باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14088 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 367
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە367دانە
ئۆسۈش: 2604 %
مۇنبەر پۇلى: 5968 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-15 11:26

بالىمىزغا جىنسى تەربىيەنى (ئىپپەت تەربىيەسى) قانداق قىلىمىز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-16)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھازىر چوڭ شەھەرلەردە چەتئەلللەرنى دوراپ ئوتتۇرا مەكەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ۋە مۇھەببەت قارىشى دەرسى تەسىسى قىلىنىۋاتىدۇ .قارىماققا بۇ تەربىيىلەر شۇنداق سىلىق ۋە ئىجابىي كۆرىنىدۇ .لېكىن ئىتىقات نۇقتىسىدىن كۈزەتسەك ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەركىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىغا قارىتا ئامالسىز قوللانغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز .ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغان گاندون ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىكەن ...
ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل جىنسى تەربىيە يەنى ئىپپەت تەربىيىسى بىرىدىغان ئەخلاقى سۆزلەر بىلەن پاساھەتلىك ئۇسوللار بىلەن يېزىلغان قابۇسنامە ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىپپەت تەربىيەسى بىرىدىغان كىتاپلىرىمىز ئەڭ موھىمى قۇرئان كەرىمىمىز بار .
((زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى)) [نۇر سۈرىسى 3- ئايەت] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىپ: ((ئۇنى ئالمىغىن)) دېگەن([23]).

چۈنكى ئاللاھ تائالا پەقەت مۆمىن ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىكىنى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرىنى ئېلىشقىلا رۇخسەت قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى ئالىدىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپەتلىك بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: 

((زىنادىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولغان ھالدا)) [نىسا سۈرىسى 24- ئايەت]

شۇڭا كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشكە پەقەتلا شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشرىكلا رازى بولىدۇ. كىمكى بۇ ھۇكۈمگە ئىقرار قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلسا، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆيلىنىشى ھارام بولغان كىشىگە ئۆيلەنسە بۇنداق ئەھۋالدا،  ئۇ زىناخور بولىدۇ.

بۇ ئايەت نۇر سۈرىسىدىكى دەررە ئۇرۇش ئايىتىدىن كېيىن كەلگەن: 

((زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار)) [نۇر سۈرىسى 2 - ئايەت]

بۇ بولسا جىسمانىي جازادۇر، ئەمما زىناخور بىلەن توي قىلىشنى چەكلەش بولسا، مەنىۋى جازادۇر. بۇ خۇددى ھازىرقى قانۇنلاردا گەرەجدانلىقتىن مەھرۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم بىر ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىغا ئوخشايدۇ.


مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتا ئوبىكتىپ سەۋەپ شۇكى ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدا ئۆسىۋاتقان بالىلرىمىزغا قانداق يوسۇندا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىمىز ؟ئەگەر بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن بولساق ئۇلارغا ئىپپەت تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان قانداق ياخشى ئۇسوللار بار ؟(مائارىپنى سۆكۈدىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدۇ )
بالىسىغا ئىپپەت تەربىيەسى قىلىپ مۇئاپىقىيەت قازانغان ئاتا ئانىلار بۇ مۇنازىرىگە قاتناشسا ..بۇ ھەقتە بىلىمى چوڭقۇرلار قوللىنىشچان  بىر چارە كۆرسەتسە دەيمەن .كۆرسەتكەن چارىڭىز ئامال بار ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ۋە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئايرىم ئايرىم قانداق ئېلىپ بارىمىز دىگەن سۇئالدا بولسۇن ..
قېنى كۆپچىلىك بىلگىنىمىزنى ئايىمايلى ..

مەنبە :مەن
[ agahتەرىپىدىن2010-12-16 13:34قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4550
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-03-18
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-16 11:00

   بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ . بىز ئۇيغۇرلار ئاتا ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر مۇشۇنداق تىمىلارنى ئاسان دىيىشمەيمىز . چۇنكى بىزدە شەرمى ھايا بار . بىۋاستە دىيىشتىن ئىزا تارتىمىز . مەكتەپلەردىمۇ بۇ مەسىلىنى ئۇچۇق ئاشكارە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقمىدىغۇ دەيمەن . ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مەكتەپتە قىزلارنى يىغىپ يىغىن ئاچقاندا ئاياللار مۇدىرى مۇشۇ ھەقتە سۆزلىگەن ئىدى . لېكىن يېپىق ھالەتتە سۆزلىدى . بۇنى ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلىدىمۇ يوق ، بىلەلمىدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىغۇ ئاشكارە دىيەلمىدۇق . ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بەك ئاشكارىلاپ دىيەلمىدۇق . زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ئاڭلىشىمچە بالا 3 ،4 ياشقا كىرگەندىلا باشلاش كېرەك دەيدىكەن . يەنى بالىنى يۇيۇندۇرغاندا بىللە يۇيۇنۇش ، يەنى قىز بالىنى ئانا كىشى بىلەن ، ئوغۇل بالىنى دادا بىلەن بىللە يۇيۇنۇش كېرەك دىدى . يەنى بالىغا ئۆز جىنسىدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە تۇرسىمۇ تۇنجى جىنسى تەربىيە قىلغان ھىسابلىنىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن يات جىنسلارغا قىزىقىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بەرگىلى بۇلىدىكەن .
     يۇقارقى 6- قەۋەتتىكى دوستىمىز دىگەندەك ئوغۇللارغا ئاشۇنداق تەربىيە قىلساق ، قىزلارغا ئوغۇللار بىلەن بىللە كۇچىلاردا يۈرسە ئەدەبسىزلىك بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسەك بۇلارمىكىن دەيمەن . مىنىڭ 5 ياشلىق قىزىم بار . مەن ھازىردىن باشلاپ قىزىم بىلەن دوستلاردەك مۇڭدىشىمەن . ئىچىڭىزدىكى ھەممە گەپنى دەڭ دەپ تۇرىمەن . كۈندە دىگۈدەك يەسلىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلىتىمەن ، ئوغۇللار بىلەن بىللە ئويناۋەرسە ئەدەبسىز بۇلۇپ قالىدۇ دەپ تۇرىمەن . شۇنىڭ بىلەن قىزىم كۇچىلاردا قىز ئوغۇل بىللە مېڭىۋاتقانلارنى كۆرسىمۇ «ئىزا تارتمايدىكەن . توي قىلىدىغانلار قىز ئوغۇل بىللە يۈرسە بۇلىدۇ ، بۇنداقلار ئەدەپسىزكەن» دەيدىغان بولدى . دىمەك ، ئەڭ مۇھىمى ۋاقىت چىقىرىپ بالا بىلەن مۇڭدىشىش .
   باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تىمىلارنى باشتىكى نادىر تىمىلار ، تەۋسىيە تىمىلار قاتارىغا تىزىپ قۇيۇڭلار ! بۇ بەلكىم توردىكى ئاتا ئانىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشلۇقى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن . ھەممىمىز بۇ تىمىنى ئوقۇپ قۇيۇپلا بولدى قىلماي ئازراق بولسىمۇ تەجرىبىلىرىمىزنى سۆزلەپ قۇيايلى ! سىزنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قويغان ئىنكاسىڭىز بەلكىم بەزى ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇيۇشى ، ياخشى يولغا باشلىيالىشى مۇمكىن .
   جىق سۆزلەپ كەتتىم ، قېنى دوستلار ئىنكاس يازايلى !