باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 873 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇۋاپىق غىزالانماسلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 111 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2010-12-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-05 06:02

مۇۋاپىق غىزالانماسلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay دىن پەندى نەسھەت غا يۆتكەلدى(2010-12-05)
مۇۋاپىق غىزالانماسلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ
 

   سېمىزلىك كېسىلى . تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە قاندىكى شېكەر مىقدارى ، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ ، بۇنىڭغا كەچلىك ھەرىكەتنىڭ ئازىيىشى قوشۇلۇپ ئىنسۇلىننىڭ ياردىمىدە مايغا ئايلىنىپ ، ئادەم بارا-بارا سەمرىشكە باشلايدۇ
   قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى . كېلىنكىلىق تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى دائىم گۆشسىز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرگە قارىغاندا ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . شۇڭا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى ، قان بېسىمى يۇقىرى كىشلەر كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن
   دىيابىت كېسەللىكى . ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تاماقنى بەك تويۇپ يېسە ، ئېنسۇلىننىڭ تەكرار كۆپلەپ ئاجىرىلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ ، نەتىجىدە بۇ ، ئېنسۇلىن تەركىبىدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپ ، ئاسانلا دىيابىت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى . ئىستېمال قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كەتسە ، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ . ھەددىدىن ئارتۇق خولېستېرىن قان دىۋارىدا جۇغلىنىپ ، ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن قان-تومۇرلار قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ
   جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى . ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ئوڭايلا ياللۇغلىنىپ ، ئۇخلاۋاتقاندا شۈك بولۇپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . ئەگەر ئۆت يولىدا تاش بولسا توسۇلۇش، سازاڭسىمان مەددە ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغىلىدۇ
   ئۈچەي راكى . تاماقنى ۋاقتى-قەرەلىدە يېمىگەندە قىسمەن ئاقسىل ھەزىم قىلىنمىغانلىقتىن ، ئارتۇقچە ئاقسىل ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىنىڭ رولى ئاستىدا بىر خىل زەھەرلىك ماددا پەيدا قىلىدۇ . بۇنىڭغا ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى قوشۇلۇپ زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىدۇ
   سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش . تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، ئۇزۇن مەزگىل كەچلىك تاماقنى بەك ۋاقچە يېگەندە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىكەن . چۈنكى سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق تەركىب كالتسىي بولۇپ ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ بىر قىسمىنى ئۈچەي دىۋارلىرى سۈمۈرگەندىن سىرت كۆپ قىسمى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ . ئەگەر كەچلىك تاماق بەك ۋاقچە يېيىلسە سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي سۈيدۈك سۈيدۈك يولىدا تۇرۇپ قېلىپ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ
   نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى . كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ ، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

(مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان)

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى