ئىشلىتىش
引用第6楼gokay于2010-12-11 16:42发表的 :
سىزگە ئۇتكەندىلا مىسىر پەتۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتۋاسىنى ئەۋەتىپ بەرسەممۇ ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇردىڭىز. ھەتتا بۇ ئىشنى بىدئەت دەپ سۈپەتلىدىڭىز بۇ گىپىڭىز بىلەن ئىمام شاپى،ئىمام ئەھمەد دەك داڭلىق ئۈلۈمالېرىمىنى بىدئەتچىگە چىقاردىڭىز تەۋبە ئىنساپ قىلىڭ بىلىمىڭىزنىڭ،تەقۋادارلىقىڭىزنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۇنلىكىگە قەتئى ئىشەنمەيمەن ھەمدە ھەدىس ئىلمىنى ئۇلاردەك ياخشى بىلدىغانلىقىڭىزغىمۇ شۇ. سىز يۇرتىمىزدا پىتنە تېرىپ نىمە پايدا ئالماقچى ،سىز نىمىشقا ھەممە ئىشقا پەتۋا بېرىشكە ئالدىرايسىز ،مەنچە سىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئايرىم بىز مەزھەپ شەكىللەندۈرمەكچى شۇنداقمۇ
سىز ئەۋەتكەن مىسىر پەتىۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن پاتىۋاسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭدىمۇ دەلىل كەلتۈرگىنى زەئىپ ھەدىس.
سىز ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىڭ. بۇ يەردە ھېچكىم ئىمام ئەھمەد،ئىمام شاپىيلارنى بىدئەتچى دەپ كىم دەپتۇ. مەن دەيمەنكى 4مەزھەپ پىشۋالىرى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى، ئۇلار شەرىئەت مەسىلىرىدە بەكمۇ ئىھتىياتچان ئىدى. بۇلۇپمۇ ھەدىسلارغا ئالاھىدە ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللا دىن كىشىلەر : سىنىڭ سۈزۈڭ ھەدىسقا زىت كەپ قالسا قانداق قىلىمىز دىگەندە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتتىرۋېتىڭلار دىدى.
كىشىلەر : ساھابىلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
-يەنىلا مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتتىرۋېتىڭلار.
-تابىئىنلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
- ئۇلار ئەركەك بولسا مەنمۇ ئەركەك. مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سۈزى.
ئىمام شاپى مىنىڭ سۈزۈم رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىغا زىت كەلسە مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتىبارغا ئالماڭلار دىگەن.
مانا بۇلار ھەدىسقا ئالاھىدە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن قارغانلىقىنىڭ دەلىلى.
4مەزھەپ پىشۋالىرىمۇ ئىنسان.ئۇلارمۇ خاتالىشىدۇ. خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئات گۈشىنى ھارام دەپ ئۇلۇپ كىتىشتىن 3كۇن بۇرۇن ھالال دىگىنىگە ئوخشاش. بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
مىنىڭ تەۋبە قىلىشىمنى ئەسكەرتىپسىز. مەن ئاللاھ خالىسا ئاللاھنىڭ ماڭا ئىرادە قىلىغىنىچە كۇنلىكى تەۋبە قىلىپ تۇرىمەن. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.
سىز مىنى پىتنە تېرىپ ئۆز ئالدىغا بىر مەزھەپ تىكلىمەكچى دەپسىز. ئاللاھ ساقلىسۇن. بۇ پەقەتلا ئازغۇنلارنىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان ئازغۇن گەپ. مەن پىتنە تېرىماقچى ۋە مەزھەپ تىكلىمەكچى ئەمەس. مىنىڭ يۇلۇم ئاللىقاچان راۋان بۇلۇپ بولغان يەنى قۇرئان ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللە مىنىڭ يۇلۇم. مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ھەدىس بۇيىچىلا مېڭىپ بۇ دۇنيادىن ئۇتۇش. پىر، غۇجىلارنىڭ يۇلىدا ئەمەس.
ئاللاھتىن بارلىق دىن داۋاسى قىلىدىغان كىشىلەرنى توغرا يولدا مىڭىشىنى نىسىپ قىلسۇن.