ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! ئاللا سىزگە تېخىمۇ ئۇچۇق زېھىن ئاتا قىلسۇن!!!
ئەمدى ئۆزۇمنىڭ قاراشلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
مىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم ئۈرۈمچى،كىچىكىمدىن بىللە چوڭ بولغان دوسلۇرۇمنىڭ 70% نامازخان ئەمەس! راستىمنى ئېيتسام
ئۇلارنىڭمۇ گۇناھقا شىرىك تاماششالىرىنىمۇ يوق دىيەلمەيمەن،لىكىن ھەممىسىنى دىلىدا ئازراقمۇ ياراتقۇچىسىنى تۇنىمايدۇ،دىيەلمەيمەن!ئۆزۈممۈ جەنۇپنى كۆپ كىزىپتىمەن،بارغان يەرلىرىمدە يەنىلا شۇلارنى سېغىنىپ قالدىم، ھازىر ئارىمىزنىڭ سوغوقلىشىپ،بىر_بىرىگە ئىشەنمەس بۇلۇپ قىلىشىنى ،ئازراقلا مەنپەت ھەممىنىڭ شۆلگىيىنى ئاقتۇرىۋاتقان ،كۆزىمىز ئاكىمىزنىڭ قولىدىكى ناندا،دىلىمىز قېشىمىزدىكى قېرىندىشىمىزنى قەسلەپ يىقىتشتا،سەمىيمىلىكنى ئۇنتۇلدۇرغان ساختا تەببەسسۇم كۈلكىلەر ھەممىمىزنىڭ يىنىدامەۋجۇت...
بەلكىم نىمە دىمەكچىدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالغانسىز.
مۇشۇ بۇلغانغان ئىدىيىمىز بىزنى شۇنچىلىك تېز سۈرئەتتە بىزنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىۋاتىدۇ!خەتەرلىكى بۇنى ھېس قىلىپ ،تەتبىر قوللىنىشىمىز پەقەتلا يىتەرلىك ئەمەس! ھەتتە شۇنداق ياشاشنى تۇغرا دەپ ياشاۋاتىمىز!
رىزىقنى رەببىم بېرىدۇ! دەيمىزيۇ بۇنىڭغا تەۋۋەككۈل قىلالىدۇقمۇ؟!
بىر_بىرىمىزگە ئىشىنەلمەسلىكىمىز نىمە ئۈچۈن؟!بىز يارىماس دىگەنلەر ئەلۋەتتە بىزنىمۇ ئەخلەت تۇنىشىمۇ مۇمكىن.
ھە دىسە بىر بىرىمىزگە ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ،مىھرىبانلىقنىڭ يىلتىزىغا توك ھەرىسى سالدۇق.......
ھەي قېرىنداشلىرىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بىز نىمىنىڭ تەسىرىدە بۇنچىۋالا دۆتلىشىپ كەتتۇق؟؟؟ نىمىشقا خاتا قىلىۋىتىپ تۇرۇپمۇ ،جاھىللىقنى قالقان قىلىپ ،بۇنچىۋالا خارلىقىمىزنى يۇشۇرۇپ يۇرىيمىز؟؟؟ ھەممە بىلىپ كەتتى بىزنى! لىكىن پۈتۈن دۇنيا بىزنى خار،چىرىك مىللەت دىسىمۇ، پۇتۇن قېرىنداشلىرىم مىنى دارغا ئاسسىمۇ مەن يەنىلا ئۇيغۇر بولالىغىنىمدىن،ياق يارالغىنىمدىن قاتتىق سۈيىنىمەن!!!
مىنىڭچە ھەربىر ئۇيغۇر بۇ گۈزەل سايرامنىڭ بىر تامچىسى! ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلىپ يەككە ھالدا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرمايدۇ!
بىز ئەڭ ئاۋۋال بىر_بىرىمىزنى تۇغرا ھۆكۈن چىقىرىشقا ئۈندەيلى! ئاندىن قالسا ئۆزئارا ناھايىتى مىھرىبان بولايلى!
كەڭ قورساقلىق بىزگە يار بولسۇن! كوچىلاردا قېرىندىشىڭىزغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇشتىن قەتتىي تارتىنماڭ! بىزنىڭ پەرىقىمىز ،خاسلىقىمىز قەتتىي يوقىمىسۇن!
ياراتقۇچىمىز بىزنى مۇشۇ كۆرۇنمەس كۆلگە تامچىسى قىلىپ ياراتقانىكەن،بىز ئاۋۋال تامچىلىقىمىزنى ئىتىراپ قىلىپ ، بىرلىك!بىرلىك!بىرلىكىمىزنى قەتتىي ئاسىرىشىمىز كېرەك!
قىشىڭىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا ھەرگىز يىرگىنىشلىك نەزىرىڭىزدە قارىماڭ!ئۇنىڭدىن يىراقلاشماڭ!
بىزنى قەدىرىمىز بىلسىڭىز بىزنىڭ ئوربىتىمىزدىكى شۇ ئاجىزلىرىمىزدە! دىنسىزلارغا ،خۇداسىنى ئالماشتۇۋالغانلارغا(تۇۋا خۇدايىم!}ئۆزىڭىزنى ئۇپىراتماڭ! ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ياراتقۇچىمىز پىچەتلىۋەتكەن!!! ئۇلارنى ھېچكىم ھىدايەت