باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11799 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4742
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-09-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 00:23

ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-21)
گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم، ھەممە مىللەت ئۆز-ئۆزىگە چىرايلىق كۆرنەمدۇ بىلمىدىم، لىكىن بۇ كەلگۇسى ئىزباسارلىرىمىز ماڭا جاسارەت ۋەئۇمۇد بىغشلايدۇ!ئۇلارنىڭ ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشنى،مللەت يۇرىت ئۇچۇن تۆھپە قوششنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۇسى ئاتائانا بولغۇچى قىرىنداشلىرمنىڭ كۆپرەك بىلىم ئىلىپ ئاندىن توي قىلشىنى ئۇمۇد قىلىمەن!چۇنكى سىزكەلگۇسى غۇنچىنى ياخشى تەربىيەلىسىڭىز،ئۇنىڭ قولىدىن مىللەت، يۇرىت ،ۋەتىنى ئۇچۇن  چوڭ ئىشلار كىلشى مۇمكىن!بالىلارنى ياخشى ئوقۇتايلى!ئىختىسادىمىزياربەرگەنلەر ئىختىسادى ياربەرمەي ، بالىلىرىنى ئوقۇتالماي، ۋاقىتىسىزلام تونۇر بىشدا،سەتىراچخانىلاردا قۇربان قىلىۋەتكەن قىرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! توۋادىگىم كىلىدۇ!نامىرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى بىلىم ئىلشتا بىرنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن،لىكىن ئىتقا تاشلاپ بەرسە يىمەيدىغان ئاشۇپۇلنىڭ دەردىدە ئۇقۇشسىزقالدىكەن!   
بۇبىرمىللەت ئۇچۇن نىمەدىگەن ئىچىنىشلىق ئىش ھە! قىرىنداشلار ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزگەتۇشلۇق تۇرمۇش دەردى بار،مەن ئويلايمەن مۇشۇ دەرتلەرنى ئادەتتكى دەرىت ھىسابداقويۇپ،كەلگۇسى بالىلىرىمىزنى ھەر قانچە قىينالساقمۇياخشى ئوقۇتۇپ قويساق مللتىمىزگە ۋەتىنىمىزگە چوڭ تۆھپە قوشقان بولىمىز!قەدىمدىن تارتىپ ، ھازىرغىچە ، چەتئەلدىن تارتىپ ، جۇڭگۇغۇچە تارىخ بەتلىرىنى ، دەۋر بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئويلىمىغان ، مائارىپنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويمىغان، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيىۋى – ئاڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرمىگەن ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭلمىغان ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىنەزەر مائارىپنى راۋاجلاندۇرمىغان ،مللەت بولمىسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىللىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ .مەسلەن :يەھۇدىلار بۇۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولىغا كىتاپ تۇتقۇزۇپ ،كىتاپنىڭ ۋاراقلىرىغا ھەسەل تەككۇزۇپ قۇيىدىكەن .بۇندا قىلىشتىكى مەخسەت ،بالىلار تاتلىققا ئامراق بولغانلىغى ئۇچۇن كىچىگىدىنلا كىتاپنى قۇچاقلاپ چوڭ بۇلىدىكەن .يەنە بىر مىسال ئۇلار مۇنداق قارايدىكەن .ئەگەر يەھۇدىلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا بىرەر تەبئى ئاپەت يۇز بىرىپ قالسا ،ئەڭ ئالدى بىلەن كىتاپنى ،ئاندىن ئۇقۇتقۇچىنى ئۇنڭىدىن كىيىن قالسا ئائىلىسىدىكلەرنى قۇتۇلدۇرىدىكەن ھەم شۇنى تەشەببۇس قىلىدىكەن .بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ،بىر مىللەتكە نىسبەتەن كىتاپ گۆھەردىنمۇ قىممەتلىك بايلىق ،شۇ بايلىقنى تارقىتىش ئۇچۇن ئۇستاز ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇھىم .كىتاپ بىلەن ئۇستاز بىرلەشسىلا كەلگۇسىمىز پارلاق دەپ قارايدىكەن .قىرىنداشلار ئۇنداق ئۆزىمىز نى تاشلىۋەتمەيلى !بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇليتىمىزنى تولۇق ئادا قىلايلى ،ئۇلار بىزنىڭ كەلگۇسىمىز!  
تۆۋەتتە ئىكراندا ئۇماق،باتۇر،ئۇيغۇر بالىلىرى !

مەنبە:نۇرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5059
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2010-12-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-21 18:29

نۇرى ئەپەندىمنىڭ ھازىرقى زاماندا بالىلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيۋاتقان شۇنداكلا بىزدەك بالىلىق بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان كىشلەرگە بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تۈرتكە بولغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت