىقچە بېرىشى مانا
تۆنۈگۈنكى ئىشتەكلا يادىمدا تۇرماقتا...
كەچتە ياتاشىمىزدا مومام بىزگە ئاخشام كەچ ئۆگىتىپ توختىغان سۈرىلەرنى بىزدىن بىر قۇر سورىۋەتكەدىن
كېيىن ئارقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاكى بىز يادقا ئالغىچە قايتا- قايتا ئۆگىتەتتى.
ـــ موما، نېمىشقا بۇلارنى بىزگە ئۆگىتىسىز ،- دەپ سورىدىم مەن.
ــ جېنىم بالام ، بۇ بىر ئەقەللى مۇسۇلمان بالىسىنىڭ بىلىپ ئۆگۈنىشىگە تىگىشلىك
ۋەزىپىسى، ھازىر يادقا بىلىۋالساڭلار، ئەتە – ئۆگۈن ناماز ئوقۇغان ۋاقتىڭلاردا
قىينالمايسىلەر.
ـــ ئانا ، ناماز ئوقۇپ نېمە قىلىمىز، مەن ئويناشقا ئامراق ...شۇنداق بىزمۇ ئويناشقا ئامراق...
چوقىراشتۇق نەۋرىلەر ...
ـــ جېنىم بالىلىرىم ، سىلەر تېخى كىچىك بەزى ئىشلارنى سىلەرگە دىسەممۇ چۈشەنمەيسىلەر،شۇنداق
بولسىمۇ مەن سىلەرگە ھىكايە ئېيتىپ بېرەي..
بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ بىر زات بار ،ئۇنىڭ ئىسىمى اللە. ئۇ بىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىزگە رىزىق
ئاتا قىلىدۇ.بىزنىڭ بارلىق نەرسىلىرىمىز ئۇنىڭدۇر...بىز شۇنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇلچىلىق
قىلىشىمىز كېرەك .شۇڭا ناماز ئوقۇيمىز.
ــ موما ، ئۇ ھازىرمۇ بىزگە قاراۋاتامدا؟ بىز يەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممسىنى ئۇ بېرەمدۇ؟
ـــ شۇنداق، ئۇماق قوزام، ئۇ بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. نېمە قىلىۋاتىمىز، نېمە داۋاتىمىز
ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە نۇرغۇن پەرىشتىلىرى بار..
ـــ ۋاھ ، پەرىشتىلەر...موما پەرىشتىلەر بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بارمۇ؟
ــ شۇنداق ، كېلىدۇ ئاپپاق قوزام...سىلەرگە ئۆگۈتىۋاتقان سۈرىلەرنى ھەر كۈنى ئوقۇساڭلار پەرىشتىلەر
سىلەرنى ئورىۋالىدۇ....ئاندىن سىلەرنى قاناتلىرى بىلەن يەلپۈپ سالقىن شامال چىقىرىپ ،
پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويىدۇ..
يەنە سىلەرگە دىسەم بىزگە ئەشەددى دۈشمەن شەيتان لەنىتىمۇ بار..
ـــ شەيتان ؟ ئۇ نېمە موما..
ــ شەيتان، ئىنسان يارىلىشتىن بۇرۇن بارلىق پەرىشتىلەرگە دەرس بېرىدىغان ئالىم ئىكەنتۇق.
اللە تائاللا ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن سەجدە قىلىدىغان چاغدا ئۇ مەن دېگەن ئوتتىن يارالغان ،
ئادەم دېگەن تۇپراقتىن مەن نېمىشقا ئۇنىڭغا سەجدە قىلاتتىم دەپ ، - اللە غا ئاسىي بولغانلىقتىن
اللە قاغىشىغا كەتكەن لەنىتى ئۇ..
ـــ مومام ، ئەمسە ئۇ بەك ئەسكىكەندە؟
ـــ شۇنداق بالىلىرىم ، ئۇ تاكى قىيامەتكىچە ئىنسانلارنى يولدىن چىقىرىپ خاتا يولغا باشلايمەن ،
-دەپ قەسەمىيات قىلغانىكەن...شۇڭا بىزنى ئازدۇرغىلى ئارانلا تۇرىدۇ.
ـــ قىيامەت دېگەن نېمەموما ؟
ـــ قىيامەت دېگەن يەنى ئاخىرقى زامان دېگەنلىكتۇر. بۇ كۈننىڭ قاچان بولىدىغىنى بىر اللە دىن باشقا
ھېچ كىم بىلمەيدۇلېكىن اللە نىڭ كالامى قۇرئاندا بۇ توغۇرلۇق ئالدىن بىشارەت بىرىلگەن .
