ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا يەتتە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن
1. داغ پەيدا بولىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان مېڭىگە ئۆرلەپ، قاندىكى ئوكسىگېن ئازلاپ، توكسىن كۆپىيىدىكەن، توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەللىكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پەيدا قىلىدىكەن.
2. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە ئۆرلەپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ چاغدا قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگېن ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەيدىكەن.
3. ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ يۈرەك ۋە قان تومۇرغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىشتىھا ناچارلىشىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
4. يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىپ، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازلاپ كېتىدىكەن، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈچەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قانۇنىيەتسىز بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدىكەن.
5. جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، بەدەن «كاتېخولامىن» دەيدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شېكەرنى ئۆرلىتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. شۇڭا، ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، ئەڭ ياخشىسى، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. سۇ بەدەندىكى ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىنى ئازايتىدىكەن.
6.ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلەشكەندە، نەپىسى تېزلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى زىيادە ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ، ۋاقتىدا تارىيالمىغاچقا، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.
7. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدىكەن. ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل پوستلاقلىق سىترولنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدىكەن. بۇ ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى