باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2577 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىستىخارە نامىزى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 12:35

ئىستىخارە نامىزى(ھەمزە)






         ئىستىخارە نامىزى

ئىستىخارە نامىزى بولسا رەسۇلۇللەنىڭ سۇننەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.بۇنامازنى رەسۇلۇللە ساھابىلىرىگە بىر ئىشتا ئىككىلىنىپ قالغان ۋە بىرەر يىڭى ئىشنى باشلىماقچى بۇلۇپ تۇرغاندا ئۇقۇشقا بۇيرىغان .

ئىستىخارە دىگەن ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ ياخشىلىق تەلەپ قىلىش دىگەن مەنىدە كىلىدۇ.

ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىش ئۇستىدە ئىككىلىنىپ زادى قايسىسىنى قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغان چېغىڭىزدا پاكلىنىپ تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇغاندىن كىيىن ئىستىخاردە دۇئاسىنى ئۇقۇپ ھاجىتىڭىزنى ئاللاھتىن تىلىسىڭىز ئاللاھ خالىسا قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ئۇڭۇشلۇق بۇلىدۇ.
بۇ توغۇرلۇق كەلگەن رەسۇلۇللەنىڭ سۈزىگە قاراپ باقايلى.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ. رەسۇلۇللە بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخارە سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇگەتكەندەك ئۇگىتىپ مۇنداق دەيتتى.ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلىشنى  نىيەت قىلىسا ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت نەفلە ناماز ئۇقۇسۇن.ئاندىن بۇ دۇئانى ئۇقۇسۇن.


ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى.ئاللاھۇممە ئىننىي ئەستەخىيرۇكە بىئىلمىكە،ۋە ئەستەقدىرۇكە بىقۇدرەتىكە،ۋە ئەسئەلۇكە مىن فەزلىكەلئەزىيم. فەئىننەكە تەقدىرۇ ۋەلا ئەقدىرۇ،ۋە تەئلەمۇ ۋەلا ئەئلەمۇ،ۋەئەنتە ئەللامۇلغۇيۇب.ئاللاھۇممە ئىن كۇنتە تەئلەمۇ ئەننە ھەزەلئەمرە خەيرۇ لىي فىي دىينىي،ۋەمەئاشىي ۋەئاقىبەتىي ئەمرىي. فەقدۇرھۇلىي ۋەيەسسىرھۇلىي. سۇممەبارىك لىي فىي.ۋەئىن كۇنتە تەئلەمۇ ئەننە ھەزەلئەمراە شەررۇ لىي فىي دىينىي.ۋەمەئاشىي ۋەئاقىبەتى ئەمرى

فەسرىفھۇئەننىي ۋەسرىفنى ئەنھۇ.ۋەقدۇر لىيەلخەيرە ھەيسۇ كانە.سۇممە ئەرزىنىي بىھ.

(تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ مەن سىنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇئىشىمنىڭ ياخشى بۇلىشىنى تىلەيمەن.ماڭا ياخشى تەقدىر ئاتا قىلغىن.ماڭا ياخشى نىئىمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن.سەن ھەممىگە قادىرسەن. مەن ھەقىقەتەن ئاجىزمەن.سەن ھەممىنى بىلسىەن. مەن بولسام سەن بىلدۇرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن.سەن غەيىپلەرنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ مىنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا،دۇنيالىقمىغا،ۋە كەلگۇسىگە پايدىلىق بولسا تەقدىر قىلىپ بىكىتىۋەتكەيسەن.بۇ ئىشىمدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق ئىشلىرىمغا خۇشاللىق ۋە بەركەت ئاتا قىلغايسەن.ئەگەر بۇ ئىشىم دىنىمغا دۇنيالىقىمغا،ۋە كەلگۇسۇمگە زىيانلىق بولسا ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن.مىنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن.ياخشى ئىش نەدە بولسا شۇ ئىشنى ماڭا قىلىشقا نىسىپ قىلغىن.ئاندىن  شۇ ئىش بىلەن مىنى رازى قىلغىن)

بۇ دۇئانى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ھاجىتىنى ئاللاھتىن سورىسۇن.

(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

بۇ نامازنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاللاھ شۇ بەندىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىش دىنىغا ۋە دۇنيالىقىغا ،كەلگۈسىگە پايدىلىق بولىدىغان بولسا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىلھام قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئاللاھ ئۇ بەندىنى ئۇ ئىشنى قىلىشتىن تۇسىدۇ.

بەزى كىشىلىرىمىز ئىستىخارە نامىزىنى ئۇقۇپ ناماز ئۇقۇغان ئۇرۇندىلا جەينامازنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسا ئاللاھ قىلماقچى بولغان ئىشىنى چۇشىدە كۆرسىتىدۇ دەپ شۇ نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا جەينامازدا ئۇخلىشىدۇ.

بۇ خاتا ئەقىدە. رەسۇلۇللە ئالدىدىن بىشارەت ئىزدىگۇچىلەرنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دىگەن.قانداق بىر كىشى ئالدىدىن بىشارەت ئىزدەيدىكەن ئۇ چوڭ گۇناھكار بۇلىدۇ. چۇنكى ئالدىدىن بىشارەت ئىزدىگەنلىك كاھىن رامباللارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللە چۇشىدە كۆرسىتىدۇ دىگەن گەپلەرنى قىلمىغان. پەقەتلا ئىككى رەكئەت ناماز نەفلە ناماز ئۇقۇپ ئاندىن ئىستىخارە دۇئاسىنى ئۇقۇپ ئاخىردا ھاجىتىنى ئاللاھتىن سوراشقا بۇيرىغان. قانداق بىر كىشى رەسۇلۇللە دىمىگەن ۋە قىلمىغان ئىشنى قىلسا ۋە دىسە ئۇ ئۇچۇق ئازغان بۇلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىستىخارە نامىزىنى ئۇقۇپ ئاللاھتىن ھاجىتىنى تىلىگەندىن كىيىن قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلىۋەرسۇن دىگەن.

شۇڭا بۇ ناماز ياخشىلىق تەلەپ قىلىش نامىزى دەپ ئاتالغان. ئەگەر ئۇنداق بولماي چۇشىدە بىشارەت ئىزدەش توغرا بولىدىغان بولسا بۇ نامازنى ئىستىخارە نامىزى دەپ ئاتماي بىشارەت نامىزى دەپ ئاتىغان بۇلاتتى. شۇڭا قانداق بىر ئادەم بۇ نامازنى ئۇقۇپ قىلماقچى بولغان ئىشىمنى چۇشۇمدە كۇرىمەن دىگەن ئىتقاددا بۇلىدىكەن بۇ ئادەم سۇننەت بۇيىچە ئىش قىلمىغان بۇلىدۇ.

بۇ نەفلى ئەمەل. نەفلە ئەمەلگە دىندا يوق بولغان ئىشتىن بىرنى قۇشۋالسىڭىز بىدئەت پەيدا قىلغان بۇلىسىزدە ئەجىرگە ئىرشىش ئۇياقتا تۇرسۇن گۇناھكار بۇلۇپ قالىسىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى بىدئەت ئىشتىن يىراق قىلسۇن.

ئەگەر سىز ھەقىقى تەقۋا ئاللاھتىن قورقىدىغان بەندە بولسىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى كۈڭۈلدىكىدەك قىلىپ بىرىدۇ. ئاللاھ بۇ توغۇرلۇق قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دىگەن {... كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ،ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يۇلى بىرىدۇ.ئاللاھ ئۇنڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ.كىمكى ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلدۇ...}(سۈرە تالاق 2.3.ئەيەتلەرنىڭ بىر قىسمى)

ئەگەر سىز بىرەر ئىش قىلماقچى بولسىڭىز رەسۇلۇللەنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچىلا ئىستىخارە نامىزى ئۇقۇڭ. بىرەر ئىشتىن شۇم پال ئالماڭ. يەنى بىرەر ئىشنى قىلغان بولسىڭىز شۇ ئىشنىڭ بېشىدا ئازراق پىشكەللىككە يۇلۇقسىڭىز ‹بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس› دەپ قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى توختىتىپ قويماڭ. رەسۇلۇللە شۇم پال ئېلىشتىن توسقان. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىڭ.

. ئەگەر سىز ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسىڭىز ئاللاھ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ.ئاللاھ سىزگە چىقىش يۇلى بىرىدۇ،ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بىرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۇرىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ ۋەدىسى. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر.ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

 


دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2204
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 2090 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-07-10

ئاللا  ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن   . تىمىڭىزغارەھمەت
تۇغۇلۇش ئۆلۇمگە قويۇلغان تۇنجى قەدەمدۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2012-08-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 16:26

ئەجرېڭېزنې           ئاللا            بەرسۇن          رەخمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 111 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2010-12-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-05 06:00

ھەمزە دوستۇم ياخشىمۇسىز؟
سىزنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ مەزمۇنلۇق تېمىلىرىڭىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم. دىدار غەنىمەت~!
ئۇلۇغ ئاللاھ، ئىشلىرىڭىزنى ئاسان، تېنىڭىزنى سالامەت قىلغاي~!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4267
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2011-04-14
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-05 17:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىستىخارە نامىزى قانچا رەكەت؟ ئۇ قانداق ئوقۇلىدۇ؟
رەھمەت...
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-05 19:29

ئىشلىتىش
引用第4楼ozhan于2010-12-05 17:06发表的 :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىستىخارە نامىزى قانچا رەكەت؟ ئۇ قانداق ئوقۇلىدۇ؟
رەھمەت...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئىستىخارە نامىزى ئىككى رەكئەت. بۇنىڭ 1.رەكئىتىدە سۇرە كافىرۇننى،2.رەكئىتىدە سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇش ئەپزەل.  بۇ ناماز خۇددى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۇننىتىگە ئوخشاپ كىتىدۇ.  
مىھرىبان ئانام  _ بەختىم ^_^
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2012-07-27
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 11:34

بۇ ھەمزە قېرىندىشىمىزنىڭ  ئەجرىنى ئاللاھ بەرسۇن ،  .ۋاقتىدا پايدىلىنىۋالىدىغان بولدۇم مانا ......
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