ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم دوسلار مىنىڭمۇ ئىككى قىزىم بار چوڭى سەككىز ياشتا ،كىچىگى ئىككى ئايلىق بولدى .
چوڭ قىزىم تۇغۇلغاندا قىز تۇغۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش تامغان ئىدى.
بۇ ئەلۋەتتە قىز تۇغۇلغانىقى ئۈچۈن ئەمەس . . . . . .
شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىمنى قانداق تەربىيلىسەم بولا ،چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولار دىگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى.
چۇنكى بىر ئوغۇلنى تەربىلەش بىر بالىنى تەربىلىگەنلىك بولسا، بىر قىزنى تەربىلىگەنلىك بىر مىللەتنى تەربىلىگەنلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .
قىزىم ئادەتتە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ ،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ھەپتىدە بىر قىتىم ئۇيگە قايتىمەن .
بىر كۇنى ئۆيگە كەلسەم ئاپىسى قىزىمىزنىڭ يەسلىدە خاتىرجەم تەرەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئوغۇللارنىڭ بەك كەپسىز ئىكەنلىكىنى دىمەسمۇ مىڭڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ئاپىسىغا بىر مۇنچە كايىدىم ،بالىلار مەكتەپتىن قايىتمىغان ۋاقىت بولغاچقا دەرھال يەسلىگە بىرىپ ،بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم ھەم ئۇلارغىمۇ بىر مۇنچە كايىدىم ،ئۇلار بۇ ئىشلارغا يەسلىنىڭ
ناھايتى كۈڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ،لىكىن يەنىلا يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى ،مىنىڭ خاتىرجەم بولىشىمنى، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ دېققەت قىلىدغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالدى .بىزمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تىخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇق.