ئىشلىتىش
引用第47楼arkaturuk于2010-12-11 21:41发表的 :
ئۇغىلى بولماس سوپىنى
تىللىغىلى بولماس سوپىنى
.......
سەن ئاشۇنچىلىكمۇ يازالامتىڭ، ئۇنى ۋاھابىزىم ئىدىيىسىدىكى چوڭ دادىلىرىڭ يېزىپتىكەن،سەن شۇ قۇيرۇق چۆرىگۇچ خالاس دوراشنى بىلىسەن بۇنىڭ ھېچ بىر ئىلمى ئاساسى يوق ،سەن تەسەۋۋۇپقا مۇنداق مايماق كۇزۇڭ بىلەن قارىماي ،ئەقلى كۇزۇڭ بىلەن قاراپ گەپ قىل ،بۇلىدۇ ئۇنداقتا سەن تۇرۇكچە <<ئىماندىن ئىھسانغا تەسەۋۋۇپ>>دىگەن كىتاپنى كۇرۇپ باق ،ساڭىغۇ بۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرسۇتۇش لايىق ئەمەستى شۇنداق بولسىمۇ كۆرۇپ باق .
شۇ ناملىق كىتاپتىن پارچە ؛«قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى، قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى، قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، قۇياشنى يۇشۇرغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى، روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، نەپسىنى ناچار ئىشلاردىن پاكىزلىغان (ماددى ۋە مەنىۋى كىردىن تازىلىغان) ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدۇ.» (شەمىس سۈرىسى 1-10-ئايەتلەر)
ئاللاھنىڭ قەسەم قىلىشى ئىسمى ئاتىلىپ قەسەم قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ قىممەت ۋە شەرىپىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىدە ئۇ قەسەمدىن كېيىن ئىپادىلەنگەن ئىلاھىي غايە ۋە نىشاننىڭ ئۇلۇغۋارلىقى، يۈكسەكلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ ئايەتلەردىكى قەسەملەردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. بىراق ئازىراق شۇ پەرق بىلەن:
ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە كەينى-كەينىدىن تولۇق يەتتە قېتىم قەسەم قىلىش بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان مەنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلەش ئۈچۈن «(چوقۇم) دېگەن رەۋىشنى قوللانغان ۋە بۇ كۈچلۈك تەكىتلەشتىن كېيىن ئېيتقانكى: «نەپسىنى تازىلاپ پاكلىغان كىشى چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە ئۇنى گۇناھ ۋە پىسقى-فۇجۇر (ئىنساننى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەر)بىلەن كىرلەتكەن كىشى چوقۇم زىيان تارتىدۇ...»
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە نەپس تەربىيەسىدىن باشقا ھېچقانداق خۇسۇستا بۇنداق كەينى-كەينىدىن يەتتە قېتىم قەسەم قىلمىغان. بۇ ئەمىلىيەت ئىنساننىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نەپس تەربىيىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
«ئىماندىن ئىھسانغا تەسەۋۋۇپ» ئىسمى بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان بۇ ئەسەر ھەقتائالا دوستلىرىنىڭ بۇ قۇرئان ھەقىقىتىنى سۆز، ھال ۋە ئىش-ھەرىكەت گۈزەللىكلىرى بىلەن ئىزاھلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
تۇرۇكچە مەنبە؛
http://www.kitapyurdu.com/kitap/default.asp?id=111556ئاشۇ كىتاپتىكى بەزى مەزمۇنلار ؛تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن زاھىرى (تاشقى) ۋە باتىنى (ئىچكى) جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن مەزج (ئارىلىشىپ كېتىش، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىش دېگەن مەنىدە) بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر.
تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم.