باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 16068 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4742
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-09-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 00:23

ئىكراندا ئۇماق ئۇيغۇر بالىلىرى !

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-21)
گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم، ھەممە مىللەت ئۆز-ئۆزىگە چىرايلىق كۆرنەمدۇ بىلمىدىم، لىكىن بۇ كەلگۇسى ئىزباسارلىرىمىز ماڭا جاسارەت ۋەئۇمۇد بىغشلايدۇ!ئۇلارنىڭ ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشنى،مللەت يۇرىت ئۇچۇن تۆھپە قوششنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۇسى ئاتائانا بولغۇچى قىرىنداشلىرمنىڭ كۆپرەك بىلىم ئىلىپ ئاندىن توي قىلشىنى ئۇمۇد قىلىمەن!چۇنكى سىزكەلگۇسى غۇنچىنى ياخشى تەربىيەلىسىڭىز،ئۇنىڭ قولىدىن مىللەت، يۇرىت ،ۋەتىنى ئۇچۇن  چوڭ ئىشلار كىلشى مۇمكىن!بالىلارنى ياخشى ئوقۇتايلى!ئىختىسادىمىزياربەرگەنلەر ئىختىسادى ياربەرمەي ، بالىلىرىنى ئوقۇتالماي، ۋاقىتىسىزلام تونۇر بىشدا،سەتىراچخانىلاردا قۇربان قىلىۋەتكەن قىرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! توۋادىگىم كىلىدۇ!نامىرات ئائىلىنىڭ بالىلىرى بىلىم ئىلشتا بىرنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن،لىكىن ئىتقا تاشلاپ بەرسە يىمەيدىغان ئاشۇپۇلنىڭ دەردىدە ئۇقۇشسىزقالدىكەن!   
بۇبىرمىللەت ئۇچۇن نىمەدىگەن ئىچىنىشلىق ئىش ھە! قىرىنداشلار ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزگەتۇشلۇق تۇرمۇش دەردى بار،مەن ئويلايمەن مۇشۇ دەرتلەرنى ئادەتتكى دەرىت ھىسابداقويۇپ،كەلگۇسى بالىلىرىمىزنى ھەر قانچە قىينالساقمۇياخشى ئوقۇتۇپ قويساق مللتىمىزگە ۋەتىنىمىزگە چوڭ تۆھپە قوشقان بولىمىز!قەدىمدىن تارتىپ ، ھازىرغىچە ، چەتئەلدىن تارتىپ ، جۇڭگۇغۇچە تارىخ بەتلىرىنى ، دەۋر بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئويلىمىغان ، مائارىپنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويمىغان، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيىۋى – ئاڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرمىگەن ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭلمىغان ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىنەزەر مائارىپنى راۋاجلاندۇرمىغان ،مللەت بولمىسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىللىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ .مەسلەن :يەھۇدىلار بۇۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولىغا كىتاپ تۇتقۇزۇپ ،كىتاپنىڭ ۋاراقلىرىغا ھەسەل تەككۇزۇپ قۇيىدىكەن .بۇندا قىلىشتىكى مەخسەت ،بالىلار تاتلىققا ئامراق بولغانلىغى ئۇچۇن كىچىگىدىنلا كىتاپنى قۇچاقلاپ چوڭ بۇلىدىكەن .يەنە بىر مىسال ئۇلار مۇنداق قارايدىكەن .ئەگەر يەھۇدىلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا بىرەر تەبئى ئاپەت يۇز بىرىپ قالسا ،ئەڭ ئالدى بىلەن كىتاپنى ،ئاندىن ئۇقۇتقۇچىنى ئۇنڭىدىن كىيىن قالسا ئائىلىسىدىكلەرنى قۇتۇلدۇرىدىكەن ھەم شۇنى تەشەببۇس قىلىدىكەن .بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ،بىر مىللەتكە نىسبەتەن كىتاپ گۆھەردىنمۇ قىممەتلىك بايلىق ،شۇ بايلىقنى تارقىتىش ئۇچۇن ئۇستاز ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇھىم .كىتاپ بىلەن ئۇستاز بىرلەشسىلا كەلگۇسىمىز پارلاق دەپ قارايدىكەن .قىرىنداشلار ئۇنداق ئۆزىمىز نى تاشلىۋەتمەيلى !بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇليتىمىزنى تولۇق ئادا قىلايلى ،ئۇلار بىزنىڭ كەلگۇسىمىز!  
تۆۋەتتە ئىكراندا ئۇماق،باتۇر،ئۇيغۇر بالىلىرى !

مەنبە:نۇرى
ئويلىنىش،ئىزدىنىش،تەپەككۈر ئىچىدە ئۆتمىگەن ھاي ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1387
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 276
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە276دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3216 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-08-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-20 01:38

مەكتەپلەرنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى لىكىن ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ ساپاسى بەكلا تۆۋەن،ئوقۇغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيلەش يوق دىيەرلىك،ياش ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بالىلارغا مودا كىيىم كىيىش بىلەن تاماكا چىكىشتىن باشقىغا ئۈلگە بولالمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشى بىلەنلا ئىقتىسادى ئېڭى يۇقىرلاپ پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.
  تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ ناچار تەسىرگە ئۇچرىشى بەكلا ئېغىر.بۇنىڭدىكى مەسئۇليەت،ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلاردا .
يۇمشاق تۆشەك ئاياللارغا خاس ، ئوغۇل بالا ساۋۇت كېيىپ تۇپراقتا ياتار