查看完整版本: [-- قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ھەمزە 2010-12-11 16:02
                                       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش بولسا رەسۇلۇللە،ساھابىلەر،تابىئىنلار زامانىسىدا بولمىغان ئىش. بۇ پەقەتلا كىيىنكى بەزى مۇسۇلمانلار  تەرپىدىن پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت ئىش. رەسۇلۇللە ۋەھىي قۇبۇل قىلىۋاتقان 23يىل جەريانىدا ئىنساننىڭ ئالدىغا كىلىدىغان ھەممە ئىشقا يول يۇرۇق بىرىپ ئۆتكەن. ھەتتا خالاغا كىرگەندە قانداق كىرىش،نىمە دىيىش،چىققاندا قانداق چىقىش،نىمە دىيىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ كۆرسەتمە بىرىپ ئۆتكەن.
ئەمما قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇڭلار دەپ ھېچقانداق يەردە دىمىگەن. ھەم ئۇزىمۇ قىلمىغان.شۇنداق بولغانىكەن رەسۇلۇللە قىلمىغان ۋە بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىش ئىسلام دىندا يىڭىلىق پەيدا قىلىش بۇلۇپ بۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. رەسۇلۇللە بۇ توغۇرلۇق.قانداق بىر كىشى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش قايتۇرىلىدۇ دەپ ئىسلام دىنغا يىڭىلىق پەيدا قىلىشنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئىسلام دىنى رەسۇلۇللەنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە تۇلۇق تاماملىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە اللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن{بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم.سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم.} سۇرە مائىد3.ئايەتنىڭ بىر قىسمى
مانا بۇ ئايەت ئىسلام دىننىڭ تۇلۇق بۇلۇپ بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

يەنە اللە قۇرئانى كەرىمدەقۇرئانى كەرىم توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن {ئۇپەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش،كاپىرلارغا ئازاپنىڭ تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى(بىلدۇرۇش ئۇچۇن نازىل بولغان) ۋەز نەسھەتتۇر. رۇشەن قۇرئاندۇر}سۇرە ياسىن 70.ئايەت
شۇنداق بولغانىكەن قۇرئاننى قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش خاتادۇر.

ئۇنداقتا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇغان ئادەملەر نىمە دەلىل بىلەن  ئۇقۇيدۇ؟
ئۇلار بىر كىشىنىڭ بىلمەي قەبرىستانلىقتا چىدىرىنى قۇرۇپ شۇ يەردە يېتىپ قالغانلىقى بىر كىشىنىڭ قەبرىستانلىقتا سۈرە تابارەكنى ئۇقۇغانلىقى ئاندىن بۇنى كۆرگەن كىشى رەسۇلۇللە قا خەۋەر قىلغانلىقى.رەسۇلۇللەنىڭ ئۇ كىشىگە سۈرە تابارەك ئۇقۇلغان قەبرە ئازابلانمايدۇ (ئۇ ھەدىس تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىپ مۇشۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن) دىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاجىز ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشقان.
بۇ توغۇرلۇق كەلگەن سەھىھ ھەدىسكە قاراپ باقايلى
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ[شەك شۇبھىسىزكى قۇرئاندا 30ئايەتلىك بىر سۈرە بار.ئۇ سۈزىنى ئۇقۇغان ئادەمگە ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولغانغا قەدەر پەرۋەردىگارىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ سۈرە سۈرە مۇلىكتۇر.(يەنى تەبەراكەللىزىي) ئىمام ئەھمەد،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي ئىبنى ماججەلەررىۋايەت قىلغان. بۇنىڭدا پەقەت ئۇقۇغان ئادەمگىلا شاپائەت قىلىدۇ دىيىلگەن. ئۇلۇكلەرگە ئەمەس.چۇنكى ئۈلۈكلەر قۇرئان ئۇقۇيالمايدۇ.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا رىيازۇسسالىھىيندا  دىيىلگەن ئىمام شاپىينىڭ قەبرىستاندا قۇرئان بىر تامام بولسا ياخشى دىگەن سۇزىنى دەلىل قىلىسىدۇ. مەزھەپ داۋاسى قىلىڭ دىسە ئاغىزىدىن كۆپۇك چاچىرتىپ <ئىمام ئەزەم> دىيشىپ كىتىدۇ. ئەمما بىلمەمدۇكى <ئىمام ئەزەم>مۇ قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇشنى مەكرۇھ دىگەن.ئەگەشكۇچىلەر بۇ يەرگە كەلگەندە كۆرمەسكە سېلۋالىدۇ. خۇددى يەھۇدىيلار تەۋراتنىڭ بەزى تىكىسلىرىنى كۆرمەسكە سېلۋالغاندەك..
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈلۈكلىرىڭلارغا سۈرە ياسىننى ئۇقۇڭلار دىگەن زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىشىدۇ. بىلىپ قېلىڭ بۇ ھەدىسنى بىر قانچە ھەدىس توپلاملىرىدا ئۇچراتقىلى بولغان بىلەن ھەدىس ئالىملىرى زەئىپ ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ دەپ باھالىغان.
يەنە رەسۇلۇللەنىڭ قۇرئان تامام قىلىنغان يەرگە اللەنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ دىگەن سۈزىگە ئاساسلىنىپ قۇرئان ئۇقۇيدۇ.
ئەمما بۇلار دەلىل بۇلالمايدۇ.  بىز تۇۋەندە رەسۇلۇللە قەبرىستاندا نىمە پائالىيەت قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ئۇ مۇنداق دىگەن بىز بەقى غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بىر جىنازە ئۇستىدە بولغانىدۇق. رەسۇلۇللە كىلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭ چورىسىگە كىلىپ ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللەنىڭ قۇلىدا بىر تاياق تۇراتتى.رەسۇلۇللە تاياقنىڭ ئۇچچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇتتىدە ئۇنىڭ بىلەن يەرنى نۇقۇپ تۇرۇپ سىلەردىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەننەتتە ۋە دۇزاختا بارار ئورنى بۇرۇن پۇتۇلگەن بۇلىدۇ دىدى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئى رەسۇلۇللە بىز (ئەمەل قىلماي)پۇتۇلگەن تەقدىرمىزنى كۈتۈپ تۇرساق بولمامدۇ دىگەن كىشىلەرگە ئەمەل قىلىڭلار ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەيەرگە بېرشى پۇتۇلگەن بولسا ئۇنىڭغا شۇ ئەمەل مۇيەسسەر قىلىنىپ بىرلىدۇ يەنى سائادەتمەن بولسا سائادەتمەنلەرنىڭ ئەمىلىنى شەقى بولسا شەقى بەندىلەرنىڭ ئەمىلىنى مۇيەسسەر قىلىپ بىرىدۇ دىدى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلغانلىقى مۇشۇ ھەدىستە سابىت بولغان. قەبرە بېشىدا تەبلىق قىلىنسا كىشىلەرگە بەك تەسىر قىلىدۇ چۇنكى ئۇ يەردە پەقەت ئاخىرەتنىلا ئويلىيالايدۇ.

ئەبۇ ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ كى مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندا رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا بىر ئاز توختايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى قېرىندىشىڭلار ئۇچۇن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ (سۇئال سۇراق )ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار چۇنكى ئۇ ھازىر سۇئال سۇراق قىلنىۋاتىدۇ دەيتتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

رەسۇلۇللە قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇڭلار دىمەستىن قېرىندىشىڭلارغا مەغپرەت تەلەپ قىڭلار قەبرىدە سۇئال سۇراقتا مۇستەھكەم تۇرشىنى تىلەڭلار دىگەن. مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرىستانلىقتا قىلغان ئىشىدۇر.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ بىزگە ناجاشىنىڭ ئۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋەرى يەتتى(نەجاشى ھەبەشىستاندا  مۇھاجىر مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلەنچۇكى بولغان مۇسۇلمان پادىشاھ ئىدى-ت) رەسۇلۇللە بىزلەرگە قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
 بۇ يەردىمۇ قۇرئان ئۇقۇلار دىمەستىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دىگەن. ئەگەر قۇرئان ئۇقۇش ياخشى بۇلىدىغان بولسا رەسۇلۇللە نەجاشىغا ئەلۋەتتە قۇرئان ئۇقۇڭلار دەيتتى. چۇنكى نەجاشى ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە كۈڭۇل بۆلگەن. ھەم ئۈزىنىڭ زىمىنىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغدىغان. رەسۇلۇللە ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ئۇچۇن غائىب نامىزى ئۇقۇغان.

ئابدۇللا ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىدۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆت تەكبىر ئېيتتى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 رەسۇلۇللەنىڭ ھاياتىدا قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنى بىدئەت دەيمىز. بىز رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتى شۇنداق بولغانىكەن قەبرىستانلىقتا رەسۇلۇللە نىمە قىلغان بولسا شۇنى قىلىشىمىز كىرەك.
بىز قۇرئان دىگەن اللەنىڭ كىتابى تۇرسا بۇ ئۇقۇسىمۇ بىدئەت بۇلامدۇ دەيدىغان ئادەملەرنى كۈرىمىز. بۇنداق ئادەملەرگە دەيمىزكى قۇرئان اللەنىڭ كىتابى. بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما قۇرئان قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش ئۇچۇن چۇشۇرۇلمىگەن. ئۇ ئىنسانلارغا قانۇن قىلىپ چۇشۇرۇلگەن.شۇڭا قۇرئاننى ئۇقۇڭ. ئۇقۇپلا قالماي ئەمەل قىلىڭ. سىز قۇرئاننى قانچە كۆپ ئۇقۇپ كىتىڭ،كىشىلەرگە  قۇرئاندىن تەبلىق قىلىپ كىتىڭ ئەمەل قىلمىسڭز ھەممىسى بىكار. بۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ يۇك كۈتۈرۋالغان ئىشەككە ئوخشاتقان.
ساھابىلەر قۇرئاندىن بىر قانچە ئايەت ئۇگىنەتتى ۋە شۇنىڭغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ بۇلالمىغىچىلىك باشقا ئايەت ئۇگەنمەيتتى.

مۇسۇلمانلار توغرا يولدا ماڭىمىز دەيدىكەن. جەزمەن رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ماڭساق ئازمايمىز.

يەنە بىرسى مىيىتقا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇسا بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟

مۇسۇلمان مەسچىت ياكى ئۆز ئۈيىدە ئوتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇسا تىلاۋەتتىن پارىغ بولغاندا اللەقا ئۇقۇلغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ مىيىتقا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىسە بۇلىدۇ.
ئەمما قارىلارنىڭ قۇرئان ئۇقۇغىلى مىيىتنىڭ ئۇيىگە يىغىلىشى،ئۇقۇغىنىنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ھەديە قىلىشى ۋە مىيىت ئىگىسىنىڭ قارىيلارغا ئەجىر بىرىشى يامان كۇرىلىدىغان تەرك ئىتىش زۇرۇر ئىش بۇلۇپ بۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار قېچىشقا ۋە يىراقلىشىشقا چاقىرىش ۋاجىب بولغان بىدئەتتۇر. چۇنكى ئۇ ئىشلارنى بۇ ئۇممەتنىڭ بۇرۇنقى ياخشى كىشىلىرى قىلمىغان ھەم دىمىگەن. پۇتۇن ئۇممەتنىڭ دىنى بىر.  (مىنھاجىل مۇسلىم  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 386.بەت)

مانا يۇقارقىلار ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەنىڭ تۇتقان يوللىرىدۇر.

بىز ئۇلۇپ يىتىم ئىشلىرىدا يۇقارقىدەك قىلساق اللە خالىسا ئازمايمىز.

خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەس شەخسەن ئۇزۇمدىكى خاتالىق كۆرسىتىپ قويغايسىلەر. توغرا بولغان بولسا بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان پەزلى مەرھىمىتى............

اللە ھەممىمزىنى رەسۇلۇللەنىڭ سۇننىتى بۇيىچە ماڭىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلۋەتسۇن

كۆكئاي 2010-12-11 16:11
ئۈلۈكلېرىڭلارغا ياسىن ئۇقۇڭلار(ئىمام ئەھمەد)
بۇ ھەدىس چۇ يالغانما،پۇتۇن ئالىملار تەرپىدىن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان ئىمام ئەھمەد يالغاننى چاپلىدىمۇ يا پەيغەمبىرىمىزگە

ھەمزە 2010-12-11 16:20
ئىشلىتىش
引用第1楼gokay于2010-12-11 16:11发表的 :
ئۈلۈكلېرىڭلارغا ياسىن ئۇقۇڭلار(ئىمام ئەھمەد)
بۇ ھەدىس چۇ يالغانما،پۇتۇن ئالىملار تەرپىدىن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان ئىمام ئەھمەد يالغاننى چاپلىدىمۇ يا پەيغەمبىرىمىزگە

ئۈزلىرىنى بېسۋالسىلا گوكەي ھەزرەت. كىم ئۇنى يالغان دەپتۇ. ئاجىز بىلەن يالغان ئىككىسى بىر گەپ ئەمەستۇ؟
بۇ ھەدىسنى 80يىل ھەدىس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانى زەئىف دىگەن. زەئىپ ھەدىسلەردىن ھۈكۈم ئېلىنمايدۇ.
بۇنى بىلىدىغانلا گوكەي ئەپەندىم. ئۆزلىرى ئۇسۇلۇلھەدىس ئۇقۇمىغان ئوخشايلا شۇنداقمۇ؟؟؟

sawapkar 2010-12-11 16:21
ھەمزە قېرىندىشىم قارىغاندا سىز ئاتا -ئانىڭىز ياۆى قېرىنداشلىرىڭىز  ئۇلۇپ كەتتى ،بىزنىڭ ئامالەىمىز يوق نىمە بولسا قىيامەتتە كۇرۇشەيلى دەپ غېمىڭىزدا يوق يۇرىيدىغان ئوخشىمماسىز دىققەت قىلىڭ پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىزگە ئاپىرىپ كۇمۇپ قۇيۇپلا ،كىيىنچە قەبرىڭىزنى بىلمەس بۇلۇپ كەتمىسۇن ،ئايەتنى ياخشى چۇشەندۇرسىز ھە ،  سىز شۇنچە دەلىل كىتاپلار بىلەن يېزىلغان ھەدىسمنى ئىنكار قىلىپسىز . بۇنىڭدىن مۇ ئارتۇيق تۇزكورلۇق بارمىدۇ .

كۆكئاي 2010-12-11 16:33
ئەلبانىنىڭ ھەدىس تەتقىق قىلىش مىتودى باشقا ھەدىسشۇناسلارنىڭكىگە ئۇخشىمايدۇ.ئەگەر سىز  باشقا ئۈلۈمالېرىنىڭمۇ بۇ ھەدىسنى ئاجىز دىگەنلىكىنى دەلىل كەلتۈرسىڭىز بۇ باشقا چۇنكى جامائەت ئازغۇنلۇقتا بىرلەشمەيدۇ.  ئۇسۇلھەدىس ئۇقۇغانكەنسىز بۇلارنى بىلىسىز ھەقاچان

arkaturuk 2010-12-11 16:35
  تىرىكلىكىدە ئوقۇمىغان شۇ قۇراننى قەبىرىستانغا بىرىپ ، شۇ ئۆلۈكلەرگە ئوقۇپ بەرسە شۇلار ئاڭلامۇ ،

بۇنى مەن دەۋالمىدىم ، ئۇرۇمچىدىكى ئاق مەسچىتتە مۇ شۇ توغۇرىسىدا تەبلىغ  ئاڭلىغانتىم ،  ئاللا خالىسا شۇ تەبلىغنىمۇ يوللاپ قويىمەن

ئاللا قۇراننى ئۆلۇكلەرگە ئەمەس ، بەلكى تىرىكلەرگە ياراتقان ، تىرىكلەرنى بۇ مۇقەددەس قۇراننى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشقا بۇيرىغان

ئىزىپ كەتكەن يەرلىرىم بولسا ئۇلۇغ ئاللا كەچۈرگەي  

مەن قىرىندىشىم ھەمزىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن  ،  

كۆكئاي 2010-12-11 16:42
سىزگە ئۇتكەندىلا مىسىر پەتۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتۋاسىنى ئەۋەتىپ بەرسەممۇ ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇردىڭىز.  ھەتتا بۇ ئىشنى بىدئەت دەپ سۈپەتلىدىڭىز بۇ گىپىڭىز بىلەن ئىمام شاپى،ئىمام ئەھمەد دەك داڭلىق ئۈلۈمالېرىمىنى بىدئەتچىگە چىقاردىڭىز تەۋبە ئىنساپ قىلىڭ  بىلىمىڭىزنىڭ،تەقۋادارلىقىڭىزنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۇنلىكىگە قەتئى ئىشەنمەيمەن ھەمدە ھەدىس ئىلمىنى ئۇلاردەك ياخشى بىلدىغانلىقىڭىزغىمۇ شۇ. سىز يۇرتىمىزدا پىتنە تېرىپ نىمە پايدا ئالماقچى ،سىز نىمىشقا ھەممە ئىشقا پەتۋا بېرىشكە ئالدىرايسىز ،مەنچە سىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئايرىم بىز مەزھەپ شەكىللەندۈرمەكچى شۇنداقمۇ

كۆكئاي 2010-12-11 16:45
ئىشلىتىش
引用第5楼arkaturuk于2010-12-11 16:35发表的 :
  تىرىكلىكىدە ئوقۇمىغان شۇ قۇراننى قەبىرىستانغا بىرىپ ، شۇ ئۆلۈكلەرگە ئوقۇپ بەرسە شۇلار ئاڭلامۇ ،

بۇنى مەن دەۋالمىدىم ، ئۇرۇمچىدىكى ئاق مەسچىتتە مۇ شۇ توغۇرىسىدا تەبلىغ  ئاڭلىغانتىم ،  ئاللا خالىسا شۇ تەبلىغنىمۇ يوللاپ قويىمەن

ئاللا قۇراننى ئۆلۇكلەرگە ئەمەس ، بەلكى تىرىكلەرگە ياراتقان ، تىرىكلەرنى بۇ مۇقەددەس قۇراننى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشقا بۇيرىغان
.......

ئەپەندىم بىز بۇيەردە قۇرئاننى كىمگە يارتىلغانلىقىنى تەھلىل قىلمىدۇق قۇرئاننى نەدە ئۇقۇشنى دىيىشۋاتىمىز.  تىرىكلىكىدە ئۇقۇمغانلىقىنى سىزگە كىم خەېەر قىلدى

sawapkar 2010-12-11 16:46

بولدى ئاۋارە بولماڭلا ۋاھھابخان  ئاق مەسچىت خاتىپىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ،ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىىنى مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ . ئۇئادەمنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىغۇچە ، بېرىپ دىباغا كىرسەڭلار ياخشىراقمىكىن دەيمە. يالغاننى سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ ئۇ ئادەم . سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەڭلار ۋاھھابخان .

كۆكئاي 2010-12-11 16:52
ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى جۇڭگو ئىلام جەمىيتىگە رەئىس بۇلىمەن دەپ ئالدىراشمىكىن دەيمەن

fatih204 2010-12-11 16:55
غەيۋەت كىشىنىڭ گوشىنى يىيىش بىلەن ئوخشاشتۇر    

sawapkar 2010-12-11 17:04
توغرا دەيسىز ،قېرىنداشلىرىم تولا گۇشامنى يەپ ھۆ بولمىدىدىمۇ  قانداق ، تولا غەيۋىتىمنى قىلىدۇ .  

ھەمزە 2010-12-11 17:10
ئىشلىتىش
引用第3楼sawapkar于2010-12-11 16:21发表的 :
ھەمزە قېرىندىشىم قارىغاندا سىز ئاتا -ئانىڭىز ياۆى قېرىنداشلىرىڭىز  ئۇلۇپ كەتتى ،بىزنىڭ ئامالەىمىز يوق نىمە بولسا قىيامەتتە كۇرۇشەيلى دەپ غېمىڭىزدا يوق يۇرىيدىغان ئوخشىمماسىز دىققەت قىلىڭ پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىزگە ئاپىرىپ كۇمۇپ قۇيۇپلا ،كىيىنچە قەبرىڭىزنى بىلمەس بۇلۇپ كەتمىسۇن ،ئايەتنى ياخشى چۇشەندۇرسىز ھە ،  سىز شۇنچە دەلىل كىتاپلار بىلەن يېزىلغان ھەدىسمنى ئىنكار قىلىپسىز . بۇنىڭدىن مۇ ئارتۇيق تۇزكورلۇق بارمىدۇ .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
سەھىھ ھەدىسلەردە ئۇلۇككە پەقەتلا مۇنۇ ئۇچ ئەمەلنىڭلا پايدىسى يىتىدىغانلىقىنى زىكىر قىلغان.
بۇلار. مەنپەئەتلىك ئىلىم، سالىھ توغرا يولدا ماڭىدىغان ئاتا-ئانىسىغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ بالا تەربىيلەش. سەدقە جارىيە.
مانا مۇشۇلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر ئەمەلنىڭ ئۈلۈككە پايدىسى بولمايدۇ.

ھەمزە قېرىندىشىم قارىغاندا سىز ئاتا -ئانىڭىز ياۆى قېرىنداشلىرىڭىز  ئۇلۇپ كەتتى ،بىزنىڭ ئامالەىمىز يوق نىمە بولسا قىيامەتتە كۇرۇشەيلى دەپ غېمىڭىزدا يوق يۇرىيدىغان ئوخشىمماسىز
ئەگەر ئاتا-ئانام ئۇلۇپ كەتسە مەن ئۇلارغا دۇئا قىلىپ تۇرىمەن، مىنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشىم ئۇلارنىڭ مىنى ياخشى سالھ قىلىپ تەربىيلىگەنلىكى. بۇ ھەدىستكى مىيىت ئۈچۈن پايدا يەتكۈزىدىغان 3ئىشنىڭ بىرى.بۇ دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ بالا  قاتارىغا كىرىدۇ. 
مىنىڭ تۇنجى ئۇستازىم دادام. دادامنىڭ ئەقىدىسى مىنىڭكىدەكلا. مىنىڭ بۇنداق ئەقىدىدە مېڭىشىم ئاللاھنىڭ رەھمىتى،دادامنىڭ تەربىيلىشى ھەم قوللاپ قۇۋەتلىشى. مانا بۇ مىيىت ئۈچۈن پايدىسى يىتىدىغان ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بۇ  مەنپەئەتلىك ئىلىم قاتارىغا كىرىدۇ.

،كىيىنچە قەبرىڭىزنى بىلمەس بۇلۇپ كەتمىسۇن
مىنىڭ قەبرەمنىڭ قەيەردە بۇلىشى باشقىلارنىڭ بىلمەس بۇلۇپ كىتىشى ماڭا قىلچە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەن پەقەت توغرا يولدا مېڭىپ ئۈلۈپ كەتسەملا شۇنىڭغا خوش.

سىز شۇنچە دەلىل كىتاپلار بىلەن يېزىلغان ھەدىسمنى ئىنكار قىلىپسىز . بۇنىڭدىن مۇ ئارتۇيق تۇزكورلۇق بارمىدۇ

مەن كەلتۇرگەن ھەدىسلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلمدىم ئاللاھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشتىن خاتا چۇشىنىۋېلىشتىن ساقلىسۇن. سىزنىڭ بىر تال تىمىڭىزغا رەددىيە بەرگەنگە مەن تۇزكور بۇپ كىتەرمەنمۇ؟ مەن پەقەتلا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تۈزكور بولمىساملا باشقا كىشىلەرگە تۈزكور بولسام پەرۋايىم پەلەك. جەننەت دۇزاخ ئاللاھنىڭ قۇلىدا.
سىزگە ھازىرچە دىمەكچى بولغانلىرىم مۇشۇ.

arkaturuk 2010-12-11 17:10
ئىشلىتىش
引用第7楼gokay于2010-12-11 16:45发表的 :

ئەپەندىم بىز بۇيەردە قۇرئاننى كىمگە يارتىلغانلىقىنى تەھلىل قىلمىدۇق قۇرئاننى نەدە ئۇقۇشنى دىيىشۋاتىمىز.  تىرىكلىكىدە ئۇقۇمغانلىقىنى سىزگە كىم خەېەر قىلدى

مىنڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭلار  سوپۇم  ،  مىنىڭ مۇ پىكىر قىلىش ھوقوقۇم بار  ، كىيىن سوپىلار دىن قورقۇپ  كىرگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ  كەڭسايغا 

ئىسپاتلىرى بولسا ھەدىس كۆرسەتسىلە  ھامزە قىرىندىشىمغا ئوخشاش 

ھەمزە 2010-12-11 17:12
ئىشلىتىش
引用第4楼gokay于2010-12-11 16:33发表的 :
ئەلبانىنىڭ ھەدىس تەتقىق قىلىش مىتودى باشقا ھەدىسشۇناسلارنىڭكىگە ئۇخشىمايدۇ.ئەگەر سىز  باشقا ئۈلۈمالېرىنىڭمۇ بۇ ھەدىسنى ئاجىز دىگەنلىكىنى دەلىل كەلتۈرسىڭىز بۇ باشقا چۇنكى جامائەت ئازغۇنلۇقتا بىرلەشمەيدۇ.  ئۇسۇلھەدىس ئۇقۇغانكەنسىز بۇلارنى بىلىسىز ھەقاچان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
سىزنىڭچە ئالبانىينىڭ زەئىپ دىگەن سۈزى يالغانكەندە....  ياكى ئالبانىينىمۇ ئىبنى تەيمىييەنى يامان كۆرگەندەك يامان كۇرەمسىلە؟

fatih204 2010-12-11 17:17
مەن توغرا دىگەن بولسام ساۋاپكار  ،،  سىز ياخشىسى ئاق مەسچىت ئىمامىنىڭ يالغان سوزلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوزلىرىڭىزنى تەھرىرلىۋىتىڭ ،،  ناۋادا سوزىڭىز يالغان بولسا توھمەتچى بولىسىز ،، راست بولغاندا غەيۋەتچى بولىسىز  ،، ھەر ئىككىلىسىدە سىزگە پايدا يوق ،،،  سوزۇم توغرىمۇ ؟  بۇ يەردە ھەقنى يەتكۇزۇپ ياخشى ئىشلارغا سەۋەپكار بولاي دەيدىكەنسىز  ،، ئاۋال ئەمەل قىلىشنى ئوزىڭىزدىن باشلاڭ ،، سىزنى ياخشى دىسۇن يامان دىسۇن بۇ توردىكىلەر دىدى ، ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى دىگىنى يوق ،، ھەم ياخشى ئىشلارغا سەۋەپ بۇلۇشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ ئولچىمى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلىنىڭ سۇننىتى بولىشى كىرەك ،، ئۇ غەيۋەت قىلىش يامان دىسە لەببەي دەپ  قىلماي تۇرالىشى كىرەك ،،ھەر قانچە باشقىلار غەيۋىتىڭىزنى قلغان تەقدىردىمۇ ،  سوزىمنىڭ قورئان ھەدىسكە چۇشمىگىنى بولسا يەتكۇزۇپ قويارسىز ، چۇشكەن بولسا تۇزۇتۇپ ئالارسىز

arkaay 2010-12-11 17:20
ماۋۇ  سوپىلار  مۇنبەردە  قالايمىقانچىلىق  تۇغدۇرۇپ نىمە  مەخسەتكە ئىرىشمەكچىدۇ

كۆكئاي 2010-12-11 17:24
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

مەن يالغان دىمىدىم .پەقەت ئازغۇنلۇقتا بىر لەشمەيدىغان جامائەت بىلەن بىللە بۇلايلى دىدىم.سىز مىليونلارچە ئىنسانلارنى بىدئەتچىگە چىقارغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋال  شۇڭا ئىجماغا كەلگەن مەسلە بولسا يوللاڭ بولمىسا بۇنداق ئىختىلاپى مەسىللەرنى يوللىماڭ

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارسىغا بولگۈنچىلىك سىلىش ھارام بىر ئىش. دىندا ئىھتىياتچان بۇلۇڭ بولمىسا ئاخىرەتتە خىجىل بۇلۇپ قالىسىز

sawapkar 2010-12-11 17:25
ئىشلىتىش
引用第15楼fatih204于2010-12-11 17:17发表的 :
مەن توغرا دىگەن بولسام ساۋاپكار  ،،  سىز ياخشىسى ئاق مەسچىت ئىمامىنىڭ يالغان سوزلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوزلىرىڭىزنى تەھرىرلىۋىتىڭ ،،  ناۋادا سوزىڭىز يالغان بولسا توھمەتچى بولىسىز ،، راست بولغاندا غەيۋەتچى بولىسىز  ،، ھەر ئىككىلىسىدە سىزگە پايدا يوق ،،،  سوزۇم توغرىمۇ ؟  بۇ يەردە ھەقنى يەتكۇزۇپ ياخشى ئىشلارغا سەۋەپكار بولاي دەيدىكەنسىز  ،، ئاۋال ئەمەل قىلىشنى ئوزىڭىزدىن باشلاڭ ،، سىزنى ياخشى دىسۇن يامان دىسۇن بۇ توردىكىلەر دىدى ، ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى دىگىنى يوق ،، ھەم ياخشى ئىشلارغا سەۋەپ بۇلۇشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ ئولچىمى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلىنىڭ سۇننىتى بولىشى كىرەك ،، ئۇ غەيۋەت قىلىش يامان دىسە لەببەي دەپ  قىلماي تۇرالىشى كىرەك ،،ھەر قانچە باشقىلار غەيۋىتىڭىزنى قلغان تەقدىردىمۇ ،  سوزىمنىڭ قورئان ھەدىسكە چۇشمىگىنى بولسا يەتكۇزۇپ قويارسىز ، چۇشكەن بولسا تۇزۇتۇپ ئالارسىز

راس دەيسىز ،مۇشۇنداق ئەقىدىدە تۇرالىسىڭىز ،ئازمايسىز .

كۆكئاي 2010-12-11 17:26
ئۆزىڭىزگە ئىشەنگىدەك بىلىمىڭىز بولمىسا ساقالغا ياماشماي ئىنكاسلارنى تەھلىل قىپ ئولتۇرۇڭ.  مەن بىرىنچى قەۋەتتە ھەدىسنى يوللىغان

ھەمزە 2010-12-11 17:26
ئىشلىتىش
引用第6楼gokay于2010-12-11 16:42发表的 :
سىزگە ئۇتكەندىلا مىسىر پەتۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتۋاسىنى ئەۋەتىپ بەرسەممۇ ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇردىڭىز.  ھەتتا بۇ ئىشنى بىدئەت دەپ سۈپەتلىدىڭىز بۇ گىپىڭىز بىلەن ئىمام شاپى،ئىمام ئەھمەد دەك داڭلىق ئۈلۈمالېرىمىنى بىدئەتچىگە چىقاردىڭىز تەۋبە ئىنساپ قىلىڭ  بىلىمىڭىزنىڭ،تەقۋادارلىقىڭىزنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۇنلىكىگە قەتئى ئىشەنمەيمەن ھەمدە ھەدىس ئىلمىنى ئۇلاردەك ياخشى بىلدىغانلىقىڭىزغىمۇ شۇ. سىز يۇرتىمىزدا پىتنە تېرىپ نىمە پايدا ئالماقچى ،سىز نىمىشقا ھەممە ئىشقا پەتۋا بېرىشكە ئالدىرايسىز ،مەنچە سىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئايرىم بىز مەزھەپ شەكىللەندۈرمەكچى شۇنداقمۇ

سىز ئەۋەتكەن مىسىر پەتىۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن پاتىۋاسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭدىمۇ دەلىل كەلتۈرگىنى زەئىپ ھەدىس.
سىز ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىڭ. بۇ يەردە ھېچكىم ئىمام ئەھمەد،ئىمام شاپىيلارنى بىدئەتچى دەپ كىم دەپتۇ. مەن دەيمەنكى 4مەزھەپ پىشۋالىرى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى، ئۇلار شەرىئەت مەسىلىرىدە بەكمۇ ئىھتىياتچان ئىدى. بۇلۇپمۇ ھەدىسلارغا ئالاھىدە ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللا دىن كىشىلەر : سىنىڭ سۈزۈڭ ھەدىسقا زىت كەپ قالسا قانداق قىلىمىز دىگەندە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتتىرۋېتىڭلار دىدى.
كىشىلەر : ساھابىلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
-يەنىلا مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتتىرۋېتىڭلار.
-تابىئىنلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
- ئۇلار ئەركەك بولسا مەنمۇ ئەركەك. مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سۈزى.
ئىمام شاپى مىنىڭ سۈزۈم رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىغا زىت كەلسە مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتىبارغا ئالماڭلار دىگەن.
مانا بۇلار ھەدىسقا ئالاھىدە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن قارغانلىقىنىڭ دەلىلى.
4مەزھەپ پىشۋالىرىمۇ ئىنسان.ئۇلارمۇ خاتالىشىدۇ. خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئات گۈشىنى ھارام دەپ ئۇلۇپ كىتىشتىن 3كۇن بۇرۇن ھالال دىگىنىگە ئوخشاش. بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
مىنىڭ تەۋبە قىلىشىمنى ئەسكەرتىپسىز. مەن ئاللاھ خالىسا ئاللاھنىڭ ماڭا ئىرادە قىلىغىنىچە كۇنلىكى تەۋبە قىلىپ تۇرىمەن. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.
سىز مىنى پىتنە تېرىپ ئۆز ئالدىغا بىر مەزھەپ تىكلىمەكچى دەپسىز. ئاللاھ ساقلىسۇن. بۇ پەقەتلا ئازغۇنلارنىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان ئازغۇن گەپ. مەن پىتنە تېرىماقچى ۋە مەزھەپ تىكلىمەكچى ئەمەس. مىنىڭ يۇلۇم ئاللىقاچان راۋان بۇلۇپ بولغان يەنى قۇرئان ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللە مىنىڭ يۇلۇم. مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ھەدىس بۇيىچىلا مېڭىپ بۇ دۇنيادىن ئۇتۇش. پىر، غۇجىلارنىڭ يۇلىدا ئەمەس.
ئاللاھتىن بارلىق دىن داۋاسى قىلىدىغان كىشىلەرنى توغرا يولدا مىڭىشىنى نىسىپ قىلسۇن.

كۆكئاي 2010-12-11 17:28
قالايماقانچىلىقنى كىم تۇغتۇرغىننىمۇ ئاجىرتالمىغان ئۇخشايسىز .  پىكىر تەلەپلېرىڭىز بولسا دەڭ بۇمىسا ئۇنداق تۆھمەت چاپلىماڭ. بۇ دىگەن ئادەمنى مۇناپىقلىققا باشلايدىغان خەتەرلىك ئەھۋال

arkaturuk 2010-12-11 17:29
[quote]引用第8楼sawapkar于2010-12-11 16:46发表的 :

بولدى ئاۋارە بولماڭلا ۋاھھابخان  ئاق مەسچىت خاتىپىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ،ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىىنى مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ . ئۇئادەمنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىغۇچە ، بېرىپ دىباغا كىرسەڭلار ياخشىراقمىكىن دەيمە. يالغاننى سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ ئۇ ئادەم . سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەڭلار ۋاھھابخان .
[/q

ئىسىت سىنىڭ ئادەم بوپ قالغىنىڭ سوپىچاق 

ئاۋارە بولماڭلا ۋاھھابخان  ئاق مەسچىت خاتىپىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ،ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىىنى مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ

مۇشۇ سۆزىڭلا سەن سوپىنىڭ ئۆزىڭنى ،ئاللا بىلەن تەڭ ئورۇندا  قويغانلىقىڭنى  چۇشەندۈرۈپ بىرىدۇ  .

نىمىشقا  دىلىمىز دىكىنى ، ئەقىدىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ، بىزلەرنى ياراتقان تەڭداشسىز ئاللا بىلىدۇ دىيەلمەي سەن

سەن غەييىپ نى بىلمەيسەن ،بىر ئاللا بىلىدۇ ، سەن باشقىلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيسەن ، قۇدىرەتلىك ئاللا بىلىدۇ

باشقىلارغا يالغاننى چاپلىغانلارنى نىم دەيمىز ئۆزۈڭ بىلۋال    

سەن شەيتانلارغا  ئۆخشاش  باشقىلارغا ئىسىم قويما ، ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ   ، ئىسمىم ئالىمجان    مۇشۇ بويىچە چاقىرساڭ بولىدۇ تىلىڭ

كەلمىسە  ئسمىمنى چاقىرمىساڭمۇ خاپا بولمايمەن 

يەنە بىر گەپ مىنى دىبا غا  چىللىما  سوپىچاق  ، مەن ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرتى ئەمەس  دىبادا  ئوينايدىغان

      ئۇغىلى بولماس سوپىنى

تىللىغىلى بولماس سوپىنى
   
         مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرغان

      خۇدا ئۇرسۇن سوپىنى

ھەمزە 2010-12-11 17:30
ئىشلىتىش
引用第8楼sawapkar于2010-12-11 16:46发表的 :

بولدى ئاۋارە بولماڭلا ۋاھھابخان  ئاق مەسچىت خاتىپىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ،ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىىنى مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ . ئۇئادەمنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىغۇچە ، بېرىپ دىباغا كىرسەڭلار ياخشىراقمىكىن دەيمە. يالغاننى سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ ئۇ ئادەم . سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەڭلار ۋاھھابخان .

ئاللاھ ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇپ كىتىشىدىن ساقلىسۇن.
مەسچىتكە كىرىپ تەبلىق ئاڭلىغۇچە دىباغا كىرسەڭلار ياخشىمىك دەيمەن . ماۋۇ مۇسۇلماننىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس. مەسچىتكە كىرىشتىن تۇسايدىغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس. سىز بۇ سۈزىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىڭ ھازىرلا.....

sawapkar 2010-12-11 17:30
ئىشلىتىش
引用第16楼arkaay于2010-12-11 17:20发表的 :
ماۋۇ  سوپىلار  مۇنبەردە  قالايمىقانچىلىق  تۇغدۇرۇپ نىمە  مەخسەتكە ئىرىشمەكچىدۇ

 ،مەخسىتىمىز بۇلگۇنچىلىك سېىش، ئەمدى قانائەتلەنگەنسىز ......سىز بىلمىگەندىكىن ئۇيىنىڭىزنى ئويناپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ .

كۆكئاي 2010-12-11 17:31
ئىشلىتىش
引用第20楼ھەمزە于2010-12-11 17:26发表的 :

سىز ئەۋەتكەن مىسىر پەتىۋا ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن پاتىۋاسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇنىڭدىمۇ دەلىل كەلتۈرگىنى زەئىپ ھەدىس.
سىز ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىڭ. بۇ يەردە ھېچكىم ئىمام ئەھمەد،ئىمام شاپىيلارنى بىدئەتچى دەپ كىم دەپتۇ. مەن دەيمەنكى 4مەزھەپ پىشۋالىرى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى، ئۇلار شەرىئەت مەسىلىرىدە بەكمۇ ئىھتىياتچان ئىدى. بۇلۇپمۇ ھەدىسلارغا ئالاھىدە ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللا دىن كىشىلەر : سىنىڭ سۈزۈڭ ھەدىسقا زىت كەپ قالسا قانداق قىلىمىز دىگەندە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە: مىنىڭ سۈزۈمنى ئىتتىرۋېتىڭلار دىدى.
كىشىلەر : ساھابىلارنىڭكىگە زىت كەلسىچۇ؟
.......

سىزنىڭ پەتۋايىڭىز بىلەن مەزھەب ئۇلۇمالېرىنىڭ پەتۋالرىنى كۆردىغان بولساق دەل شۇنداق دىگەن گەپ چىقىدۇ.  چۇنكى ئۇ زاتلار بىزنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان سىزگە ئەۋەتكەن پەتۋاخانىدا ئۇلارنىڭ سۆزلېرى دەلىل قىلىنغان.

kalkan786 2010-12-11 17:36
ھەي سەۋەپكار ئاداش سەن قاچانلا بولسا مۇشۇنداق تەتۈرلىك قىلماي سىنىڭمۇ بىر دەليلىڭ بولسا بولسا قويمامسەن قاچان قارىسا-
شۇ ۋاخاپجان دەپ كاسىلدىماي.

arkaay 2010-12-11 17:41
ئللا ھەرگىزمۇ يامان نىيىتىڭلارغا  يەتكۇزمىگەي .

kalkan786 2010-12-11 17:43
gokay  ئەپەندىم سىزمۇ خاپا بولماي بىر، شۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى ئەرەپچە نۇسخىسغا قاراپ بېقىڭ.

arkaturuk 2010-12-11 17:47
مانا يۇقارقى سەئۇدىينىڭ پەتىۋاچىسى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى.
پەيغەمبىرىمىز پەقەتلا مىيىت ئۇچۇن سەدقە قىلىش، ھەج قىلىپ قۇيۇش، قېپقالغان قازا رۇزىسى بولسا ئۇنى تۇلۇقلاپ تۇتۇپ قۇيۇش توغۇرلۇق مەلۇمات بەرگەن. يەنى رۇخسەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەنلەر، يەنى قەبرە بېشىدا قۇرئان ئۇقۇيدىغانلار، ناماز ئۇقۇپ ساۋابىنى ئاتايدىغانلار رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە قىلىنمىغان ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلغان بۇلىدۇ، دە بۇ ئىش بىدئەت بۇلىدۇ.
پەيغەمبىرىمز بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق دىگەن.
ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت ئىشتىن يىراق قىلسۇن!

سۇئال:ئەگەر قۇرئاننى باشتىن ئاخىر ئۆيدە ياكى مەسجىددە ئۇقۇسام، ئاندىن مىيىتقا قۇرئان ئۇقۇغۇنىمنىڭ ساۋابىنى ھەديە قىلسام، ئۇنىڭ ساۋابى يىتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ؟ ۋە سۈرە پاتىھەنى ياكى باشقا قۇرئان ئايەتلىرىنى قەبرە ئۇستىدە ئۇقۇسام توغرىمۇ؟

جاۋاپ: قۇرئان ئۇقۇش ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مىيتقا ئاتاش دۇرۇس ئەمەس. ۋە قەبرە ئۇستىدە قۇرئان ئۇقۇشمۇ ھەم دۇرۇس بولمايدۇ.

ھەمزە 2010-12-11 17:55
قېرىنداشلار مەن بۇ تىمىنى ئۇرۇشۇش جەڭگى جىدەل چىقىرىش ئۇچۇن يوللىمىغان سىلەر ھەقىقى مۇسۇلمانمەن دىسەڭلار ئاغىزىڭلارنى بۇزماي دەلىل ئارقىلىق سۆزلىسەڭلار. بولمىسا شۈك تۇرساڭلار...
ئۇنداق بولماي جىدەل كۆپىيىپ كەتسە تىمامنى ئۈچۈرۈشكە مەجبۇرمەن

fatih204 2010-12-11 18:04
ئىشلىتىش
引用第18楼sawapkar于2010-12-11 17:25发表的 :

راس دەيسىز ،مۇشۇنداق ئەقىدىدە تۇرالىسىڭىز ،ئازمايسىز .

ئاللاھ نەسىب قىلسا چامامنىڭ يىتىشىچە تۇرۇشقا تىرىشىمەن ،،  ئۇنداقتا بىرگە چىڭ تۇرمايمىزمۇ ساۋاپكار ،،  مىنى تەۋسىيە قىلىپسىزيۇ  تىخىچە غەيۋەت ئارلاشقان ئىنكاسنى تەھرىرلىمەپسىز ،،  دىگىنىم خاتامىكىن دىسەم   راس دەيسىز دەپ ئىتىراپ قىلىپسىز ،، بۇ ئىتىراپ قەلىبدىن بولسا تەھرىرلىۋىتىڭ ساۋاپكار ،، بولمىسا خاتانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ باش تارتقان بولىسىزدە ساۋاپكار بولماي گۇناھكار بولىسىز ،،
ئاللاھ ھەمىمىزنى ھەقتە چىڭ تۇرۇشقا نەسىب قىلسۇن ،،،،،،،،

gunahkar 2010-12-11 19:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار  !  شۇنچە كۆپ ھەدىس ، پەتىۋالارنى نەقىل كەلتۈرۈپسىلەيۇ ، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىقىنىڭ پەرىز ياكى ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە  ئېمانىمىزنىڭ دەرىجىسى توشمايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە دە تالاش قىلىپ ئالغان ساۋاپتىن كۆپرەك زىيان تارتىۋاتقانلىقىمىز ئۈستىدە بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قويساڭلارچۇ كاشكى...
مېنىڭغۇ قۇرئان ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرگىدەك ئىلىمىم  يوق ،لېكىن ئېنشائاللا ئىتتىپاقسىزلىقتىن سەسكەنگىدەك ئېمانىم بار . قېرىنداشلىرىم دېققەت قىلمىغان بولسا  دېققەت نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرۇپ قويۇقلار  رەسۇلۇللاھ دىننى سېسىق گەپ بىلەن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئەمەس گۈزەل ئەخلاق بىلەن يەتكۈزگەنغۇ دەيمەن . ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن ! ھەمزە قېرىندىشىم  ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزگە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك قىلسۇن ! تېما ئېنكاسلىرىڭىزدە سىپايىراق بولغايسىز ! ھاياجانلانماڭ! ئەگەر يازمىلىرىڭىزدە ئامال بار ئىختىلابى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغايسىز ،چۈنكى  سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۆقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېغىزىدىكى ئەمەلىدە كۆرسۈتىۋاتقان ياكى چىن قەلبىدىن كۆرسۈتۈشكە تىرىشىۋاتقان كىشىلەر بولىشى ناتايىن ، ئەمدىلەتىن ئىسلام ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى ! ئۇلار قويە بۇ خەقنى كەچكىچە ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قېتىم دۇچ كېلىدىغان  ياكى دۇچ كەلمەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە تالىشىپلا يۈرىدىكەن دەپ قالمىغاي! ئۇلار مەۋھۇم دۇنيادە بولسىمۇ ئىسلام قېرىنداشلىقىنى ھېس قىلىشسۇن! سۆزلۈرۈم ئېغىر كەتكەن بولسا ئاللاھ كەچۈرگەي !
چالا ساۋاتلىقىمغا بەقماي ئاللاھ زىزاسى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇم !ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولغاي !

sawapkar 2010-12-11 19:19
ئىشلىتىش
引用第22楼arkaturuk于2010-12-11 17:29发表的 :
[quote]引用第8楼sawapkar于2010-12-11 16:46发表的 :

بولدى ئاۋارە بولماڭلا ۋاھھابخان  ئاق مەسچىت خاتىپىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ،ئەقىدىسىنىڭ قانداقلىىنى مەنلا ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ . ئۇئادەمنىڭ تەبلىقىنى ئاڭلىغۇچە ، بېرىپ دىباغا كىرسەڭلار ياخشىراقمىكىن دەيمە. يالغاننى سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ ئۇ ئادەم . سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەڭلار ۋاھھابخان .
.......

سەن بىزنى مازاق قىلىپ گەپ قىلساڭ بۇلىدىكەن بىز دەپ قويساق بولمامدىكەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ھەقىقەت تۇرسا. ئەقىدەڭنىڭ قانداقلىقى گەپ سۆزىڭدىنلا مەلۇم ،ئاللاھ ئىنسانلارغا پەم قىلش ،ئويلاش ھۇكۇم قىلىش ئىختىدارىنى بەرگەن ، سەندە ئاشۇنچىلىك ئەقىل بولمىغاندىكىن ۋاھابىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ،ۋاھھاپخان قاتارىغا ئۇتۇپ قالدىڭ . ۋاھھابچان بۇلۇشقا تېخى لايىق ئەمەسكەن سەن . سەنلە كىشىلەرنى ياخشى يولدىن تۇشۇپ زادى نىمىش قىلماقچى ،سەنلە تۇسۇپ كىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاللە قاچان ئۇلىمالار ،ۋە خەلىق ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كەتكەنل؛ىكىنى ھېس قىلىشمىدىڭما ،بۇ گەپلىرىڭنى پەقەت مۇنبەردىلا ،ئىككى ئۇچ ئادەم بار يەردىلا دىيىشەلەيسەن . سىلەر نىمىدگەن بىچارە.

kudirat 2010-12-11 19:23
قېرىنداشلار تۇغرا يول ىزدەنگۇچىلەرگە، تۇغرا يولغا دەۋەت قىلغوچى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللانىڭ رەخمىتى بولسۇن،ھەممىمىز ئاللانىڭ رازىلىقى ئۇچۇن ئوخشاش بولمىغان كوز قاراش بولسا بىر بىرسىمىزگە رەقىپلەردەك ئاھانەت قىلىشماي قېرىنداشلاچە بىر بىرسىمىزگە ئەينەك بۇلۇشساق، مانا بۇ ھەقىقى ىسلام قېرىنداشلىقى ئەمەسمۇ

taklemakan 2010-12-11 19:29
مەن ھەمزە قىرىندىشىمنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

sawapkar 2010-12-11 19:31
ئىشلىتىش
引用第23楼ھەمزە于2010-12-11 17:30发表的 :

ئاللاھ ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇپ كىتىشىدىن ساقلىسۇن.
مەسچىتكە كىرىپ تەبلىق ئاڭلىغۇچە دىباغا كىرسەڭلار ياخشىمىك دەيمەن . ماۋۇ مۇسۇلماننىڭ ئاغىزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس. مەسچىتكە كىرىشتىن تۇسايدىغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس. سىز بۇ سۈزىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىڭ ھازىرلا.....

تاكتىكىڭىز يامان ئەمەسكەن ھە ،مەن ئاق مەسچىتكە دىدىم ، مەسچىت كە دىمىدىم نىمىشقا ئاق دىگەن خەتنى قۇشۇپ نەقىل قىلمايسىز ، ئاق مەسچىتنىڭ خاتىپى دىمىسىمۇ كىشىلەرنى قايمىختۇرۇپ ، يېگى چىققان كىتاپلارنى ھەدەپ كۇچەپ سۆزلەپ  بۇرۇنقى مۇختىدا ئۇلۇمالىرىمىزنىڭ كىتاپلىرىنى يوققا چىقىرىپ ،ئۇلار مۇللا بولسا مەنمۇ موللا دەپ ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىپ ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇردىغانلىقى يالغانما ،قانچىلىك كىشى قوللايدۇغاندۇ ئاشۇنى ، ئۇمۇ دەل سىلىگە ئوخشاش پەتىۋانى ئۆز ئالدىغا چىقىرىدىغانلاردىن تېخى ئاچچىقلاپ سۆزلەپ كىتىشلىرى ئادەمنىڭ كۇلكىسىنى كەلتۇرىدۇ .

ramzan15 2010-12-11 19:43
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار  !  شۇنچە كۆپ ھەدىس ، پەتىۋالارنى نەقىل كەلتۈرۈپسىلەيۇ ، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىقىنىڭ پەرىز ياكى ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە  ئېمانىمىزنىڭ دەرىجىسى توشمايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە دە تالاش قىلىپ ئالغان ساۋاپتىن كۆپرەك زىيان تارتىۋاتقانلىقىمىز ئۈستىدە بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ قويساڭلارچۇ كاشكى...
مېنىڭغۇ قۇرئان ھەدىستىن دەلىل كەلتۈرگىدەك ئىلىمىم  يوق ،لېكىن ئېنشائاللا ئىتتىپاقسىزلىقتىن سەسكەنگىدەك ئېمانىم بار . قېرىنداشلىرىم دېققەت قىلمىغان بولسا  دېققەت نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرۇپ قويۇقلار  رەسۇلۇللاھ دىننى سېسىق گەپ بىلەن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئەمەس گۈزەل ئەخلاق بىلەن يەتكۈزگەنغۇ دەيمەن . ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن ! ھەمزە قېرىندىشىم  ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزگە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك قىلسۇن ! تېما ئېنكاسلىرىڭىزدە سىپايىراق بولغايسىز ! ھاياجانلانماڭ! ئەگەر يازمىلىرىڭىزدە ئامال بار ئىختىلابى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغايسىز ،چۈنكى  سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئۆقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېغىزىدىكى ئەمەلىدە كۆرسۈتىۋاتقان ياكى چىن قەلبىدىن كۆرسۈتۈشكە تىرىشىۋاتقان كىشىلەر بولىشى ناتايىن ، ئەمدىلەتىن ئىسلام ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى ! ئۇلار قويە بۇ خەقنى كەچكىچە ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قېتىم دۇچ كېلىدىغان  ياكى دۇچ كەلمەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە تالىشىپلا يۈرىدىكەن دەپ قالمىغاي! ئۇلار مەۋھۇم دۇنيادە بولسىمۇ ئىسلام قېرىنداشلىقىنى ھېس قىلىشسۇن! سۆزلۈرۈم ئېغىر كەتكەن بولسا ئاللاھ كەچۈرگەي !
چالا ساۋاتلىقىمغا بەقماي ئاللاھ زىزاسى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇم !ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولغاي  
  توغرا دەيسىز   اللە   رەھمەت  قىلسۇن

taklemakan 2010-12-11 19:44
ھەي ئاپپاق خۇجىنىڭ سۇپىلىرى!!! خۇجاڭ قانداق ئۈلۈمدە ئۈلگەن بولسا ئاللا سىلەرنىمۇ شۇنداق ئۈلۈم بىلەن يۇقاتقاي ئامىن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

pigan 2010-12-11 20:00
اللە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن{بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم.
بۇنىڭدا شەكيۆق
قايسىڭلارمىنىڭ ئىلمىم پۇتۇنبولدى ھەممىنى بىلىمەن ماڭا ھىچكىمنىڭ ئۇگۇتىشىنىڭ ھاجىتى يوق
دىيەلەيسىلەر بىلگىنىمىزدىن ئۇگۇنۇدىغىنىمىز تىخى جىق
ھەرقانداق پىكىربولسا قۇرئان كەرىم ھەدىستىن ئىسپات ئىلىپ ئاندىن سۇزلەڭلار
پىكىرئالماشتۇرۇپ بىلىم ئىگەللىسەك ھەممىمىزگەياخشى
يەنەبىرگەپ پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھېۋەسەللەم  پالانى سۇزۇم زەئىپ پوكونى سوزۇم سەھىدەپ
سوزلىگەن ھەدىسنى مەنتىخى ئاڭلاپباقمىدىم  
بىرھەدىسنى  زەئىپدەپ ھوكوم قىلىش ئۈچۈن ئازبولغاندا4-5مۇجتەھىت ئالىم بىرلىكتە ئىژماقىلىپ
يالغان ھەدىس دەيدىسە ئىسپات تاپالمىغان سەىھى دەيدىسە راۋىسى سەل ئاجىز ئاندىن ئاللا كەچۇرە  دىگەن ئاساستا
ئاندىن ماۋۇزەئىپ دەپ بىكىتىدۇ
بۇنىڭلىق بىلەن زەئىپ دەپ ئىتىرىپ چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ  ئىلىم غا تەكەببۇرلۇق قىلىش ياخشى ئەمەس
ئەينى چاغدا ئىبلىس شۇنداق قىلىپ ئاللانىڭ لەنىتىگە قالغانكەن
قۇرئان ھەدىس تىن دەللىل سۇزلىمەي بىربىرى مىزنى سۇكۇپ قالايمىقان تىل تەككۇزۇش نى نىمىنىڭ سوھپىىتىگە ئوخشات ساق بولائەمدى قىرىن داشلىرىم  

arkaturuk 2010-12-11 20:38
ئىشلىتىش
引用第33楼sawapkar于2010-12-11 19:19发表的 :

سەن بىزنى مازاق قىلىپ گەپ قىلساڭ بۇلىدىكەن بىز دەپ قويساق بولمامدىكەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ھەقىقەت تۇرسا. ئەقىدەڭنىڭ قانداقلىقى گەپ سۆزىڭدىنلا مەلۇم ،ئاللاھ ئىنسانلارغا پەم قىلش ،ئويلاش ھۇكۇم قىلىش ئىختىدارىنى بەرگەن ، سەندە ئاشۇنچىلىك ئەقىل بولمىغاندىكىن ۋاھابىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ،ۋاھھاپخان قاتارىغا ئۇتۇپ قالدىڭ . ۋاھھابچان بۇلۇشقا تېخى لايىق ئەمەسكەن سەن . سەنلە كىشىلەرنى ياخشى يولدىن تۇشۇپ زادى نىمىش قىلماقچى ،سەنلە تۇسۇپ كىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاللە قاچان ئۇلىمالار ،ۋە خەلىق ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كەتكەنل؛ىكىنى ھېس قىلىشمىدىڭما ،بۇ گەپلىرىڭنى پەقەت مۇنبەردىلا ،ئىككى ئۇچ ئادەم بار يەردىلا دىيىشەلەيسەن . سىلەر نىمىدگەن بىچارە.

ساڭا يەنە بۇ شىرلا كۇپايە  سوپىچاق

      ئۇغىلى بولماس سوپىنى 

   تىللىغىلى بولماس سوپىنى

    مۇسۇلمانلارنى خارلىغان

   خۇدا ئۇرسۇن سوپىنى 

arkaturuk 2010-12-11 20:45

مەخدۇم ئەزەم قەشقەرىيىگە كېلىپ يۇقىرىقىدەك چارە - ئاماللار بىلەن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭغا غەربىي تۈركىستاندىن (ئاساسەن بۇخارا، ماۋرا ئۈننەھرى، سەمەرقەندە، كاسان تەرەپلەردىن) مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن «تەرىقەتچى پەقىرلەر» ياكى «خۇدا يولىدا يۈرگەن ئاشىق» لار ئارقا - ئارقىدىن، تۈركۈم - تۈركۈملەپ مەزگىلسىز، سوراق - سوئالسىز، ئىستەك - ئاتاقسىز، تارقاق، قالايمىقان ئېقىپ كىرىۋېرىپ شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپەت خاراكتېرلىك «دىنىي تەرتىپسىزلىك» ۋە كەلگۈن شەكىللىك «لەنىتى مېھمان»، «لەنىتى مۇرىت» لار ئاپىتى پەيدا قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىل «تەرىقەتچى پەقىرلەر» نىڭ تولىسى - كەسپىي قەلەندەرلەر، تاماگەر ئۇششۇقلار، سەۋدايى بەڭگىلەر، ئالدامچى، تېجىمەل - جېدەلخور، كاززاپ، يەنى ئىشلىمەي چىشلەشكە كەسىپلەنگە ھارام تاماق، تىرىكتاپ زىيانكەش شەخسلەردىن ئىبارەت بولغان.

كۆكئاي 2010-12-11 20:53
ئەپەندىم  سىز  مەقسىتىڭىزنى ئىنىق دەڭ بۇ يەردە خوجام نىڭ ئىشىنى دىيىشمىدۇق بەلكى قەبرە بىشىدا قۇرئان ئۇقامدۇق ئۇقۇمامدۇق دىگەننى دىيىشۋاتىمىز.  سىز ئايال كىشىدەك ھە دىسە غەيۋەت قىلىپ كۇڭلىڭىزنى ئاچامسىز نىمە ! ئۇنداق ئۈتۈپ كەتمەڭ ئاخىرەتتە ئەڭ پەس ھالەتتە بارىسىز بىكا ئاللاھنىڭ ئالدىغا

arkaturuk 2010-12-11 21:01
ئىشلىتىش
引用第42楼gokay于2010-12-11 20:53发表的 41(arkaturuk)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :

        ئۇرغىلى بولماس سوپىنى

تىللىغىلى بولماس سوپىنى
    
    مۇسۇلمانلارنى خارلىغان
  
    خۇدا  ئۇرسۇن خوجىنى  
  
     تارىخى قوشاق        

sawapkar 2010-12-11 21:03
ئىشلىتىش
引用第41楼arkaturuk于2010-12-11 20:45发表的 :

مەخدۇم ئەزەم قەشقەرىيىگە كېلىپ يۇقىرىقىدەك چارە - ئاماللار بىلەن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭغا غەربىي تۈركىستاندىن (ئاساسەن بۇخارا، ماۋرا ئۈننەھرى، سەمەرقەندە، كاسان تەرەپلەردىن) مەخدۇم ئەزەم مۇرىتلىرى سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن «تەرىقەتچى پەقىرلەر» ياكى «خۇدا يولىدا يۈرگەن ئاشىق» لار ئارقا - ئارقىدىن، تۈركۈم - تۈركۈملەپ مەزگىلسىز، سوراق - سوئالسىز، ئىستەك - ئاتاقسىز، تارقاق، قالايمىقان ئېقىپ كىرىۋېرىپ شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپەت خاراكتېرلىك «دىنىي تەرتىپسىزلىك» ۋە كەلگۈن شەكىللىك «لەنىتى مېھمان»، «لەنىتى مۇرىت» لار ئاپىتى پەيدا قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىل «تەرىقەتچى پەقىرلەر» نىڭ تولىسى - كەسپىي قەلەندەرلەر، تاماگەر ئۇششۇقلار، سەۋدايى بەڭگىلەر، ئالدامچى، تېجىمەل - جېدەلخور، كاززاپ، يەنى ئىشلىمەي چىشلەشكە كەسىپلەنگە ھارام تاماق، تىرىكتاپ زىيانكەش شەخسلەردىن ئىبارەت بولغان.

يەنە بىر ئاز تىللىمامسەن ئادەم تىللاشقا ئۇستىكەن سە ۋاھھابخان ،ئاڭلىسام ساقچى مەكتىپىدە ئادەم تىللاشنى ئالتە ئاي ئۇگۇتىدىكەن بولمىسا سەنمۇ بېرىپ تەربىيلىنىپ كەلمەمسە .قاۋاشلىرىڭ ۋايىغا يەتمىگەن بولسا .ساڭىمۇ  بىر بېيىت سوۋغا قىلاي ،مانا بۇ سىنىڭ سۇپۇتۇڭ ۋاھھابخان .

پىتنىخونىڭ شەھىرى تار،
 شەھىرىدە  قانداق ياشار .
ياشىشى ياشىغان بىلەن ،
سىغىشىپ قانداق ياشار .

پىتنىخونىڭ گۆرى تار ،
گۆرىگە قانداق پاتار .
پېتىشى پاتقان بىلەن ،
سىقىلىپ قانداق ياتار.

arkaturuk 2010-12-11 21:04
ئىشلىتىش
引用第42楼gokay于2010-12-11 20:53发表的 41(arkaturuk)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس :
ئەپەندىم  سىز  مەقسىتىڭىزنى ئىنىق دەڭ بۇ يەردە خوجام نىڭ ئىشىنى دىيىشمىدۇق بەلكى قەبرە بىشىدا قۇرئان ئۇقامدۇق ئۇقۇمامدۇق دىگەننى دىيىشۋاتىمىز.  سىز ئايال كىشىدەك ھە دىسە غەيۋەت قىلىپ كۇڭلىڭىزنى ئاچامسىز نىمە ! ئۇنداق ئۈتۈپ كەتمەڭ ئاخىرەتتە ئەڭ پەس ھالەتتە بارىسىز بىكا ئاللاھنىڭ ئالدىغا

 مىنىڭ ئىشىمغا ئارلاشمىسىلا  سوپۇم  

كۆكئاي 2010-12-11 21:11
سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ئارلاشقۇم يوق لىكىن قېرىنداشلىق يۇزخاتىرسىدىن سىزنى غەيبەتتەك بۇيۈك گۇناھتىن تۇساپ قۇياي دىدىم.ئەگەر مەن كۈڭلۈمنى خوش قىلۋالساملا قالغىنى بىلەن ئىشىم يوق دىسىڭىز مەيلى مەنمۇ مەجبورىيتىمنى ئادا قىلدىم.

arkaturuk 2010-12-11 21:41
ئىشلىتىش
引用第44楼sawapkar于2010-12-11 21:03发表的 :

يەنە بىر ئاز تىللىمامسەن ئادەم تىللاشقا ئۇستىكەن سە ۋاھھابخان ،ئاڭلىسام ساقچى مەكتىپىدە ئادەم تىللاشنى ئالتە ئاي ئۇگۇتىدىكەن بولمىسا سەنمۇ بېرىپ تەربىيلىنىپ كەلمەمسە .قاۋاشلىرىڭ ۋايىغا يەتمىگەن بولسا .ساڭىمۇ  بىر بېيىت سوۋغا قىلاي ،مانا بۇ سىنىڭ سۇپۇتۇڭ ۋاھھابخان .

.......

    ئۇغىلى بولماس سوپىنى

 تىللىغىلى بولماس سوپىنى
  
مۇسۇلمانلارنى خارلىغان

    خۇدا ئۇرسۇن سوپىنى 
  
   ئۇنى مەن توقىلۋالغىنىم يوق سوپۇچاق 

       سەن سوپىلارنى ئاقلىماقچى بولغاندىكىن   ئۇنداق قىلمىغان  دەپ ئىسپات كۆرسىتىپ باقمامسەن   سوپىچاق  

   ئۆزۇڭ بىرنەرسە   يازالمايدىكەنسە  خەخ بىرنەرسە يازسا تىللايدىكىنسەن   ،   تىللاش ئۇچۇنمۇ    ئاقلاش ئۈچۈنمۇ ئىسپات كىرەك 

   مىنىڭ يازغانلىرىمنى ئۆزۈم توقىمىدىم  ،  بۇرۇنقى كىتاپلاردا خاتىرلىنىپ تۇ    سوپىلارنى ئەيىپلەپ   
 
          ئەگەر ئۇلار ياخشى بولسا  باشقىلارمۇ يامان دەپ يازماس بولغىتى ،  ياخشى تەرەپلىرى  بولسا سەنمۇ قاراپ ئولتۇرماي  يازغىن 

قەلەم تەۋېرتىپ قوي  ، قولۇڭ چولاق بولمىغاندىكىن   ،  

     ساۋاتسىز مۇ يە سەن سوپىچاق   ،     

   ھە راس سەن جەسەت داۋان دەپ ئاڭلاپباققان مۇ   ؟  

sawapkar 2010-12-11 22:27
ئىشلىتىش
引用第47楼arkaturuk于2010-12-11 21:41发表的 :

    ئۇغىلى بولماس سوپىنى

 تىللىغىلى بولماس سوپىنى
.......

سەن ئاشۇنچىلىكمۇ يازالامتىڭ، ئۇنى ۋاھابىزىم ئىدىيىسىدىكى چوڭ دادىلىرىڭ يېزىپتىكەن،سەن شۇ قۇيرۇق چۆرىگۇچ خالاس دوراشنى بىلىسەن  بۇنىڭ ھېچ بىر ئىلمى ئاساسى يوق ،سەن تەسەۋۋۇپقا مۇنداق مايماق كۇزۇڭ بىلەن قارىماي ،ئەقلى كۇزۇڭ بىلەن قاراپ گەپ قىل ،بۇلىدۇ ئۇنداقتا سەن تۇرۇكچە <<ئىماندىن ئىھسانغا تەسەۋۋۇپ>>دىگەن كىتاپنى كۇرۇپ باق ،ساڭىغۇ بۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرسۇتۇش لايىق ئەمەستى شۇنداق بولسىمۇ كۆرۇپ باق .
شۇ ناملىق كىتاپتىن پارچە ؛«قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى، قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى، قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، قۇياشنى يۇشۇرغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، نەپسىنى ناچار ئىشلاردىن پاكىزلىغان (ماددى ۋە مەنىۋى كىردىن تازىلىغان) ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدۇ.» (شەمىس سۈرىسى 1-10-ئايەتلەر)
ئاللاھنىڭ قەسەم قىلىشى ئىسمى ئاتىلىپ قەسەم قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ قىممەت ۋە شەرىپىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىدە ئۇ قەسەمدىن كېيىن ئىپادىلەنگەن ئىلاھىي غايە ۋە نىشاننىڭ ئۇلۇغۋارلىقى، يۈكسەكلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ ئايەتلەردىكى قەسەملەردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. بىراق ئازىراق شۇ پەرق بىلەن:
ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە كەينى-كەينىدىن تولۇق يەتتە قېتىم قەسەم قىلىش بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان مەنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلەش ئۈچۈن «(چوقۇم) دېگەن رەۋىشنى قوللانغان ۋە بۇ كۈچلۈك تەكىتلەشتىن كېيىن ئېيتقانكى: «نەپسىنى تازىلاپ پاكلىغان كىشى چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە ئۇنى گۇناھ ۋە پىسقى-فۇجۇر (ئىنساننى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەر)بىلەن كىرلەتكەن كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ...»
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە نەپس تەربىيەسىدىن باشقا ھېچقانداق خۇسۇستا بۇنداق كەينى-كەينىدىن يەتتە قېتىم قەسەم قىلمىغان. بۇ ئەمىلىيەت ئىنساننىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نەپس تەربىيىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
«ئىماندىن ئىھسانغا تەسەۋۋۇپ» ئىسمى بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان بۇ ئەسەر ھەقتائالا دوستلىرىنىڭ بۇ قۇرئان ھەقىقىتىنى سۆز، ھال ۋە ئىش-ھەرىكەت گۈزەللىكلىرى بىلەن ئىزاھلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
تۇرۇكچە مەنبە؛http://www.kitapyurdu.com/kitap/default.asp?id=111556

ئاشۇ كىتاپتىكى بەزى مەزمۇنلار ؛تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن زاھىرى (تاشقى) ۋە باتىنى (ئىچكى) جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن مەزج (ئارىلىشىپ كېتىش، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىش دېگەن مەنىدە) بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر.

تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم.

oguzhan 2010-12-11 23:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم .مەن سىلەگە يا  رەھمەت ئوقۇشىىمنى يا  لەنەت ئوقۇشۇمنى بىلەلمەي قالدىم بىز مىنە ئەمدىگىچە تېخى ھەممىزنىڭ كۆڭلى پەرىشان ئىدى  ساي تېخى تورلامۇ ئېچىلىپ بىر ئاز گەپ قىلغۇدەك شارا ئىت پەيدا بولۇپتى بىردە بىرسىىمىزنى ئازەرلىغىلى تۇردۇق. بىزدە ئىختىلاپتىن باشقا قىلغىلى گەپ يوقما ؟ سىلە نىمىنى ئويلايدىغانسىلە كونىلارنىڭ بىر گىپى بار [ئەچكۇ جان قايغۇسى قاسساپ ياغ قايغۇس] دىگەن سوزى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.  ھەمزى قېرىندىشىم سېھى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ قۇرئاننى قەبرە ئۇستىدە ئوقۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى دەپتۇ بۇ ئەسلى توغرا گەپ بولسىمۇ لىكىن شىرىك ئەمەس بۇ بىر پۇرۇئات مەسىلىسى  80% ئۇلۇمالەر ئوقۇشنى توغرا ئەمەس دىسە  20% ئۇلۇمالەر جائىز دەپ قارايدۇ  بۇ شىرك ئىش بولمىغاندىكىن ھەمزى قېرىندىشىم  شىرىككە ياتمايدىغان ئىختىلاپلىق پۇرۇئات مەسىىلەرنى ئىمكانبا يازمىسىڭىز . دىننى ياخشى بىلمەيدىغان كىشىلەگە بۇ بىر خاتا چۇشەنچە بىرىپ قۆيدۇ. ئاللاھغا شىرىك كەلتۇردىغان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا. مەسىلەن  پىرى تۇتۇش پەرىز دەيدىغان  ئۇلۇغلەرنىڭ ئەرۋاھ لىرىدىن ۋە مازالاردىن ياردەم سورايدىغانغا ئوخشاش شىرىك ئاساسسىز گەپلەرگە بايرقىمىز رۇشەن ھالدا قارشى تۇرساق  ما ئادەتىتىكى  پۇرۇ ئات مەسىللىردە تالاش تارتىش قىلمىساق  بىرلىك ھەممىد بىزگە پەرىز دۇر .. ماۋۇ ئوقۇش دۇرۇس دەيدىغان قىرىنداشلەرمۇ دەرغەزەپ بولۇپ قارشى چىقماي  ئۇزەڭلا ئوقۇۋەساڭلا بولمامدۇ مۇن بەردە تىللاشماي سىلە نىڭ دىگەن گېپىڭلانىڭ بىرسى[  ھەمزە سىز ئۇلەپ قالسىىڭىز  قۇرئانىنمۇ ئوقۇماي ئاپىرىپلام كۇمۇۋاتسا بولامدۇ] دىگەن گىپىڭلا بۇ قانداغ گەپ. بىر ئادەمگە ئاللاھ ئىمان بەرسە ئوتتا ئۇلەمدۇ يىرۇتقۇچ ھايۋاننىڭ قارنىدا ئۇلەمدۇ نەدە ئۆلسا جەننەتكە كىرىۋىردىغۇ   پەيغەمبىرىم شېھت بولغان ساھابىلېرنىمۇ   دەپنە قىلغاننى بايان قىلغان تارىخ باب لەردىمۇ تىلاۋەت قىلغان دىگەن گەپ يۇققۇ  بۇ مەسىلەردە ئىختىلاپ قىلىش مايلى يەنى تەكرار لايمەن قېرىنداشلەرگە پۇرۇئات مەسىلىلەردە تالاش تارتىش قىلىشمايلى مۇسۇلمانلەرنىڭ ئىتتىپاقى ھەممىدىن مۇيىم ...[خاتا چۇشەنچە بولۇپ قالمىسۇن ئىختىلاپ  قىلىشمايلى دىگىنىم شىرىكدىن باشقا مەسىلەردە] ئەمما شىرىككە مەيدانىمىز ئېنىق  خوش ئاللاھ بىزلەرنى ئىختىلاپتىن ساقلىسۇن

查看完整版本: [-- قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا(ھەمزە) --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.071381 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us