باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 18463 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار ..(مۇھىم)
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-18 11:22

ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار ..(مۇھىم)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-18)
  
 بۇ بەك مۇھىم مەسىلە قىرىنداشلىرىم ، بولسا تولۇق بىر ئوقۇپ قويساڭلار ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!

ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

1033. سوئال: ئىسلام دىنى ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنى ئاڭلاشنى ھارام دەپ قارامدۇ؟

          جاۋاب: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن بىر دىن بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن قانۇن – تۈزۈملىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئامانلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداشنى، ئۇلارنىڭ دەخلى – تەئەررۇزسىز ھايات كەچۈرۈشىگە كاپالەت قىلىشنى غايە ۋە مەقسەت قىلغانلىقىدا شەك يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنى بەختسىزلىكلەر ۋە پالاكەتلەرگە ئىتتىرىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ، نەپسنىڭ تەلەبلىرى بىلەن روھنىڭ تەلەبلىرىنىمۇ مۇۋاپىق شەكىلدە قاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىمۇ شەك يوق. ناخشا – مۇزىكا كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان، قۇلاققا ياقىدىغان، نەپسنى راھەتلەندۈرىدىغان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى بولغىنىدەك، ھېسسىياتنى ئەخلاقسىزلىقلارغا قوزغاشقا، پىتنە – پاساتقا يول ئېچىشقا، كىشىلەرنى غايىلىرىدىن ئاداشتۇرۇشقا، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە تەشەببۇس قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھەر قاندىقىنى مۇتلەق ھالال ياكى مۇتلەق ھارام دېگىلى بولمايدۇ.

1034. سوئال: ئىسلام ئۆلىمالىرى ناخشا – مۇزىكا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

          جاۋاب: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى قەدىمدىن بىرى ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلمەكتە. ناخشا- مۇزىكىلار ئىچىدە، پۈتۈن ئالىملار بىردەك ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ، ھالاللىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ ۋە ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقانلىرىمۇ بار. ئەسلىدە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئۆزىدە چاتاق يوق. چۈنكى شەيئىلەر ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالالدۇر. پەقەت ناخشىنىڭ ھاراملىقىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە، ناخشا مەزمۇنى ۋە ناخشا بىلەن چېتىلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، ناخشا بۇ سەۋەبتىن ھالال دائىرىسىدىن چىقىپ ھارام دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. مەيلى ناخشا بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى سۆزلەر بولسۇن، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق سۆز ھارامدۇر.

ئاڭلاش ھارام بولىدىغان ناخشا- مۇزىكىلار
1035. سوئال: ئاڭلاش ھارام بولىدىغان ناخشا- مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: پۈتۈن ئۆلىمالار قەتئىي ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقان ناخشا – مۇزىكىلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) ئەخلاقنى بۇزىدىغان، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە كۈشكۈرتىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.

     (2) مىللەتنى مۇھىم غايىلىرى ۋە چوڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە غەم يېيىشتىن غەپلەتتە قويىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.

     (3) كىشىلەرنى تائەت – ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلىدىغان ناخشا – مۇزىكىلاردۇر.

     بۇ تۈردىكى ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، يېزىش، سېتىش ۋە كىشىلەرگە ھەدىيە قىلىش ھارامدۇر. ھارامنى ئىشلىگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار
1036. سوئال: ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئاڭلاشقا بولىدىغان ۋە ھالاللىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ناخشىلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) كىشى ئۆز – ئۆزىگە غىڭشىپ ئوقۇيدىغان پاكىز ناخشىلار. بۇيەردىكى پاكىز دىگەن سۆزنى ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ .


     (2) ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە ئېيتىپ بېرىدىغان ناخشىلىرى.

     (3) پادىچىلار پادىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ناخشىلار.

     (4) ئاياللار توي – تۆكۈنلەردە ئۆزئارا ئوقۇشىدىغان ئەنئەنىۋى ناخشىلار ۋە بۇلارغا ئوخشىغان پاكىز ناخشىلاردۇر.

