查看完整版本: [-- ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى ! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى ! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرى 2010-12-20 00:23
گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم، ھەممە مىللەت ئۆز-ئۆزىگە چىرايلىق كۆرنەمدۇ بىلمىدىم، لىكىن بۇ كەلگۇسى ئىزباسارلىرىمىز ماڭا جاسارەت ۋەئۇمۇد بىغشلايدۇ!ئۇلارنىڭ ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشنى،مللەت يۇرىت ئۇچۇن تۆھپە قوششنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۇسى ئاتائانا بولغۇچى قىرىنداشلىرمنىڭ كۆپرەك بىلىم ئىلىپ ئاندىن توي قىلشىنى ئۇمۇد قىلىمەن!چۇنكى سىزكەلگۇسى غۇنچىنى ياخشى تەربىيەلىسىڭىز،ئۇنىڭ قولىدىن مىللەت، يۇرىت ،ۋەتىنى ئۇچۇن  چوڭ ئىشلار كىلشى مۇمكىن!بالىلارنى ياخشى ئوقۇتايلى!ئىختىسادىمىزياربەرگەنلەر ئىختىسادى ياربەرمەي ، بالىلىرىنى ئوقۇتالماي، ۋاقىتىسىزلام تونۇر بىشدا،سەتىراچخانىلاردا قۇربان قىلىۋەتكەن قىرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! توۋادىگىم كىلىدۇ!نامىرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى بىلىم ئىلشتا بىرنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن،لىكىن ئىتقا تاشلاپ بەرسە يىمەيدىغان ئاشۇپۇلنىڭ دەردىدە ئۇقۇشسىزقالدىكەن!   
بۇبىرمىللەت ئۇچۇن نىمەدىگەن ئىچىنىشلىق ئىش ھە! قىرىنداشلار ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزگەتۇشلۇق تۇرمۇش دەردى بار،مەن ئويلايمەن مۇشۇ دەرتلەرنى ئادەتتكى دەرىت ھىسابداقويۇپ،كەلگۇسى بالىلىرىمىزنى ھەر قانچە قىينالساقمۇياخشى ئوقۇتۇپ قويساق مللتىمىزگە ۋەتىنىمىزگە چوڭ تۆھپە قوشقان بولىمىز!قەدىمدىن تارتىپ ، ھازىرغىچە ، چەتئەلدىن تارتىپ ، جۇڭگۇغۇچە تارىخ بەتلىرىنى ، دەۋر بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئويلىمىغان ، مائارىپنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويمىغان، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيىۋى – ئاڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرمىگەن ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭلمىغان ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىنەزەر مائارىپنى راۋاجلاندۇرمىغان ،مللەت بولمىسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىللىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ .مەسلەن :يەھۇدىلار بۇۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولىغا كىتاپ تۇتقۇزۇپ ،كىتاپنىڭ ۋاراقلىرىغا ھەسەل تەككۇزۇپ قۇيىدىكەن .بۇندا قىلىشتىكى مەخسەت ،بالىلار تاتلىققا ئامراق بولغانلىغى ئۇچۇن كىچىگىدىنلا كىتاپنى قۇچاقلاپ چوڭ بۇلىدىكەن .يەنە بىر مىسال ئۇلار مۇنداق قارايدىكەن .ئەگەر يەھۇدىلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا بىرەر تەبئى ئاپەت يۇز بىرىپ قالسا ،ئەڭ ئالدى بىلەن كىتاپنى ،ئاندىن ئۇقۇتقۇچىنى ئۇنڭىدىن كىيىن قالسا ئائىلىسىدىكلەرنى قۇتۇلدۇرىدىكەن ھەم شۇنى تەشەببۇس قىلىدىكەن .بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ،بىر مىللەتكە نىسبەتەن كىتاپ گۆھەردىنمۇ قىممەتلىك بايلىق ،شۇ بايلىقنى تارقىتىش ئۇچۇن ئۇستاز ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇھىم .كىتاپ بىلەن ئۇستاز بىرلەشسىلا كەلگۇسىمىز پارلاق دەپ قارايدىكەن .قىرىنداشلار ئۇنداق ئۆزىمىز نى تاشلىۋەتمەيلى !بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇليتىمىزنى تولۇق ئادا قىلايلى ،ئۇلار بىزنىڭ كەلگۇسىمىز!  
تۆۋەتتە ئىكراندا ئۇماق،باتۇر،ئۇيغۇر بالىلىرى !

مەنبە:نۇرى

fatima100 2010-12-20 00:52
ھازىر دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى.

يېزىلاردا باللارنى مەجبۇرى مائارىپ تۈزمىي بۇيچە ئۇقتىۋاتىدۇ.

بىر فۇڭمۇ ئۇقۇش پۇلى ئالماي ئەكچىسە بەزى ياردەملەرنى قىلىدۇ.

بەزى بىر ئىديىسى قالاق ئاتا-ئانىلار باللىرنىڭ ئوتتەك ئۇقۇش ئىشتىياقىغا قارماي مەكتەپتىن مەجبۇرى توختىتىپ
ئائىيلە ئىشلىرغا سالىدۇ.

ibrayim 2010-12-20 01:38
مەكتەپلەرنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى لىكىن ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ ساپاسى بەكلا تۆۋەن،ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيلەش يوق دىيەرلىك،ياش ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بالىلارغا مودا كىيىم كىيىش بىلەن تاماكا چىكىشتىن باشقىغا ئۈلگە بولالمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشى بىلەنلا ئىقتىسادى ئېڭى يۇقىرلاپ پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.
  تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ ناچار تەسىرگە ئۇچرىشى بەكلا ئېغىر.بۇنىڭدىكى مەسئۇليەت،ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلاردا .

zam_zam 2010-12-20 09:26
بىز ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئۇستازلار ھەقىقى بىر ئۇستازكەنغۇ  ھازىر بەزىبىر ئوقۇتقۇچىلار  بالىلارغا  گىرىم قىلىشنى ئەر ئوقۇتقۇچى بولسا
تاماكا چېكىشنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئېچىشنى ئۇگۇتىدۇ....ئاز ساندىكىلىرى جۇما

xaxatux 2010-12-20 10:50

fatah 2010-12-20 12:02
نىمە  دىگەن  ئۇماق  بالىلار.....

xahruh 2010-12-20 16:12
ناخشا پەيزى ،،،،،

yalkuntag 2010-12-21 18:29
نۇرى ئەپەندىمنىڭ ھازىرقى زاماندا بالىلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيۋاتقان شۇنداكلا بىزدەك بالىلىق بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان كىشلەرگە بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تۈرتكە بولغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت                                                                              

humarim520 2010-12-22 02:09
نىمە  دىگەن  ئۇماق  بالىلار  ھې ي

aliplar 2010-12-22 14:57
ناخشا دەھشەتقۇ !

tanha520 2010-12-23 14:51
ئاللا ئاللا    نېمداق  چىرايلىق  باللار بۇ

end 2010-12-23 14:58
شاش ئاتۇش سىز داۋاملىققا چىراي ئىپادىسىلام يوللامسىز؟؟؟ ئىلغارپىكىرلىرىڭىزنى كور گىلى بولمايدىغان بولاپ كەتتى جىما.

yantakxy 2011-01-20 01:53
ياخشى

rambal 2011-01-23 18:07
ئەجەپ ئوماق ئۇيغۇر بالىلىرىكەن ،نىمە دىگەن ئوماق!رەھمەت قېرىندىشىم ،ناخشىمۇ راسا ماسلىشىپتۇ بەك ياخشى ناخشىكەن

akgul 2011-01-27 12:12
نىمە  دىگەن  ئۇماق  بالىلار

paris 2011-01-27 12:23
ئېتىقات بولمىسا نىمە قىلغۇلۇق.

nida0998 2011-01-27 16:18
نۇرى ئەفەندىنىڭ كاللىسى ئالامەت ئوچۇقكەن ،دەۋلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى يېزىلارغا يەتكۇزىلىپتۇ  ،بىز تېخى بۇنى بىلمەي يۇرۇپتۇق ،

mazlum038 2011-02-10 15:36
بالىلار بەك ئۇماقكەن ،بىراق دىگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار

illikbahar 2011-02-13 01:33
يەنىلا     سەبى       ۋاختى      گۇزەل    بولدىكەن

illikbahar 2011-02-13 01:42
سېزمۇ    ئوماقكەنسېز                      ئاقگۇل

buradar 2011-02-19 15:15
1-قەۋەتتىكى پاتىمە100،سىز بۇئىنكاسنى كورەمسىز بىلمىدىم....سىزگە دەيدىغىنىم_9يىللىق بىكالىق مائارىپ،مۇشۇنداق ئۇماق ئىنە-سىڭڭىلىرىمىزنى دىنسىز ئىدىيە بىلەن تەربىلەپ كاپىر قىلىپ بېرىدۇ.....ئاخىرىغا ئىگە بۇلمايدۇ.ئاتا-ئانا پۇل يوق يەنە داۋاملىق ئۇقىتالمايدۇ.ئۇبالىلار جەمىيەتتە يابىلىمى يۇق يا ئسلامى يۇق ،بىر ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساپالىق ياشلار تۇگەيدۇ...............................................ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئوزىڭىز تەسەۋۇر قىلىۋىلىڭ

buradar 2011-02-19 15:17
شۇنىڭ بىلەن خەقلەر نىڭ  ھەقىقى مۇدداسى ئەمەلگە ئاشىدۇ

polatalandar 2011-02-19 15:46
ناخشانىڭ پەيزى باركەن  

arzuyum 2011-02-19 18:20
ئۇماق بالىلاركەن .

..........؟........!........؟

kunjut 2011-02-25 17:36
ھازىر دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى.

نەفىسە 2011-03-04 23:22
كوزلىرىدىن ھەققىقەتەن سەبىيلڭك چىقىپ  تۇرىدۇ،كەلگۇسىمىزنىڭ ئۇمىتلىرى ھەققىقەتەن بىلىمسىز  قالسا بولمايدۇ.

avam0507 2011-03-11 15:02
     مۇشۇنداق گەپ قىپسىز.  مەنمۇ تېخىچە قوش تىل ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، ئىشقىلىپ ئۇ تىلدىمۇ ئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن بىمالال چىقىۋاتىمەن. لېكىن ئالامەت سۆزلىيەلمەيمەن، ئۇيغۇرچىنى راۋان دۇدۇقلىماي سۆزلىيەلىسەم ئۇ تىلدا ھاجىتىمدىن چىقالىسام شۇنىڭغا شۈكرى.
لېكىنزە ئېنگىلىزچىنى ئالامەت قاتتىق ئۆگەنگىم با.

دولان0998 2011-03-24 15:04
مەن فلاس ھۆججىتىىنى كۆرەلمىدىم

بىرلەش 2011-03-25 00:46
مىنىڭ بېر قېرىندىشىم بالىسىنى مەكتەپتە ئۇقۇتمىغان ئەممە ھەرخىل كۇرۇسلارغا بەردى
نەتىجىدە ئوغلى 4~5خىل تىل كومپىيۇتىر ....قۇرئان ، ھەدىس   ئىشقىلىپ ئۇگۇنىدىغاننىڭ ھەممىنى  راۋرۇس ئۇگۇنۇپتۇ
30 يىلدا  ئەمەس   پەقەت 18 ياشقا  كىرگۇچە  ........................
بالامنى مەكتەپكە بەرمەي  مەن مۇ  شۇنداق كۇرۇسلار دا  ئوقۇتىمەن   كۇرۇستا ئىدىيە سىڭدۇرمەيدىكەن   كاللىسى بىر قەدەر پاكىزە تۇرىدىكەن ......................

سامانيۇلى 2011-05-20 00:28
چىقمىدىيا

سامانيۇلى 2011-05-20 00:30
  


مەن فلاس ھۆججىتىىنى كۆرەلمىدىم

alim047 2011-06-12 15:34
ھەي ھازرقى ئۇقۇتىقۇچللار ئۇقۇغۇچلارغا مۇھەبىبەتىلىششنى ئۇگتدۇ

سەبىرە 2011-08-02 18:21
ھەيبەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ بولمىغان بولسا ئوقۇتمايتىم،كارىڭىز بولمىسۇن،مەكتەپكە كىلىپ بەرسىلا بولدى دىيىشلىرى مىنى بىئارام قىلىدۇ.  نادانلىقنىڭ،بىلىمسىزلىكنىڭ  دەردىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟؟؟؟

deyarem 2011-08-12 16:27
نىمە  دىگەن  ئۇماق  

muslima32 2011-08-14 03:27
توغرا دەيسىلەر مىنىڭمۇ ئىسىمدە تۇللۇقسىز ئىككىنچى-ئۈچۈنچى يىللىقتا مۇشۇ تانسا دىگەن بىر نىمىنى بىزگە بەنجۈرۈن ئايال ئۇقۇتقىچى بىلەن ئالگېبىرا بىردىغان ياش ئەر ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكەن،

yawuz2 2011-08-19 04:31
سىزچە ھەممىسىنى بىر تاياققتا ھەيدىسە بۇلامدۇ؟ ياغاچچىنى ئاشپەز قىلغاندىن كېيىن ئامال يوق ئەمەسمۇ ؟!!!

