ئاياللارنىڭ يۇزى ئەۋرەت ئەمەس، يەنى ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگەشلىرى پەرز ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى).
بۇ ئىككى ئايەتتىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
1 – ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللار، ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بولىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا نامەھرەم ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەرلەرنىڭ نامەھرەمگە قاراش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىماسلىق ئىمكانىيىتى بولمىغان يەردە ئۇلارغا بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە قويغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق.
2 – ئايەتتە «قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمە، «تىكىلىپ» ئىپادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. بۇ ھەر قانداق قاراشنىڭ ئەمەس، شەھۋانىي كۆز بىلەن ۋە يامان نىيەت بىلەن قاراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان).
3 – ئاياللار يۈزلىرىنى يۆگەشكە ئەمر قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشى پەرز بولسا ئىدى ۋە ئۇلار بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىنى يۆگىگەن بولسا ئىدى، ئەرلەرگە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېيىشنىڭ بىر مەناسى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ تەقدىردە ئۇلار تەكىلىپ قارايدىغان يۈز يوق بولاتتى.
بۇنى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ (33 – سۈرە) 52 – ئايىتىنىڭ بېشىدىكى: «ئى پەيغەمبەر! بۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ…» دېگەن ئىپادىمۇ تەكىتلەيدۇ.
چۈنكى بۇ ئايەت (نىڭ تەرجىمىسى) دىكى «جامالى» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىسى ھۇسن «حسن» دۇر. ئەرەبچىدىكى ھۇسن، ئۇيغۇرچىدا جامال، ھۆسن، چىراي قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يۈزنىڭ گۈزەللىكى دېگەن مەنانىلا ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەجەپلەندۈرىدىغان گۈزەل يۈزنىڭ ئوچۇق يەنى يۆگەلمىگەن بولۇشى كېرەك. يۆگەلگەن يۈز قارشى جىنسنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ.
ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ پەرزلىكىگە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر
مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم شەيخ ئەلبانىي مۇناسۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا، ئۇ ھەدىسلەرنى ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ مۇستەھەب (قىلسا ياخشى بولىدىغان، قىلمىسا ھېچ گۇناھكار بولمايدىغان) دەرىجىسىدە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
خالىغانلار ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا ياكى بۇ ئالىمنىڭ شۇ تەتقىقاتىنى تېپىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.