     شۇنىڭدەك، ھېيت – بايراملاردا، توي – تۆكۈنلەردە، زىياپەت، ئۇزۇن سەپەردىن قايتىش ۋە تۇغۇت مۇناسىۋەتلىرىدەك خوشاللىق پەيتلىرىدە ناخشا ئېيتىش مۇستەھەب ( ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەر) قاتارىدىن سانىلىدۇ.([1])

ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىغا ئېھتىمالى بولغان ناخشا-مۇزىكىلار
1037. سوئال: ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ھەققىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان ناخشا-مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: يۇقىرىقى ئىككى خىلدىكىسىدىن باشقا ناخشا – مۇزىكىلار ئۈستىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھالاللىقىنى سۆزلىگەن بولسا، بەزىسى چالغۇ ئەسۋابلىرىسىز ناخشا ئېيتىشنىلا دۇرۇس دەپ قارىغان ۋە بەزىسى ھەر قانداق ناخشا مۇزىكىنى مۇتلەق ھارام دەپ قارىغان. ھەممەيلەننىڭ ئۆز رەيىنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللىرى بار. ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنى ئاڭلاش ھارام دەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەلىلى قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ئايىىتىدۇر:﴿ بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾([2])، ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ”بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز“ دەيدۇ﴾([3])

     يۇقىرىقى ئىككى ئايەت پۈتۈن ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەت بىھۇدە گەپلەرنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن، نەپسىي تەرەپتىن راھەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى سۆكىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇنداق قىلغۇچىلار نىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق. چۈنكى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش كەچۈرۈلمەس جىنايەتلەردۇر. ئەگەر بىراۋ ناخشا – مۇزىكا ئەمەس، بەلكى قۇرئان سېتىۋېلىپ، ئۇنى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن تۇتسىمۇ كاپىر بولىدۇ.([4]) چۈنكى سېتىۋالغۇچىنىڭ نىيىتى ئاللاھقا قارشى چىقىش ئەمەسمۇ؟!

     ئىككىنچى ئايەتمۇ ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقىدىن مەلۇمكى، بۇ ئايەتتىكى «لغو» سۆزى تىللاش، ھاقارەتلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان سۆزنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ﴿بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز﴾ دېگەن سۆزلەر بۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مۇسۇلمانلار ئاجىز، كۇففارلار كۈچلۈك ئىدى. كۇففارلار مۇسۇلمانلارنى ” ئۇلار مۇھەممەدكە ئەگىشىپ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتى“ دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارنى ئۇچرىغانلا جايدا مەسخىرە قىلاتتى ۋە سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلاتتى.

     ئىككىنچى ئايەتتىكى «لغو» سۆزىنىڭ مەنىسىنى ناخشا – مۇزىكا دەپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، ئايەتتە، ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈشنى ماختىغان، بەس. بۇنىڭدىن ئۇنى ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ئىپادىلەنمەيدۇ. ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى مۇتلەق ھارام دېگۈچىلەرنىڭ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دەلىل بولۇشقا يارىمايدىغانلىقىنى كاتتا ئۆلىمالاردىن ئىمام غەزالىي، ئىبنى ھەزم، ئىبنى نەھۋى قاتارلىقلار سۆزلىگەن([5]).

ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قويغان شەرتلىرى
1038. سوئال: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگۈچىلەرنىڭ قويغان شەرتلىرى قايسىلار؟

          جاۋاب: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگۈچىلەرنىڭ قويغان شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە([6]):

     (1) ناخشا مەزمۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب –ئەخلاق پرىنسىپى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان بولىشى. مەسىلەن: ھاراقنى ۋە ھەر قانداق بىر گۇناھ – مەسىيەتنى ماختايدىغان، كىشىلەرنى ھاراق ئىچىشكە ۋە ھەر قانداق بىر گۇناھقا تەشەببۇس قىلىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاش، يېزىش، سېتىش ۋە سېتىۋېلىش، شۇنداقلا باشقىلارغا بېرىش كەسكىن ھارامدۇر.

     (2) ناخشىنى ئورۇنداشتا ئىسلام ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش. مەسىلەن: ناخشا مەزمۇنى ئىسلام تەلىماتلىرىغا زىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ناخشىچى ناخشىنى كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان، ئەخلاقسىزلىق ۋە پىتنە – پاساتقا ئېلىپ بارىدىغان شەكىلدە ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداش ئۇسۇلى ھارامدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مۇباھ ناخشا ھارام دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ.

     (3) ناخشا ئاڭلاشتا ئاشۇرۇۋېتىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەر قانداق ئىشتا، ھەتتا ئىبادەتتىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشقا قارشى تۇرغان يەردە، ئويۇن – تاماشا ۋە ناخشا ئاڭلاشتا ۋاقىتنى زايە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا :« ۋاقىتلا زايە بولىدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زايە بولغان بىرەر مۇھىم ئىش بولىدۇ» دېيىلگەن.

     (4) بەزى ناخشىلارغا ئەقلى – جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزى باھا بېرەلەيدۇ. مەسىلەن: قانداقلا بىر ناخشا ياكى مۇزىكا ھېسسىياتنى يامان ئىشلارغا قوزغاپ، بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدىكەن، ئىنسان ئۇنىڭدىن دەرھال يىراقلىشىپ، قەلبىگە ۋە ئەخلاقىغا يامان تەسىر بېرىدىغان شامال ئېغىزىنى تاقىۋېتىشى كېرەك.

     (5) ناخشىنىڭ ھارام ئىشلار بىلەن چېتىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: ناخشا ھاراق – شاراب سورۇنلىرىدا ياكى يېرىم يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئورۇندالسا، بۇنداق ناخشا گەرچە مەزمۇنى ئېسىل ناخشىلاردىن بولسىمۇ، بۇنداق ناخشىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئوقۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇممەتلىرىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر مۇزىكا بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ»([7])

     بۇ ھەدىس ئاخىرقى زاماننىڭ ئەھۋالىدىن – توغرىسى ھازىرقى زاماندىن – ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق سۆزلەيدىغانلىقىنىڭ ئايرىم بىر دەلىلىدۇر.

     ھەدىستىكى «ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش»تىن مەقسەت ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھى دۇنياسى شەكىللەنگەنگە ئوخشاش.([8])

     شېئىر ئوقۇش ۋە يېزىشنىڭ ھۆكۈمىمۇ خۇددى ناخشىغا ئوخشاش بولۇپ، مەزمۇنى ياخشى، ئىسلامىي ئەدەپ – ئەخلاققا ئويغۇن كېلىدىغان ۋە كىشىلەرنى يامان ئويلارغا سالمايدىغان شېئىرلارنى يېزىش ۋە ئوقۇش ھالال بولغاندەك، ئەدەپ – ئەخلاقنى بۇزىدىغان، كىشىلەرنى بۇزۇق خىياللارغا سالىدىغان، مەزمۇنى بۇزۇق شېئىرلەرنى يېزىش ياكى ئوقۇش ھارامدۇر.


--------------------------------------------------------------------------------

([1])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 389- بەت

[2]) ) لۇقمان سۈرىسى 6- ئايەت

([3])   قەسەس سۈرىسى 55- ئايەت

([4])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 1- توم 689- بەت

([5])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 1- توم 691- بەت

([6])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 393- 394—بەتلىرىدىن ئېلىندى

([7])   ئىبنى ماجە رىۋايىتى

([8])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «فىقھۇل غىنا ۋەلمۇسىقا» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ
مەنبە:مەرىفەت مۇنبىردىكى دىيانەت قىرىندىشمىزنىڭ يوللانمىسى
[ xukri_allaتەرىپىدىن2010-12-18 11:59قايتا تەھرىرلەن ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4926
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2011-01-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-18 22:34

بەك ياخشى تېمىكەن!