查看完整版本: [-- ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار ..(مۇھىم) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھېكمەتلەر -> ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار ..(مۇھىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

تاھىربەگ 2010-12-18 11:22
  
 بۇ بەك مۇھىم مەسىلە قىرىنداشلىرىم ، بولسا تولۇق بىر ئوقۇپ قويساڭلار ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!

ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

1033. سوئال: ئىسلام دىنى ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنى ئاڭلاشنى ھارام دەپ قارامدۇ؟

          جاۋاب: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن بىر دىن بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن قانۇن – تۈزۈملىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئامانلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداشنى، ئۇلارنىڭ دەخلى – تەئەررۇزسىز ھايات كەچۈرۈشىگە كاپالەت قىلىشنى غايە ۋە مەقسەت قىلغانلىقىدا شەك يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنى بەختسىزلىكلەر ۋە پالاكەتلەرگە ئىتتىرىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ، نەپسنىڭ تەلەبلىرى بىلەن روھنىڭ تەلەبلىرىنىمۇ مۇۋاپىق شەكىلدە قاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىمۇ شەك يوق. ناخشا – مۇزىكا كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان، قۇلاققا ياقىدىغان، نەپسنى راھەتلەندۈرىدىغان بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى بولغىنىدەك، ھېسسىياتنى ئەخلاقسىزلىقلارغا قوزغاشقا، پىتنە – پاساتقا يول ئېچىشقا، كىشىلەرنى غايىلىرىدىن ئاداشتۇرۇشقا، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە تەشەببۇس قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان قورالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھەر قاندىقىنى مۇتلەق ھالال ياكى مۇتلەق ھارام دېگىلى بولمايدۇ.

1034. سوئال: ئىسلام ئۆلىمالىرى ناخشا – مۇزىكا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

          جاۋاب: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى قەدىمدىن بىرى ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلمەكتە. ناخشا- مۇزىكىلار ئىچىدە، پۈتۈن ئالىملار بىردەك ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ، ھالاللىقىغا ئىتتىپاقلاشقانلىرىمۇ ۋە ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقانلىرىمۇ بار. ئەسلىدە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئۆزىدە چاتاق يوق. چۈنكى شەيئىلەر ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالالدۇر. پەقەت ناخشىنىڭ ھاراملىقىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە، ناخشا مەزمۇنى ۋە ناخشا بىلەن چېتىلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، ناخشا بۇ سەۋەبتىن ھالال دائىرىسىدىن چىقىپ ھارام دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. مەيلى ناخشا بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى سۆزلەر بولسۇن، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق سۆز ھارامدۇر.

ئاڭلاش ھارام بولىدىغان ناخشا- مۇزىكىلار
1035. سوئال: ئاڭلاش ھارام بولىدىغان ناخشا- مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: پۈتۈن ئۆلىمالار قەتئىي ھاراملىقىغا ئىتتىپاقلاشقان ناخشا – مۇزىكىلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) ئەخلاقنى بۇزىدىغان، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە كۈشكۈرتىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.

     (2) مىللەتنى مۇھىم غايىلىرى ۋە چوڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە غەم يېيىشتىن غەپلەتتە قويىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.

     (3) كىشىلەرنى تائەت – ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلىدىغان ناخشا – مۇزىكىلاردۇر.

     بۇ تۈردىكى ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، يېزىش، سېتىش ۋە كىشىلەرگە ھەدىيە قىلىش ھارامدۇر. ھارامنى ئىشلىگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار
1036. سوئال: ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئاڭلاشقا بولىدىغان ۋە ھالاللىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ناخشىلار تۆۋەندىكىچە:

     (1) كىشى ئۆز – ئۆزىگە غىڭشىپ ئوقۇيدىغان پاكىز ناخشىلار. بۇيەردىكى پاكىز دىگەن سۆزنى ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ .


     (2) ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە ئېيتىپ بېرىدىغان ناخشىلىرى.

     (3) پادىچىلار پادىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ناخشىلار.

     (4) ئاياللار توي – تۆكۈنلەردە ئۆزئارا ئوقۇشىدىغان ئەنئەنىۋى ناخشىلار ۋە بۇلارغا ئوخشىغان پاكىز ناخشىلاردۇر.

     شۇنىڭدەك، ھېيت – بايراملاردا، توي – تۆكۈنلەردە، زىياپەت، ئۇزۇن سەپەردىن قايتىش ۋە تۇغۇت مۇناسىۋەتلىرىدەك خوشاللىق پەيتلىرىدە ناخشا ئېيتىش مۇستەھەب ( ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەر) قاتارىدىن سانىلىدۇ.([1])

ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىغا ئېھتىمالى بولغان ناخشا-مۇزىكىلار
1037. سوئال: ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ھەققىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان ناخشا-مۇزىكىلار قايسىلار؟

          جاۋاب: يۇقىرىقى ئىككى خىلدىكىسىدىن باشقا ناخشا – مۇزىكىلار ئۈستىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھالاللىقىنى سۆزلىگەن بولسا، بەزىسى چالغۇ ئەسۋابلىرىسىز ناخشا ئېيتىشنىلا دۇرۇس دەپ قارىغان ۋە بەزىسى ھەر قانداق ناخشا مۇزىكىنى مۇتلەق ھارام دەپ قارىغان. ھەممەيلەننىڭ ئۆز رەيىنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللىرى بار. ھەر قانداق ناخشا – مۇزىكىنى ئاڭلاش ھارام دەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەلىلى قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ئايىىتىدۇر:﴿ بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾([2])، ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ”بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز“ دەيدۇ﴾([3])

     يۇقىرىقى ئىككى ئايەت پۈتۈن ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەت بىھۇدە گەپلەرنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن، نەپسىي تەرەپتىن راھەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى سۆكىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇنداق قىلغۇچىلار نىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق. چۈنكى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش كەچۈرۈلمەس جىنايەتلەردۇر. ئەگەر بىراۋ ناخشا – مۇزىكا ئەمەس، بەلكى قۇرئان سېتىۋېلىپ، ئۇنى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن تۇتسىمۇ كاپىر بولىدۇ.([4]) چۈنكى سېتىۋالغۇچىنىڭ نىيىتى ئاللاھقا قارشى چىقىش ئەمەسمۇ؟!

     ئىككىنچى ئايەتمۇ ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقىدىن مەلۇمكى، بۇ ئايەتتىكى «لغو» سۆزى تىللاش، ھاقارەتلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان سۆزنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ﴿بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز﴾ دېگەن سۆزلەر بۇ مەنىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مۇسۇلمانلار ئاجىز، كۇففارلار كۈچلۈك ئىدى. كۇففارلار مۇسۇلمانلارنى ” ئۇلار مۇھەممەدكە ئەگىشىپ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتى“ دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارنى ئۇچرىغانلا جايدا مەسخىرە قىلاتتى ۋە سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلاتتى.

     ئىككىنچى ئايەتتىكى «لغو» سۆزىنىڭ مەنىسىنى ناخشا – مۇزىكا دەپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، ئايەتتە، ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈشنى ماختىغان، بەس. بۇنىڭدىن ئۇنى ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ئىپادىلەنمەيدۇ. ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى مۇتلەق ھارام دېگۈچىلەرنىڭ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دەلىل بولۇشقا يارىمايدىغانلىقىنى كاتتا ئۆلىمالاردىن ئىمام غەزالىي، ئىبنى ھەزم، ئىبنى نەھۋى قاتارلىقلار سۆزلىگەن([5]).

ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قويغان شەرتلىرى
1038. سوئال: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگۈچىلەرنىڭ قويغان شەرتلىرى قايسىلار؟

          جاۋاب: ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاشنى ھالال دېگۈچىلەرنىڭ قويغان شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە([6]):

     (1) ناخشا مەزمۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب –ئەخلاق پرىنسىپى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان بولىشى. مەسىلەن: ھاراقنى ۋە ھەر قانداق بىر گۇناھ – مەسىيەتنى ماختايدىغان، كىشىلەرنى ھاراق ئىچىشكە ۋە ھەر قانداق بىر گۇناھقا تەشەببۇس قىلىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاش، يېزىش، سېتىش ۋە سېتىۋېلىش، شۇنداقلا باشقىلارغا بېرىش كەسكىن ھارامدۇر.

     (2) ناخشىنى ئورۇنداشتا ئىسلام ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش. مەسىلەن: ناخشا مەزمۇنى ئىسلام تەلىماتلىرىغا زىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ناخشىچى ناخشىنى كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان، ئەخلاقسىزلىق ۋە پىتنە – پاساتقا ئېلىپ بارىدىغان شەكىلدە ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداش ئۇسۇلى ھارامدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مۇباھ ناخشا ھارام دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ.

     (3) ناخشا ئاڭلاشتا ئاشۇرۇۋېتىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەر قانداق ئىشتا، ھەتتا ئىبادەتتىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشقا قارشى تۇرغان يەردە، ئويۇن – تاماشا ۋە ناخشا ئاڭلاشتا ۋاقىتنى زايە قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا :« ۋاقىتلا زايە بولىدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زايە بولغان بىرەر مۇھىم ئىش بولىدۇ» دېيىلگەن.

     (4) بەزى ناخشىلارغا ئەقلى – جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزى باھا بېرەلەيدۇ. مەسىلەن: قانداقلا بىر ناخشا ياكى مۇزىكا ھېسسىياتنى يامان ئىشلارغا قوزغاپ، بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدىكەن، ئىنسان ئۇنىڭدىن دەرھال يىراقلىشىپ، قەلبىگە ۋە ئەخلاقىغا يامان تەسىر بېرىدىغان شامال ئېغىزىنى تاقىۋېتىشى كېرەك.