يەنى ئىسرافىل ئەلەيكىسالام اللە نىڭ پەرمانى بىلەن سۈرنى
چالغان كۈن.ئۇ كۈندە زىمىن تەۋرەپ، تاغلار پاختىدەك بولۇپ ئېتىلىپ ، يەر دۈم كۆمتۈرۈلۈپ،
ئىنسان ۋە جىنلار بارلىق مەخلۇقلار ئۈلىدۇ،ئىسرافىل ئەلەيكىسالام يەنە اللە بويرىقى بىلەن
يەنە بىر قېتىم سۈرنى چالغاندا بارلىق ئىنسان،جىنلار ۋە مەخلۇقاتلار تىرىلىپ،
اللە دەرگاھىدا ھىساب-كىتاپ بېرىشكە يىغىلىدىغان ،اللە سۇئال –سوراق قىلىدىغان
كۈندۈر بالىلىرىم .
ـــ جىنلار دىدىڭىزما موما؟
ــ شۇنداق بىزدىن باشقا جىن يەنە ھەر خىل مەخلۇقلار بار بىز بىلەن ئورتاق ياشايدىغان.
ـــ ئەمسە جەننەت ۋە دوزاخ دېگىنىڭىز نېمە؟
ــ اللە تائاللانىڭ ئىنسانلارنىڭ ياخشى، يامان ئەمەلىگە بەرگەن مۇكاپاتىدۇر.
ئاخىرقى زامان بولۇپ ئىنسان ،جىن ۋە بارلىق مەخلۇقاتلا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا
قىلغان ياخشى –يامان ئەمەللىرىنى كۆتۈرۈپ مەشھەرگاھقا يىغىلىدۇ. اللە غا بوي سۇنۇپ ياخشى ئەمەللەرنى
قىلغانلار اللە ئىنئام قىلغان جەننىتىگە، اللە غا بوي سۇنماي يامان ئەمەللەرنى قىلغانلار اللە نىڭ جازاسى
بويىچە دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.ماڭىمۇ بوۋامنىڭ:« ئاخىرقى زامانغا ئاز قالغاندا زىمىندا دەججال پەيدا
بولىدۇ. ئىنسانلار يامان ئىشلارنى كۆپ قىلىپ ، خاتا يوللاردا مېڭىپ يولدىن چىقىپ شەيتان ۋە
شۇ دەججالغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئىمانىدىن ئاجرايدۇ ،ھەممە نەرسە ياخشىلىقتىن يىراقلايدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا سىلى-رەھىم ئۈزۈلۈپ، ئىنسانلاردىن ھايا كۈتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.ھەممە ئۆز خاھىشى بويىچە
ياشايدۇ.شۇ سەۋەپلىك جەننەتكە كىرەلمەي دوزاخقا كىرىدۇ»، -دەپ ئېيىتىپ بەرگەنلىكى
ھېلىمۇ يادىمدا ، -دەيتتى مومام....
مانا بۇ ئىشلار بولۇپ ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەيلا 26 كىرىپتىمەن. بۇ يىللار شۇندق تىز
ئۆتۈپ مەنمۇ بالىلىق بولۇپ ئانا بولدۇم. گەرچە بوۋام بىلەن مومام ھەم ئاتام ئالەمدىن ئۆتكەن
بولسىمۇ ، مەن يەنىلا نەچچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ شۇ يۇرتۇم تۇرپانغا بېرىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
لېكىن بۇرۇنقى ھىس- تۇيغۇلار ھازىر پەقەتلا يوق..ھەممە ئۆزگەرگەن...
كارىزلارمۇ ، كۆللەرمۇ قۇرۇپ كەتكەن، ھويلا ئارام ئىچىدىكى ئۈزۈم كۆچەتلىرى سايەتاشلاپ ،
كىشىگە ئارام بەخش ئېتىدىغان گۈللۈكلەرنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن ئۆيلەر سېلىغان...
كىچىك ۋاقتىمدىكى ھەمراھلىرىممۇ ھەممىسى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، بۇرۇنقى كىيىملىرى ئورنىغا
بەدەنگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر ئاملاشقان ...
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى<ۋاھ ھاجىم خېنىم ،ئۆزگۈرۈش چوڭغۇ،ھەرەمگە بېرىپ كەلدۇقما؟>
دېگەندەك تەنە ئارلاش گەپلىرى ...
ئاھ قېرىنداشلىرىم ھەرەمگە بارمىساممۇ مۇسۇلمان بولسام بولمامدىكەن ؟ سىلەرگە اللە رەھمەت قىلسۇن ...
.....ھەممە ئۆزگەرگەن ..بۇرۇنقىلاردىن ئەسەرمۇ يوق...يىلدىن –يىلغا ئۆزگۈرۈپ مەن تۇنىمىغۇدەك
بولۇپ كېتىۋاتماقتا...
كىچىكىمدە بۇ يۇتتىكى خانىم – قىزلارنىڭ ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۆڭلەك كىيىپ ياغلىقنى چىكىدەپ
چىگىپ يۈرەتتى.ئىشىكلىرىگە قۇلۇپمۇ سالماي ،ئوغرىدىن ئەنسىرەش يوق ئېتىزغا ئىشلىگىلى كېتىۋىرەتتى.
قۇلۇم-قوشنىلار بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك ھەر تاماقتا بىر –بىرىگە تاماق سۇنۇشۇپ قوشنىداچىلىقنى
يەتكۈزۈپ تۇراتتى. كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەيتتى ھايا قىلاتتى. ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا
ئۆتمەيتتى...مەيلى تۇنۇشسۇن تۇنىشمىسۇن ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا سالاملىشاتتى. ..
ئەرلەرمۇ چوڭلارنى ھەدىسىدەك ، كىچىكلەرنى سىڭلىسىدەك كۆرۈپ غەيرى نىيەتتە بولمايتتى..
ھازىرچۇ تەرەققىي قىلدۇق دەپ ھەممە ئۆزگىرىپ زاۋاللىققا يۈزلەنمەكتە...
تەبىئەت ھادىسىلىرى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيمەكتە...كىشىلەر ئارىسىدىكى سىلى-رەھىم ئۈزۈلۈپ ،
ئەر-ئاياللار ئارىسىدىن پەرىشەپ كۆتۈرۈلۈپ كەتمەكتە.
ياش قىز-يىگىتلەر باشقىلاردىن قىلچە ئەيمەنمەستىن ئۇچۇق ئاشكارا قۇچاقلىشىۋاتقان، خالىي
جايلاردىكى بۇزۇقچىلىق...نەئۇزۇبىللاھ ..
ئەتراپىمغا قاراپ باقسام بۇ يۇرتتىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۆزگەرگەندەك ، ھەممە
مودىلىشىپ ،ئەسلىنى يوقاتقان . ھەممە تەرەققىي قىلىپ....ھەممە ئاخىرقى چەككە يىتەيلا دەپ قالغان.
قارىغاندا بۇ ئالامەتلەر مومام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن زامان ئاخىرىغا ئاز قالغاندا ئىنسانلار شەيتان ،
ئادىمىي شەيتان ، دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئۇچراپ خاتا يولنى تالىشىپ
كېتىۋاتقان ھەقتىن يۈز ئۆرىۋاتقان ، مانا بۇلار زامان ئاخىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە زامان ئاخىرىنىڭ ئادەملىرى ئوخشايدۇ... مانا بۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋە دەججالنىڭ پىتنىسى بولماي نېمە؟

يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ..
خوشاللىنارلىق يېرى بولار بايا ئېيتقانلارنىڭ دەل ئەكسىچە ،
يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر چىن ئىخلاسى بىلەن ھەققە تەلپۈنگەن،جاھىلىيەتنى تاشلاپ گۇناھلىرىغا
تەۋبە قىلىپ،
ھىدايەت يولىنى تاللىغانلار. يەنى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ چاقىرقىغا
ئاۋاز قوشۇپ ، اللەغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر:
{ ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقىلا خالىس قىلغان،ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇ ز)
اللە قىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا ،زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى).
ئەنە شۇلار ( يەنى ئىبادەت، ئىخلاس، ناماز،زاكاتلار) توغرا دىندۇر .}
«قۇرئان كەرىم سۈرە بەييىنە 37-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى»
ئۇلار بولسىمۇ مومامنىڭ ھىكايىسىدە دېگەندەك اللەغا قۇلچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان
مۇسۇلمانلار...ئۇلارمۇ زامان ئاخىرىنىڭ ئادەملىرىدۇر....

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەدىس قۇددۇستا
اللە تائاللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:{ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا،
مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن.ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا،
مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن.ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.}»
ــ بۇخارى رىۋايەت قىلغان
ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ
ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغانىدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:«ئى ئوغۇل مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى
ئۆگىتىپ قوياي:{ اللە نى ياد ئېتىپ تۇرغىن اللە تائاللامۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. اللە تائاللانى ياد ئەتكىن ،
اللە تائاللانى ئالدىڭدىلا تاپىسەن.
قاچانقى بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، اللە تائاللادىنلا سورا.ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ اللە تائاللادىن
تىلە. بىلگىنكى، ئەگەر جىمى ئادەملەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن
پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ساڭا اللە تائاللا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ.
ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، اللە تائاللا ساڭا پۈتۈۋەتكەن
نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرۇلدى
(يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى)» دېدى.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
بۇ ئەسەر مۇكاپاتلىق ئەسەرگە تەييارلىغان .باشقا تور بەتكە كۈچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.
[attachment=673]