yawuz2 2011-08-19 04:33
ئوينىمىسىڭىز بولامدۇ ؟؟؟

yawuz2 2011-08-19 04:34
بىز مائارىپچىلار شۇنى ھەرگىزمۇ ئۈمۈت قىلمايمىز  

060319 2011-11-12 00:01
ـيې

qimpiyun 2011-11-14 10:19
بۇگۇن 6-ئاينىڭ 1-كۇنى << خەلقئارا بالىلار بايرىمى>> يىتىپ كەلگەن كۇن ئىدى ، خۇددى مېنىڭ بايرىمىم بولغاندەك نەچچە كۇندىكىدىن بىر سائەتچە بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇرۇۋالغان ئىدىم . ئوغلۇممۇ خۇددى مەن بىلەن دىيىشىۋالغاندەك كۆزىنى ئاچتى-دە،
دادا تاڭ ئاتتىما-؟ سورىدى ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ،ياق ئوغلۇم ،بىردەم ئۇخلىۋالغىن دىدىم ئۇنى پەپىلىگەچ . بولدى ئۇخلىمايمەن ،يۇزۇمنى يۇيۇپ كىرەي ماڭا بىردەم كىتاپ ئۇقۇپ بەرسىلە دادا بۇلامدۇ؟ دىدى بالىلىق ئەركىلەشلىرى بىلەن مۆرەمگە ئېسىلىپ تۇرۇپ،بۇلىدۇ ئوغلۇم بۇلىدۇ ،تىزراق يۇزۇڭنى يۇغىن ئەمىسە ..........يېرىم سائەتچە ئۆتكەن بولسا كېرەك ،ئاپىسى ناشتىلىققا چاقىردى . ناشتىمىزنىمۇ قىلىپ بولدۇق ،دادا بولسىلا ماڭايلى ،-ئوغلۇم مەكتەپكە ،ياق بۇگۇنكى پائالىيەتكە ئالدىراۋاتاتتى، مىنمۇ ئالدىرىتىۋاتاتتى.چۇنكى .مەكتەپنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن مىنىڭمۇ بېرىشىم كېرەك ئىدى. -
مەكتەپ دەرۋازىسىدىنمۇ كىردۇق ،مەيدان بالىلار،ئاتا-ئانىلار بىلەن تولغان ئىدى ،ئەشۇ ئوماق بالىلارغا قاراپ ،بالىلىق، ئۆسمۇرلۇك چاغلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى .بىرچاغلاردامەنمۇ بالا ئىدىم ،غەمسىز ياشايتتىم ...ھەي.......  
<<ھورمەتلىك ئاتا-ئانىلار ،پەرزەنتىڭلارنىڭ سىنىپ مەسئۇلى كورسەتكەن ئۇرۇنغا بارساڭلا>>كانايدىن  تەكرار چىقىۋاتقان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممىمىز بالىلىرىمىزغائەگىشىپ ئورنىمىزغا بېرىشتۇق. "
پائالىيەتمۇ يىتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە رىياسەتچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن باشلاندى. رىياسەتچى قىزچاقنىڭ ،قۇچقاچتەك چۇچۇك ئاۋازى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتاتتى . پائالىيەت يىللىقلار بۇيىچە داۋاملاشماقتا ،...چاۋاكلار ئۇزۇلمەيتتى .ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوماق ھەركەتلىرىدىن سۇيۇنۇپ توختىماي چاۋاك چالاتتى .ئەكىسچە مېنىڭ قۇلۇمدىن چاۋاك چىقمايۋاتاتتى .چۇنكى بۇ پائالىيەت مەن مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان ۋاقتىمدىكى پائالىيەتكە ھىچبىر ئوخشىمايۋاتاتتى ،مەن ئۇقۇغان ۋاقىتلاردا پائالىيەتكە شئېر ئۇقۇش ،شئېر دىكىلماتسىيە قىلىش ،بالىلارغا تەربىيۋى ئەھمىيىتى بولغان نەسىر ،ھىكايە مەسەللەرنى ئۇقۇش ،خەنزۇچە دىيالۇگ قىلىش قۇشۇمچە ئۇسۇل ناخشىلار بىلەن ئاياغلىشاتتى. ھازىرچۇ ،مودىللىق ،ھىندىستانچە ئۇسۇل ،ئەرەپچە ئۇسۇل ئۆزىمىزنىڭ يەتمەيدىغاندەك ،يەنە تېخى دىجىلارمۇ بار  ...ھەي....بۇ قانداق بۇلۇپ كەتكىنى ،بىزنىڭ كۇتىدىغىنىمز مۇشۇمۇ ياكى ھازىرقى مائارىپنىڭ تەربىيە تۇزۇلمىسى مۇشۇنداقمىدۇ ؟ مەن ئاچچىق خىياللاربىلەن ئولتۇراتتىم .  
ئاخىرىدا 1-2-3چى بولغان سىنىپ كوللىكتىۋىغا مۇكاپات بىرىشكە بىر نەچچە ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلدى ،بۇلارنىڭ كىيىنىشىچۇ تېخى ،ياۋرۇپائەللىرىنىڭ كۇتكۇچى خوتۇنلىرىدىنمۇ ئېشىپ چۇشەتتى ،مۇشۇمۇ تەربىيلىگۇچى بولدىمۇ،ئىچىمدە ئۇقۇتقىچىلارغىمۇ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشاش مەكتەپ فورمىسى تارقاتسا بوپتىكەن دىگەننى ئويلاپ قالدىم ....بىزنىڭ ئەشۇ ۋاقىتلاردىكى ئاددى -ساددا رەتلىك كىيىنگەن خۇشچىراي جاپاكەش ئۇقۇتقىچىلىرىمىز نەگە كەتكەندۇ؟بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلرىمىز قېنى؟....  
 مانا بۇ مىنىڭ ئىنكاسىم-چىمپىيۇن

ديڭىز 2011-12-10 23:35
ھەجەپ تاتلق باللار ىكەن


查看完整版本: [-- ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى ! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061593 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us