     (5) ناخشىنىڭ ھارام ئىشلار بىلەن چېتىلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: ناخشا ھاراق – شاراب سورۇنلىرىدا ياكى يېرىم يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئورۇندالسا، بۇنداق ناخشا گەرچە مەزمۇنى ئېسىل ناخشىلاردىن بولسىمۇ، بۇنداق ناخشىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئوقۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇممەتلىرىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر مۇزىكا بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ»([7])

     بۇ ھەدىس ئاخىرقى زاماننىڭ ئەھۋالىدىن – توغرىسى ھازىرقى زاماندىن – ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق سۆزلەيدىغانلىقىنىڭ ئايرىم بىر دەلىلىدۇر.

     ھەدىستىكى «ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش»تىن مەقسەت ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھى دۇنياسى شەكىللەنگەنگە ئوخشاش.([8])

     شېئىر ئوقۇش ۋە يېزىشنىڭ ھۆكۈمىمۇ خۇددى ناخشىغا ئوخشاش بولۇپ، مەزمۇنى ياخشى، ئىسلامىي ئەدەپ – ئەخلاققا ئويغۇن كېلىدىغان ۋە كىشىلەرنى يامان ئويلارغا سالمايدىغان شېئىرلارنى يېزىش ۋە ئوقۇش ھالال بولغاندەك، ئەدەپ – ئەخلاقنى بۇزىدىغان، كىشىلەرنى بۇزۇق خىياللارغا سالىدىغان، مەزمۇنى بۇزۇق شېئىرلەرنى يېزىش ياكى ئوقۇش ھارامدۇر.


--------------------------------------------------------------------------------

([1])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 389- بەت

[2]) ) لۇقمان سۈرىسى 6- ئايەت

([3])   قەسەس سۈرىسى 55- ئايەت

([4])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 1- توم 689- بەت

([5])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 1- توم 691- بەت

([6])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 393- 394—بەتلىرىدىن ئېلىندى

([7])   ئىبنى ماجە رىۋايىتى

([8])   دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «فىقھۇل غىنا ۋەلمۇسىقا» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ
مەنبە:مەرىفەت مۇنبىردىكى دىيانەت قىرىندىشمىزنىڭ يوللانمىسى

gayrat828 2010-12-18 12:02
ئىشلىتىش
引用楼主xukri_alla于2010-12-18 11:22发表的 ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار .... :
  
 بۇ بەك مۇھىم مەسىلە قىرىنداشلىرىم ، بولسا تولۇق بىر ئوقۇپ قويساڭلار ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!

ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسى

.......  
     ھەدىستىكى «ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش»تىن مەقسەت ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھى دۇنياسى شەكىللەنگەنگە ئوخشاش.([8])

بۇ ناھايىتى توغرا گەپ بولدى ..ئەلۋەتتە شۇنداق ...بەزىلەر مايمۇنغا ،چوشقىغا ئۆزگىرىپ بولوپمۇ .<<مەن ھىچنىمە قىلمىغان بولسام كىرەك ،بىر ئۇبدان تۇرىمەنغۇ ،يا مايمۇنغا ئۆزگەرمىدىم يا چوشقىغا>> دەپ ئويلايدىغانلىرى ساماندەك .



تاھىربەگ 2010-12-18 12:06
شۇنداق ،
ھەدىستىكى «ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش»تىن مەقسەت ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھى دۇنياسى شەكىللەنگەنگە ئوخشاش 
  نىمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ھە بۇ ....

xahruh 2010-12-18 16:13
توي تۆكۈندە ناخشىا ئېيىتسا بولمامدا ؟؟
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىرىنى ناخشا سازسىز تەسەۋۇر قىلغىلى بۇلارمۇ

atuxogli 2010-12-18 20:16
نىمە دىگەن قىززىق تىما  بۇ؟

atka 2010-12-18 22:34
بەك ياخشى تېمىكەن!

تاھىربەگ 2010-12-19 10:29
يۇمۇر ئوقۇغاندەك ئوقۇۋاپسىز دە ...

saifulla 2010-12-19 14:06
شۇنىڭغا قارغاندا مۇسۇلمانلار تۇيىغا قاتنىشىپ باقماپتىكەنسىزدەھە؟  ناخشا مۇزىكىسىز شۇنداق رەتلىك پاكىز ئۈتىدۇ .چىلىشىشلارچۇ تىخى.

abdimijit 2010-12-20 17:15
شۇنداق ،
ھەدىستىكى «ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋېتىش»تىن مەقسەت ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھى دۇنياسى شەكىللەنگەنگە ئوخشاش
  نىمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ھە بۇ ....
ئاللا ھەمىمىزنى تۇغرا يۇلدا  قىلسۇن .ئامىن.....................................

humarim520 2010-12-20 23:59
بەك ياخشى تېمىكەن!

sawir--123 2010-12-25 12:14
ئىشلىتىش
引用第8楼saifulla于2010-12-19 14:06发表的 3(xahruh)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
شۇنىڭغا قارغاندا مۇسۇلمانلار تۇيىغا قاتنىشىپ باقماپتىكەنسىزدەھە؟  ناخشا مۇزىكىسىز شۇنداق رەتلىك پاكىز ئۈتىدۇ .چىلىشىشلارچۇ تىخى.

