引用第4楼fatih204于2010-11-24 21:42发表的 :
بەك ئىسىل ناخشا بۇ ،، بولۇپمۇ
شۇكۇر دەيمەن ئاياق قولوم سالامەتتۇر
گەر نالىسام بۇخۇداغا مالامەتتۇر
بۇ قۇرلار بەك تەسىرلىك ، دىمىسىمۇ پۇت قولى ساق تۇرۇپ ئوز تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ نالە قىلىدىغان كىشىلەر ئازمۇ دۇنيادا ؟
بىر ھىكايىدە شۇنداق تەسۋىرلەنگەن ئىكەن . بىر كىشىنىڭ ئايىقى يىرتىلىپ كىتىپتۇ ، ئۇ ئاياق سىتىۋالاي دىسە پۇلى يوق ، يىرتىق ئاياقنى كىيىپ يۇرۇپ قەلبى شۇنداق يىرىم بوپتۇ < ئى خۇدا ئاياقسىز قىلىۋاتىمەنغۇ بۇنىمە كۇنلىرىڭ> دەپ نالە قىلىپتۇ ، شۇ ئارىدا ناماز ئوقۇش ئۇچۇن مەسچىتكە كىرسە ئىككى پۇتى يوتتىسىدىن ئۇزىۋىتىلگەن بىرى ئىبادەت قىلىپ يۇرگۇدەك ، ھىلىقى كىشى شۇئان نامىزىدىن يىنىپ < شۇكۇر ئاللاھ يالاڭئاياق بولسىمۇ پوت قولۇم ساق ئىكەن شۇكۇر رەببىم >دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ ،،
.......