ئامىرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك دۆلەت ،بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ،بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار ئامىركىغا قانداق پۇزىتسىيە تۇتىشىمىز كىرەك؟
دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار ئامىركا مەدىنىيتىنى ئسلام مەدىنىيتىگە تەھدىد دەپ قارايدۇ،ھەقىقەتەن شۇنداققمۇ؟بىر ئغىز سۆزبىلەن بىلەن جاۋاپ بەرگەندە ھەقىقەن شۇنداق .بىراق بىز چوڭقۇر ئويلىنايلى بۇنىڭغا ئامىركا ھۆكۇمىتى سەۋپچىمۇ ؟،ئامىركا بىلەن تۈركىيە ئجتىمائى تۇزۇمى ئاساسەن ئوخشاش،سايلام دىمۇكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر،نىمە ئۈچۇن ئامىركا مەدىنىيتى ئسلام مەدىنىيتىگە تەھدىت بۇلۇپ تۈركىيە مەدىنىيتى ئسلام مەدىنىيتىگە تەھدىت ئەمەس،بىراق ئامىركا مەدىنىيتى ئسلام مەدىنىتىگە تەھدىت بولىدۇ؟،بۇ پۇتۇنلەي مەدىنىيەت ياراتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مەسلە.
ئۇيغۇرلانىڭ ئامىركا ھۆكۇمىتىگە ئۆچ بۇلۇش ئاساسى يوق ،ئاساس بار دىيىلسە بىردىنبىر ئاساس ئۇتتۇرا شەرىق مەسلىسىدە ئسرائليەگە ئاغقانلىقىدۇر.لىكىن بۇ ئامىكىغا ئۆچ بۇلىشىمىزغا يىتەرلىك ئەمەس ،يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۇن قەتتىق كاللا قاتۇرغانلقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كورسەتكەنلكى ،كۈچلۈك ئىتتىپاقلاشقانلقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئامىركا سىياسىتىگە تەسىر كورسەتكەنلىك سەۋەبىمۇ بار،ئقتىساد ئەرەپلەردىمۇ بار ئىدى،ئەرەپ دۆلەتلىرى كۆپ ئىدى ،دۇنيادىكى كۆپ قىسىم نىفىت ئەرەپلەرنىڭ قولىدائىدى، لىكىن ئەرەبلەر ئتتىپاقلىشالمىدى،يەھۇدىيلاردەك كاللا قاتۇرمىدى،پەقەت ئاللانىلا ياخشى كۆرۇپ ئاللا ياراتقان يەر شارىنى يەھۇدىيلاردەك تەتقىق قىلمىدى،ئامىركا شۇسەۋەپتىن ئسرائليەگە يان باستى ،ئامىركا خاتا قىلدى ،بىراق توغرا قىلىپ ئەرەپلەرگە يان باسىدىغان ئادەم ئامىركىدا سايلىنالمايدۇ،ئامىركىدا كۆپ قىسىم خەلىق مۇسۇلمان بولغان بولسا ئش ئەكىسچە بولاتتى،شۇڭا بۇ ئامىركا ھۆكۇمىتىنىڭ خاتالىقى ئەمەس.
ئەمدى بىز مەسلىنى قارىشسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلايلى ،ئامىركىدا مۇسۇلمانلار ياخشى ياشايدۇ ،ئۆرىپ ئادىتى قانۇن چەكلىمىسىگە ئۇچىرمايدۇ.ئامىركا قانۇنى ئامىركا جەمىيتىدە شۇنچە كۆپ ئادەمنى دىندىن ئازدۇرىدىغان شەيتانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقۇغا يول قويىلىدۇ ،ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇنداق شەيتانلار يوق ،بىراق مەن سىزگە ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلماندىن بەكىرەك ئامىركىدا شۇنچە كوپ شەيتانلار ئارىسىدا ئتىقادىنى ساقلاۋاتقان مۇسۇلمان تىخمۇ ئادەمنىڭ قايللىقىنى قوزغايدۇ دىسەم قارىشى تۇرامسىز؟ ،بەلكىم ئاشۇ ئسلام دۆلەتلىرىدە كاللىسىدا ئاللىقاچان ئسلامدىن تازغان لىكىن پىتىنالمايۋتقان كىشىلار بولشى مومكىن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىچە-كۇندۇز ئامىركىنىڭ ۋەيران بولىشىنى تىلەيدىغانلار ناھايتى كۆپ، ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ ئامىركا پۇتۇنلەي يەر شارىدىن يوقالسۇن دەيلى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەر شارىدىن نىمىلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىنى بىلەمسىز ؟ئوقۇغان يېزىققا قاراپلار ھەممىنى شۇيېزىقتىكىلەر يارتقان ئوخشايدۇ دىمەڭ ،يەرشارىدىكى سىز بىز بەھىرلىنۋاتقان يىڭى پەن-تىخنكا بىلملىرىنىڭ كۆپ قىسىمى تەڭلا تۇگىشىدۇ.