قېرىندېشىم  باش سۈرەتنى ئۆزگەرتسىڭىز قانداق؟؟؟؟(شەخسى تەكلىپىم)
بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ...بولسا كۆپرەك مۇنبەرلەرگە يوللاپ قۇيۇلسا ....مىسرانىم دىگەندەك مۇنبەرلەرگە...........

تاھىربەگ 2010-12-25 23:45
باشقا توربەتلەتگە نىمە بولدىكىن تاڭ ، تەستىقلىمايدىكەن ...  

attila 2010-12-26 21:58
رەھمەت قېرىندىشىم كۆڭلۈمدىكى بىر تۈگۈچ يىشىلدى.

dulbarqin310 2011-01-02 17:26
بىلۋالدىم ، ياخشى تېمىكەن .

nur_iman 2011-01-03 23:01
ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەن ، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

eslamiyat 2011-01-04 14:42
قېرىندىشىم ،بۇ گېپىڭىز تولىمۇ قىزىقار لىق گەپ بولدىغۇ؟ ھازىرقى سىزگەئوخشاش غەيرى  مۇسۇلمانلار  توي تۆكۈنلەنى  ناخشا -ناۋاسىز ، ھاراق -شاراپسىزئۆتكۈزەممەيدۇ ئەلۋەتتە.سىلەگە نىسپەتەن قىز -ئوغۇللا ناخشىدىگەننى بولىشىغىچە قويۇپ شەرمىي-ھايانى ئۇنۇتقان ھالدا بىر- بىرىڭلار نىڭ بىلىنى تۇتۇپ پىقىرىشىپ ئويناپ كەتسەڭلار، چوڭلارنىڭ چوڭچە ،كىچىكلەر نىڭ كىچىكچە ئىزىتى بولمىسا  مانا توي دىگەن مۇشۇنداق بولسا ،ئاندىن  پۇخادىن چىقىسىلە. سىلە ئەسلا نېمىنىڭ ھالال نېمىنىڭ ھارام لىقىنى بىلمەيسىلە. ئەسلىي توي دىگەننى نەغمەناۋاسى ئۆتۈزۈش ئەڭ ھالالدۇر .

rabiya 2011-01-04 15:14
ياخشى تېمىكەن،

bugira 2011-01-05 12:32
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئاللاھ ھەمىمىزگە ھىدايەت قىلسۇن

darwex418 2011-01-09 12:16
قالتىس تىما بوپتۇ بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپالىغان مۇسۇلمانغا ھەيرانقالسا بولدۇ قىچلمۇ يۇچۇق قالماي تۇلۇق جاۋاپ يىزلىپتۇ رەخمەت سىزگە~~~~~~~~~~~

muhajir1 2011-01-28 19:29
مىنىڭ ناخشا-مۇزىكا بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوقتى شۇنداقتىمۇ كىردىم، نەچچە كۈندىن كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا توغۇرلۇق قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سىزنىڭكىدەك  مۇشۇنداق بىرەر تېمىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋاجىپ بۇلۇپ قالغاندەك تۇيۇلغانىدى. بۈگۈن مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ،  سىزنىڭكىدەك مۇشۇنداق ئېسىل تېمىغا تۇنجى ئىنكاس يازغانلىقىمدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن. قەلىمىڭىزگە ئاللاھ قۇۋۋەت بەرسۇن!

kaysar_yurak 2011-01-28 20:22
تاھىراخۇن نەگە كەتتىكى تاڭ ؟   مۇنبەردە ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەيدىغۇ ؟  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  

arzuyum 2011-01-28 20:44
بىز يالغۇز  ئۇيغۇرلا  ئەمەس  ،  ئەڭ مۇھىمى بىز  مۇسۇلمانغۇ   ،  بۇلبۇل تۇرغان  يەردە  قاغىغا نىمە ئىش  ؟ ئۈستىدىكى  قېرندىشىم
مۇشۇ مېغىزلىق سۆزڭىزگە ئاللا ھ ئەجر ئاتا  قىلسۇن  .
ھەممىمىز دىنىمىز  چەكلگەن  ئىشلاردىن  يىراق تۇرايلى   .

pel 2011-01-29 14:29

siz  araplang nahxa aglrni kurmegan ma nahxa degan bermanewebaylek tusa


kaysar_yurak 2011-01-29 16:38
ھۆرمەتلىك پەل ، ئەرەپ ناخشا ئېيتامدۇ ئېيىتمامدۇ كارىمىز نىمە ؟؟    ئەرەپ بىلەن مۇسۇلمان باشقا باشقا ئۇقۇم  ...   ئەرەپ بولسىلا مۇسۇلمان  بولۇپ قالمايدۇ .... ئۇيغۇر بولسىلا مۇسۇلمان بولۇپ قالمايدۇ  ......

kemter 2011-02-17 14:03
بەك ياخ شى تىمىكەن

ئارىس 2011-02-17 16:22
ئەجەپمۇ ئەقىللىق ئىكەنسىز قېرىندىشىم،<ناخشا-مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار> تېمىنى كۆرۈپ كەشىمنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي كىرىپ باقتىم،چۈنكى مەنمۇ ناخشا - مۇزىكىغا ئامراق،شۇڭا ناخشا-مۇزىكا بار چېغى،دەپ قېلىپ كىردىم؛مۇشۇ يەرگە ئىنكاس تاشلىغانلارمۇ ،ئىشىنىمەنكى ناخشا - مۇزىكا بار ...دەپ ئويلاپ كىرگەن ،كىرىپ بولۇپ باشقا بىر نەرسىنى كۆرۈپ قوڭىنى يۈزىگە چاپلاپلا ،بىر ئۆرۈلۈپ ياخشى ئادەم بولىۋاپ ناخشىنى تىللىغىلى تۇرۇپتۇ...خۇدايىم،ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەردىن ساقلىسۇن،ئامىن...

muhtarbay 2011-02-22 15:32
شېىر بىلەن ئىچىڭ توشقىچە زەىھەر بىلەن توشقاي....

سەھەر 2011-03-15 13:22
ناخشا-مۇزىكائنساننىىڭ قەلبىنى قارايتىدۇ

kuwruk 2011-03-18 23:34
مەن ئەل -ۋەتەننى ،،ئانىلارنى،،پاك مۇھەببەتنى ،،قەھىرمان -باتۇرلار تەسۋىرلەنگەن ناخشا -مۇزىكىلارغا ئامراق ئىدىم،،،،،،بۇنىڭ گۇناھى ،،،،بۇلماس،،ھە،،،!

تاھىربەگ 2011-03-18 23:40
ئوبدانراق ئوقۇسىىڭىز جاۋابى بار !!   ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئىنكاس يازغاندەك قىلىسىز !!  

تاغلىق 2011-04-01 16:24
رەخمەت   ياىشى تىما ئىكەن

مۇزلۇك 2011-04-19 03:45
MAN  BIR MUZIKA OKUWATKAN OKUGUQI...BIR  TALIP  NAWRA AKAM NING TARBIYISI  BILAN MANDIMU  MUXU IHTILAP BOLGILI  1YIL BOLGANTI.....SAZNI  KOLUMGA  ALSAM HOXYAKMAYDIGAN  BOP  KALGAN...AKAMNING DIYIXIQA  NAHXA-MUZIKA  HARAM KAN,BAXKA  KASIP  KILING TAXLANG  DAYTI...MANA BUGUN  BIRAKLA  YANG GILLAP  KATTIM
  RAHMAT  SIZGA,KOP  TAXAKKUR!!!!!       

مۇزلۇك 2011-04-19 03:47
....OYOY.....RAMMAT  SIZGA

maniwer2010 2011-04-19 06:44
مۇزلۇق---------------
بۇ مۇنبەرگە ئىنكاس يازغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ ،،،،
بىراق «ئامبالدىن بەغەرەز چوڭ»دىگەندەك، كاللىڭىزغا كەلگەنلا گەپنى دەۋەرمەڭ .....

گۇۋاھ 2011-04-19 09:10
مۇنداق بىر ھەدىس ئىسىمىزگە كىپ قالدى ئەزىزىلەر:
  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام بىلەن ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر يەردىن پىيادە ئۆتۈپ كىتىۋىدى بىر جايدىن نەينىڭ ئاۋازى چىقىپ قالدى رەسۇلىللاھ شۇ ھامان قۇلىقىنى قوللىرىدا چىڭ ئىتىۋىلىپ ئۇزاققىچە ماڭدى.
  بىر چاغدا ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلىللاھقا دىدى:
   - يا رەسۇلىللاھ،  نەينىڭ ئاۋازى ئەمدى ئاڭلانمايدۇ، يىراقتا قالدى..
  رەسۇلىللاھ قوللىرىنى چۈشۈرۈپ ماڭدى ۋە دىدى:
   -« مۇشۇنداق نەغمە-ناۋالار كىشىنىڭ كۆڭلڭىگە نىفاق ئۈندۈرۈپ قويىدۇ. خۇددى باھار زىمىندىكى يىشىلچىلىقنى ئۈندۈرگەندەك».

  بۇنىڭدىن نىمىلەرنى بىلىشىڭىز ئاللاھ ئاتاقىلغان ئەقىلنى قانچىلىك ئىشلىتىشىڭىزگە باغلىق.


  ئۇيغۇلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىدە ساز،بەغمە-ناۋا قىلمىسا بولمايدىغان يىرى يوق. خالىسىڭىز ئۇيغۇر بولۇڭ خالىسىڭىز مۇسۇلمان!
    ئاللاھ تائالا ئۇيغۇرلارنى جەننەتكە كىرىدۇ دىمىگەن..... مۆئمىنلەرنى جەننەتكە كىرىدۇ دىگەن!!!

مۇزلۇك 2011-04-19 21:53
你好  朋友
我哪儿错了?你什么意思?说情趣嘛。。。
看了你的信我真的摸不着头脑。。。
请你告诉我,我的错点好吗?朋友。。。

ambaldin  bagaraz  qong     digan  nim digan gap?manga  quxandurung ,dostum....hatalikimni  enik  dap    barsi giz....

general 2011-04-19 23:02
مۇزلۇك:
مانىۋېرنىڭ ئۇيغۇر ئانا يېزىقىدا يازغىنى ئانا تىلىمىزدۇر.
سىزمۇ ئۇيغۇر بولسىڭىز ئانا تىل-يېزىقىڭىزنى پىششىق ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.<سۇپۇرىسى قۇرۇق>بوپقالمىغايسىز.

maniwer2010 2011-04-20 00:16
ambaldin  bagaraz  qong     digan  nim digan gap?
بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بۇ كەڭساي تورىدىكى بارلىق ئۇيغۇر-تۈركى مىللەتلىرى
تولۇق چۈشىنىدۇ ،،،،ئۆزىمىز ئۇيغۇرنىڭ دەردى،ئۆزىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ ،،،
سىزبۇ پەلىپەتىش لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن بىزگە يول كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ !،،،
ئاۋۇ گەپنىڭ مەنىسى «تۆگىنىڭ مازار بىلەن نىمە كارى....»،دىگەندەك....

مۇزلۇك 2011-04-20 16:29
我是上的是十一年维吾尔学校,我掌握自己的语言和文字
只是我电脑上还没有维吾尔文字输入法
  maniwer2010   请你发给我输入法的地址好吗?     我也多么想写维吾尔文字

مۇزلۇك 2011-04-20 23:50
MAN   SIZGA  YOL  KORSITIDIGAN  GAP  KILMIDIM
TOLA  BILARMANLIK  KILMANG
???AJABA  SIZ  UYGHUR  QIDIKI  HAMMA  SUZNI  TOLUK  QUXINAMSIZ
BILMAY  SORDUM       DAP  BASINGIZLA  BOLDIGU
???NIM  UXXAK  GAP

ئەسرارى 2011-05-15 21:46
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ناخشا -مۇزىكىنىڭ ھازىر ھەربىر شەخسنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر يىلىم چاقىسىدەك بىر چاپلاشقاق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. ھېچ بولمىغاندا ‹‹ يۈز ئارسىف›› فىلىمىنىڭ مۇزىكىسىنى بولسىمۇ تېلىفۇنىڭىزدىن چىقمايدۇ دەپ ئېيتالمايسىز.تورغا كىرگەن ھازىرقى مىنۇتلاردىمۇ چىقا-چىقمايلا ناخشا چىقىپ قالىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ھەركۈنى يانفۇنىڭىزدىن نوكىيانىڭ ياكى سەنشىڭنىڭ بولسىمۇ مۇزىكىسى چىقىدۇ، بۇنىڭدىن مۇستەسنامەن دەپ تىلىفۇنىڭىزنى تىترەيدىغان قىلىپ قويسىڭىز، تىلىفۇن ئۇرغاندا بولسىمۇ قارشى تەرەپتىن بولسىمۇ مەجبۇرىي مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قالىسىز.
قىسقىسى ،بىز ناخشىدىن قاچىمىز دەپمۇ قاچالمايمىز. ئىشقىلىپ كوچا -كويلاردا بولىسمۇ ئاڭلاپ قالىمىز. بەزىدە تېتىقسىز،لاۋزا ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا،ناخشىچىنى ئەمەس ،كوچىدا بارىچە ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ناخشا چىقىرىپ قويغانلارنى ھاياسىز دەپ تىللاپ ئۆتىمىز.
ئۇنداقتا بۇ لاۋزا ناخشىلارغا بولغان ئىنكاسىمىز نەدىن كەلگەن. ( بۇنى ھەممە ئادەمنى لاۋزاكەن دەپ چۈشىنىشى ناتايىن).
مەن بۇرۇنلاردا ناخشىنى بەك كۆپ ئاڭلايتتىم. ئەمما ئانچە دىققەت قىلمايتتىم. بىر چاغلاردا‹‹ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم›› نىڭ‹‹ كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن›› دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاپ سەل چۆچىدىم. نىمىشقا دەڭ؟ بۇنى كىيىن قايتا ئېيتىلغان كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشەندىم. بۇ ناخشىدا : ‹‹بىرسى ماڭا بەرسىمۇ جەننەت›› دىگەن مىسراسىدىن بەك قورقتۇم. ھازىرغۇ تۈزىتىلىپ:‹‹ بىرسى ماڭا بەرسىمۇ راھەت›› دەپ ئېيتىلدى.
كىيىن  يەنە : مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تىكىستى قىلىنغان ،خالمۇرات ئۆمەر ئېيتقان ‹‹ ئىلتىجا ›› دىگەن ناخشىنىمۇ شۇنداق قورقۇپ ئاڭلىدىم.‹‹ جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق ›› دىگەن مىسرا مىنى بەك چۆچىتتى.( ئى ئاللاھ !! ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.)
كىيىن توردا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ‹‹ چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت ›› دىگەن ناخشىسى ئۆزگەرتىلىپ ‹‹ چۈمبىلىڭنى يۆگىۋال ›› دەپمۇ ئېيتىلدى.
قىسقىسى ، ھەربىر شەخسنىڭ ئېڭىدا ناخشا ئاڭلاش،ئۇنىي قۇبۇل قىلىش،ئىنكاس بىلدۈرۈش بۇلۇپ تۇردى. مەنمۇ ھېلىقى بىرناخشىنىڭ ئاۋازىغا غىڭشىپ بىر ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇنىڭ قايسى ناخشا ئىكەنلىكنى ھەقىقىي دەپ بىرەلمىسەممۇ لېكىن ماڭا بەك ياقتى . ئالدى بىلەن بۇنى سىلەرگە دەپ بىرەي:

