باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8212 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1421
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1421دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12939 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-11 08:47

ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-13)

·   كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر قەشقەر كېچىسى،ئىز،، ئۆمۈرمەنزىللىرى، ئويغانغان زېمىن قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە شېئىر ۋە شائىر،تۇرپان تەسىراتلىرى،قەشقەر كېچىسى ،ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،شېرىيەت،مىللەتلەر ئەدەبىياتى،غەربىي دىيار ئەدەبىياتى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ 2- سانىدا قەشقەر كېچىسى ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدىھېلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى نىڭ2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا،1983-يىلى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجېمىھالى دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى.ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە  سوپى ئاللا يار دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان..ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن،دولقۇنلۇق ھايات ، يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا ، تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر، چىن مودەن (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر،داستان، ۋە درامىلارنى شىنجاڭ گېزىتى،يىڭى نۇر قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.

1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەر لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چىن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى يۈرەك مۇڭلىرى تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى.ئازاتلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خىلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغا ن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.پەقەت پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىيى كومىتېتى 3-ئومۇم يىغىندىن كىيىنلا،قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن. ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە ياخشى ، كېرەك بولسا، ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس، بوغدا ئانام،مەن ئاق بايراق ئەمەس،قەشقەر كېچىسى، ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك ،گۈل ۋە ئازغان قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، ئىز، ئويغانغان زېمىن رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2360
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2360دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29136 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31

ھىدايەتنامە  


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر





ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى

تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن،
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەقبۇل ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى.

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە،
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە،
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى،
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە،
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى.

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تېرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن،
يېقىن كەلتۈرمە ئې رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال: قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۈر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل، نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئۇ ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.

مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
مۇنۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پاناھ بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقۇن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە، تەلقىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى

نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر،
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىردۇر،
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۈر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ئۈلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھىچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دېمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر - زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالتنى.

مىسال: پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى.

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى يېتىپ ئاشار ‹‹ سۈرە رەھمان ››،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە ‹‹ ما تۇكەززىبان ››،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نېئمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر،
نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى.

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلار قەسىت بىلەن ھەرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، بىرەر ساكىن ۋەياكى زىر،
چۈشەنمەكلىك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە-كارامەتنى.

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
پۈتۈن ئىنسانغا يول باشچى بولۇپ يېتىشتىغۇ ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
، نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋەھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.


خاتىمە


بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق، قىلىشقا نېمە ھەددىم بار،
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

باھار بولدى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئىلمىلىك ئەلگە،
ئىشەنگەن ھەم چۈشەنگەن ئەمەلدە ئىشلىگەنلەرگە،
قۇلاق سالماي ئۇلۇغ تەڭرىم سۆزىگە ئەمەل قىلماي،
قۇرۇق دەۋادا بولغانلار تويۇنماس بىر قوناق نانگە،
بۈيۈك ئىسلام ئۈگەتكەن بىزگە بىلمەك ھەم تىرىشماقنى.

چاقىرغان ئۈستۈن بولماققا، ئىگىلمەي ئەجنەبى خانگە،
ئۇلۇغ تەڭرىم ئېچىلدۇرساڭ دىلىم باغىدا گۈل-ئەترە،
تېمىتساڭ رەھمېتىڭ دەرياسىدىن قەلبىمگە بىر قەترە،
ئۆچۈرسەڭ چوڭ -كىچىك قىلمىشلىرىم قىلماي مېنى رەسۋا،
قىيامەت دەشتىدە ياپساڭ، گۇناھىم ئەيلىسەڭ سەترە،
ھاياتىم دۇنيادا قۇربانىڭ، گەر ئۆلسەم مەقسىدىم رىزۋان،
رەسۇلىللاھ يولىچۈن ئۆمرۈم بارىنى ئەيلىسەم نەزرە!...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1211
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1211دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14097 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 17:17

ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرى ئۇ.......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 40 %
مۇنبەر پۇلى: 440 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-04-14
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-15 10:38

قوش تىللق مائارىپ يۇلغا قۇيۇلسا بۇنىدىن كىيىن مۇشۇنداق قەلىمى كۈچلۈك يازغۇچى ئالىملىرمىز يەنە چىقارمۇ؟ئانا يۇرتتەك،ئويغانغان زىمىندەك،ئېزدەك تارىخى رۇمانلىرمىزنىڭ ئاخىرنى يازىدىغان ئەۋلادلار چىقارمۇ...؟؟؟؟؟؟؟؟؟
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 19850 %
مۇنبەر پۇلى: 26458 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-01-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-18 10:14

        
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3867
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 645 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-03-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 20:54

          
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۇلۇپ ياشايمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4861
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 800 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-06-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-06 01:56

          
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۇلۇپ ياشايمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5138
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2011-09-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-08 13:10

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەقىقەتەن بىر تېپىلغۇسىز ئالىم ئىدى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-06
ئاخىرقى: 2011-11-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-10 16:28

ئۇيغۇر تىلى مانا مۇشۇنداق گۈزەل بىر تىل،سىز يەنە قايسى بىر تىلنى ئۇقۇپ مۇشۇنداق ھۇزۇر ئالالايسىز؟
ئانا تىلنىڭ ماھىرى
ئۆز ئىلىنىڭ شائىرى.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1085
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1085دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12054 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-31
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-10 17:26

ئىشلىتىش
引用第3楼anwar1118于2010-12-15 10:38发表的 :
قوش تىللق مائارىپ يۇلغا قۇيۇلسا بۇنىدىن كىيىن مۇشۇنداق قەلىمى كۈچلۈك يازغۇچى ئالىملىرمىز يەنە چىقارمۇ؟ئانا يۇرتتەك،ئويغانغان زىمىندەك،ئېزدەك تارىخى رۇمانلىرمىزنىڭ ئاخىرنى يازىدىغان ئەۋلادلار چىقارمۇ...؟؟؟؟؟؟؟؟؟

بىز كوپ قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى قىلغان .يەنە قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن .ئانا تىل يوقۇتۇشقا بولمايدىغان ئەڭگۇشتەر...ئۇ يوقۇلۇپ كەتسە بىز بىر توپ ھاماقەت بۇلۇپ قالمايمىزمۇ؟
[ rayhanتەرىپىدىن2011-01-10 17:36قايتا تەھرىرلەندى ]
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!