كۆپ يىللىق ئامىركىنىڭ ھەركىتىگە قارىساق ،ئالبانىيەنى مۇستەققىللىققە ئىرىشتۇردى ،ئالبانىيە ئسلام دۆلىتى.كۇبا بىلەن دۇشمەنلىشىپ كەلدى ،كاستىرۇ ئەسكى ئادەم بولمىسىمۇ بىر ئۆمۆر ھوقوق تۇتۇپ يەنە ھىچكىمگە ئشەنمەي ھوقوقنى ئۇكىسىغا قالدۇردى.سادام بىلەن دۇشمەنلەشتى ،سادام ھوقوقنى ھىچكىمگە بەرمەي تاكى ئاغدۇرۇلغۇچە تۇتۇپ تۇرغان ئادەم.يادرو بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىران بىلەن زىدىيەتلەشتى ،ئىران بىلەن زىدىيەت سىياسىيدىن خالىيراق، يادرو بىلەن مۇناسىۋەتلىك.چاۋشىيەن بىلەن دۈشمەنلەشتى،كىمئىرسىن ھوقوقنى ئوغلى كىمجوڭئلغا قالدۇرغان،كىمجوڭئل يەنە يىقىندا ئوغلنى كەلگۈسى 3-ئەۋلاد چاۋشىيەن رەھبىرى دەپ ئىلان قىلدى.يەنە بىر دۆلەت ۋىنسوئلا ،ئامىكا ياقتۇرمايدىغان دولەتلەرنىڭ بىرى ،چاۋىس ھوقوقنى ھازىرغىچە باشقىلارغا بەرمەي تۇتۇپ كىلۋاتىدۇ.
يوقارقى دۆلەتلەرنى ئامىركىنىڭ ياقتۇرماسلىق سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق ئالبانىيە تۇپەيلى دىنى سەۋەبنىڭ سەۋەب ئەمەسلىكىنى ، سىياسى سەۋەبنىڭ ئاساسلىق سەۋەپ ئكەنلىكىنى بايقايمىز.
ئامىركا ياقتۇرمايدىغان دۆللەتلەر تۆۋەندىكىدەك :
دىمۇكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر .كىشىلىك ھوقوق ئاجىز دۆلەتلەر .سايلام بولمىغان دۆلەتلەر،سايلام بولسىمۇ خەلىق بىۋاستە چوڭ ھوقوقدارلارنى سايلىيالمايدىغان دۆلەتلەر،مۇستەبىت ھوقوقدارلار قولىدىكى دۆلەتلەر.
ئامىركىنىڭ سادامنى ئاغدۇرغاندىن كىيىن ئراقتىن ئاساسى كۇچىنى چىكىندۇرۇپ چىقىشى ،ئامىركىنىڭ بىر دۆلەتنى ئشغال قىلىشتىن بەكىرەك مۇستەبىت تۇزۇمنى يوقىتىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بۇلىدۇ.
ئامىركا تالباننى يوقىتىش ئۈچۇن ئاففانىستانغا كىردى،بىراق ئاففانىستاننىڭ مەمۇرى ئىشىلىرىغا ئارلاشمىدى،ھەربى ھۇجۇمدانۇرغۇن بىگۇناھ پۇخرالار ئۆلدى،بىز بۇنى ئەيىپلىشىمىز كىرەك.
ئامىركىنىڭ باھارلىق ھەركىتى مۇستەبىت تۇزۇم بىلەن چىقىشالماي كەلدى،ئامىركا ئاففانىستاندا خىرستىئان دىننى تەرغىپ قىلغىنى يوق
ئۇيغۇرلار دىنى ئتىقاد تۇپەيلى ئەمىركىغا ئۆچ بۇلۇشنىڭ ئاساسى يوق.ھەمدە ئامىركا مۇستەبىتلىككە قارىشى تورغانلىقى ئۈچۈن،ياكى ئامىركا تەرەققى قىلغانلقى ئۈچۇن ئامىركىلىقلار كەيگەننى كىيىپ يىگەننى يىيشىمىز نىڭ ،قىلغاننى دورىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ،دىنىمىزدىن ۋاز كىچىشنىڭ تىخمۇ ھاجىتى يوق.