مۇسۇلمان بۇلۇپ ياشىساق ئامان،
غەلبە مىۋىسى يار بىزگە ھامان.

بۇلاي مەن ئادەم بار ۋە ياكى يوق جايدا،
ئاللاھىم بىرلا قورقىمەن ھامان.

مۆئمىن بۇلالماي يۈرسەك تۆۋبىسىز،
ھالىمىز خاراپ،يامان بەك يامان.

بۇلاي مەن ئادەم بار ۋە ياكى يوق جايدا،
ئاللاھىم بىرلا قورقىمەن ھامان.

  بۇنىڭ قايسى ناخشا ئىكەنلىكنى ئەزىز تورداشلار بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن.

يېقىندىلا مەن يەنە ‹‹ ئاللاھ بەرمىگەن يارنى ،ئالما بەردى دەرمەنمۇ ›› دەپ بىر خەلق ناخشىسى ئاڭلاپ قالدىم، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىپ ئاڭلىسا مەلۇم بىر دەرىجىدىكى ئېتىقاد يۇشۇرۇنغان.

گەپنىڭ پوسكاللىسى سىز ناخشىنى قانداق ئاڭلايسىز ؟ قانداق ناخشىلارنى ئاڭلايسىز ؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ دىققەت قىلالىدىڭىزمۇ؟ شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى: ئاللاھ ناخشا ئاڭلىغانلىقىمىزنى ئەپۇ قىلسىمۇ لېكىن شىرىككە رازى بۇلاپ تۇرىدىغان ،ھەرقانداق گەپ-سۆز،ئىش ھەركەتكە رازى بولمايدۇ.
مەنبەسى: ئۆزۈم.

nawayi 2011-06-11 17:57
ناخشىنىڭ ئاسىتىغا كۆمۈلۈپ قېلىش باشقا گەپ، ناخشىغا ھېرىس بولۇپ ياخشى كۆرۈش باشقا گەپ.   بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا تولا ئاڭلىنىپ قالدىغان كۆيدۈم-پىشتىم مەزمۇنىدىكى  ناخشىلارنى ياخشى كۆرۈپ داۋاملىق ئاڭلاش سىزنى تېخىمۇ مەست قىلىپ ھەقتىن يىراقاشتۇرىدۇ، دىلىڭىزنى قارايتىدۇ. شۇ ناخشا ئېيتىدىغان كىشىلەرنى شۇنچە ياخشى كۆرىشىڭىز، ئۇلارنى چوڭ بىلىشىڭىز سىزنىڭ خېلىلا چوڭقۇر زەھەرلەنگەنلىكىڭىزنىڭ ئالامىتى. ئەگەر ھارام-ھالال ئۆلچىمىگە سېلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىسىڭىز، بەلكىمم بەزى ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازلىرى سىزگە ئىشەك ھاڭرىغاننى ئەسلىتىشى مۇمكىن.  چۈنكى سىز ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغاننى ياخشى كۆرمەيدىغان ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغاننى ياخشى كۆرىدىغان بولسىڭىز  مۇھەببەت نەپرتىڭىز شۇنداق روشەنلىشىدۇ.  بەزى ناخشىكەشلەر جەمىيەتتە ئىلغارلىقنى ئەمەس، ھاياسىزلىقنى يايدى.  شۇڭا، بەزى تورداشلار بەزى ناخشىكەشلەرنى ماختايدۇ، مەن بولسام ئۇلارنى  ماختىمايمەن. بەلكى گۇناكار دەيمەن. بەزىلەر بەزى ناخشىكەشلەرنىڭ بەزى بىر يەرلەرگە ئىئانە قىلغان ئىشلىرىنى دەلىل قىلىپ ، ئۇلارنى تىللاردا داستان قىلىپ كېتىدۇ. مەن دەيمەن، ئاللاھ يولىدا ھالالدىن تېپىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتىن باشقا نىيەتتىكى قىلغان ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا پايدىسى بولمايدۇ.  شەرىئەتتتە ھارام دەپ كۆرسەتكەن ناخشىلار بىلەن پۇل تېپىش ئەلۋەتتە ھالال بولمايدۇ. ھالال بولمىغان يول بىلەن تاپقان پۇلنىڭ سەدىقە نامىدىكى سەرپىياتلار سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.
مۇھىتىمىزدا ياش -ئۆسمۈرلەردىن تولىسى ناخشا-مۇزىكىغا شۇنداق قىزىقتۇرۋېتىلگەنكى، ئۆزبەك، ھىندى، ... ناخشىكەشلەرنىڭ ناىشىلىرىغىچە ئۇلارنىڭ ئسىسىملىرى ئۆز ئاكا-سڭىل قېرىنداشلىرىدەك تونۇش.  يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەر بىلەن ئىشلەنگەن پىستىنكىلار، ۋە ھاياسىز قىلىقلار بىلەن كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەر بار ناىشا پىلاستىنكىلارنى ساراڭدەڭ كۆرۈپ تىڭشاپ كەتكەن.

ناخشا 2011-07-16 20:58
ناخشا -ئۇسۇل دىگەندەكلەرنى كىچىكىمدىنلا  ياقتۇرمايتتىم،تولۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچۇمغا شۇندا ق دىسەم ،ئىدىيڭىزدە مەسىلە بار   دىسە ،چۈشەنمىگەنىدىم.ئەمدى چۈشەندىم.رەھمەت قىرىندىشىم!

مىسكىن 2011-07-22 12:31
ناخشىغا ئۆچ بولغاچقا ئىسمىڭىزنى ناخشا دەپ تىزىملىتىپسىزھە؟ ئامراق بولغان بولسىڭىز نىمە دەپ تىزىملىتا بوغىدىڭىز؟

kesas 2011-12-12 08:41
    

بىگان 2011-12-12 12:12
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

يارى 2012-02-24 21:50
ياخشى تېمىكەن .....ئەمما توي - تۆكۈن ناخشا ساز بىلەن ئۆلۈم -يېتىم ھازىسى بىلەن دەپ كونىلار بىكار دىمىگەندە ،ئۇنداقتا تويلىرىمىزدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان مۇھەببەت كۈيلەنگەن ناخشىلارنى ئېيتىشنىڭ ئۆزى گۇناھكەندە

dulbarqin310 2012-02-25 13:10
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى atuxogli نىڭ 2010-12-18 20:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نىمە دىگەن قىززىق تىما  بۇ؟


بۇ يەردىكى "قىزىق" نى قانداق چۈشەنسەم بۇلار؟
ئىسىل تېمىكەنتۇق بولمىسا...... قانداق قىلىپ قىزىق بۇپ قالدىكىنا.

dulbarqin310 2012-02-25 13:17
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى مۇزلۇك نىڭ 2011-04-20 16:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
我是上的是十一年维吾尔学校,我掌握自己的语言和文字
只是我电脑上还没有维吾尔文字输入法
  maniwer2010   请你发给我输入法的地址好吗?     我也多么想写维吾尔文字


سىزگە مەنلا دەپ بېرەي، باشقا ئادىرىستىن  ئىزدەپمۇ يۈرمەڭ مۇنبىرىمىزدىلا بۇ تۇغۇرلۇق كۆپ قېتىم تېما يوللانغان، شەخسەن مەنلا بىر تېما يوللىغان بولسا خالىسىڭىز شۇنىلا يوللاپ بېرەي. /read.php?tid-15389.html ماۋۇ ئادىرىسقا كىرسىڭىزمۇ خېلى قىينالمايلا ئۈگىنەلەيسىز. بولمىسا بىرەر ئالاقىلىشىش ئادىرىسى مەسلەن چ چ ، ئىلخەت دېگەندەك ئادىرسىلار بولسا قالدۇرۇپ قۇيۇڭ، مەندە مەخسۇس ئۇيغۇرچە قول كۆندۇردىغان دىتال بار، شۇنى يوللاپ بېرەي. ئۇنىڭدا 11 يىل ئۈگەنگەن ئانا تىلىڭىزنى ئىكران يۈزىدە چىقىرالايسىز.

نارات 2012-02-25 16:33
ياخشى تىمىكەن كۈپنەرسىنى ۈگىنۋالدىم .ھەرھالدا دىنمىز.غا خىلاپ ىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.رەخمەت قېرىندىشىم   


查看完整版本: [-- ناخشا_مۇزىكىغا ئامراقلار كىرىڭلار ..(مۇھىم) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061059 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us