بۇ خەۋەرنى مەن مۇنبىرىمىزدىكى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۈشىنىپ بىلىۋىلىش مەقسىتىدە تاماملىدىم..چۈنكى بۇنداق ۋەقەلىكلەر تور ساھەسىدە كۈندىن -كۈنىگە زورىيۋاتقان بولغاچقا ،قېرىنداشلىرىمىزنى ئالدامچىلىققا كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلدىم ..
ئۆز خەۋىرىمىز :
<<مۇكاپاتلانغانلىقىڭىزنى تەبىرىكلەيمىز >> ،<<سىزنىڭ بانكا ھىساۋاتىڭىزدىن 50مىڭ يۈۋەن ئىستىمال قىلىندى >> ...دىگەنگە ئوخشاش قىسقا ئۇچۇرلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يانفۇنىغا توختىماستىن كىلىۋاتىدۇ .
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۆزىنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ <<6+1>> ئالاھىدە پىرۇگىرامما گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى قىلىپ كۆرسەتكەن .
چ چ نۇمۇرىڭىزغا ،يانفۇن نۇمۇرىڭىزغا مۇكاپات چىقتى ،<<تېپىپ بېقىڭ مەن كىم ؟>> ،<<تۆۋەن باھادا يانفۇن ،ئاپتۇموبىل سېتىلدۇ >> دىگەنگە ئوخشاش ئالدامچىلىق دېلوسىدىن 92 سى يۈز بەرگەن بولوپ ،دېلوغا چېتىشلى سومما 3مىلىيۇن 300مىڭ يۈۋەنگە يىتىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ساقچى شەكىلىگە كىرىۋىلىپ قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى قىلىش دېلوسى ئەڭ كۆپ بولوپ ،51 قېتىم يۈز بەرگەن ،دېلوغا چېتىشلىق سومما 1مىلىيۇن 536 مىڭ 200يۈۋەنگە يەتكەن . بۇنداق دېلودىن ئۈرۈمچىدىلا 42 سى يۈز بەرگەن .
مۇكاپات چىققانلىق مەزمۇنىدىكى ئالدەمچىلىقتىن 22 سى يۈز بەرگەن بولوپ ،دېلوغا چېتىشلىق سومما 285مىڭ 430 يۈۋەنگە يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدە 12 سى ئۈرۈمچىدە ئالتىسى يۈز بەرگەن .
بىر قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىقى 50 مىڭ يۈۋەننى ئالداپ ئېلىۋىلىش ؛
سايباغ رايۇنلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسى 6-دىكابىر بىر ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلدى ، جىنايەت گۇماندارى دەل يانفۇن قىسقا ئۇچۇرىدىن پايدىلنىپ ئالدامچىلىق قىلغان .
شەھىرىمىزدىكى گاۋ خانىمنىڭ يانفۇنىغا بۇ يىل ئاپىرىلدا <<ياخشىمۇسىز ،سىز <دوسلۇق> سودا سارىيىدا 50 مىڭ يۈۋەنگە نەرسە سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ،كارتىڭىزدىن 50مىڭ يۈۋەن تۇتىۋىلىندى ،ناۋادا گۇمانىڭىز بولسا (....) غا تېلىفۇن قىلىڭ >> دىگەن مەزمۇندىكى بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان ،گاۋ خانىم ناھايىتى ھەيران قالغان ،چۈنكى ئۇ <<دوسلۇق سودا سارىيىغا >> بارمىغان . شۇنىڭ بىلەن گاۋ خانىم قالدۇرۇلغان نۇمۇرغا تېلىفۇن بېرىپ سۈرشتۈرگەن ، تېلىفۇننى قۇبۇل قىلغان ئايال باشقىلارنىڭ گاۋ خانىمىنىڭ نامىدا ئىناۋەتلىك كارتا ھەل قىلىۋالغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتقان ۋە ئۇنى ساقچى تەرەپنىڭ بىر تېلىفۇن نۇمۇرى بىلەن تەمىنلىگەن .گاۋ خانىم ئۇ ئايال تەمىنلىگەن نۇمۇرغا تېلىفۇن بەرگەندە ، چىڭ فامىلىك بىر ساقچى ئۇنىڭغا :
بۇ خىل ئەھۋالدا چوقوم ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدە مەخپى شىفىر لايىھەلەنگەندىلا ،ئاندىن كارتىدكى پۇلنىڭ بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ ،دىگەن .
گاۋ خانىم يېقىن ئەتىراپتىكى ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈنىڭ ئالدىغا كېلىپ چىڭ فامىللىك <<ساقچى >> نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 19 خانلىق بىخەتەرلىك مەخپى شىفىرنى كىرگۈزگەندىن كىين ،ھىساباتقا ئاغدۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنى باسقان . ھىساباتقا ئاغدۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى غەلىتىلىك ھسى قىلىپ قايتىدىن ھىساباتنى تەكشۈرگەندە ،كارتىدىكى 50 مىڭ يۈۋەن ئاللىبۇرۇن باشقا كارتىغا ئاغدۇرلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ،ئۇ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان .
سوتتا جىنايەت گۇماندارى چىن..... جىنايىتىنى تولوق تاپشۇرغان .
دېلوغا چېتىشلىق بەشەيلەننىڭ ھەممىسىلا فۇجىيەن ئەنشىلىك بولوپ چىن... قاتارلىق بەشەيلەن گۇۋاڭدۇڭغا يالغاندىن تىجارەت قىلغىلى كەلگەن ،گۇۋادۇڭ مىيجۇ غا كەلگەندىن كىيىن ،سودا تورىدىن ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كىچىك زىرەك ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفۇن نۇمۇرلىرىنى ھەمدە كوللىكتىپ ئەۋەتىش ئۈسكۈنلىرىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ،يالغان قىسقا ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىغان ،بەشەيلەن ئىش تەقسىماتى ئىنىق بولغان ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن .
چىن ...قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا مەسئول بولغان ،
ئۈچ قىز بانكا خىزمەتچىسىنىڭ ..
تاڭ.... ساقچىنىڭ رولىنى ئۆتىگەن ...
مەنبە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .