ئىككى شېئىر
ئاپتورى: نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
نەپىرەت
ئويلاپ جىنىم ئەتمىشلىرىڭنى،
ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلىدى غەزەپ.
بۇلبۇل كەبى يۈرسەم ئىشقىڭدا،
تاللىۋاپسەن قۇزغۇننى ئەجەپ.
ياقتۇرماپسەن كۈيلەشلىرىمنى،
كار قىلماسكەن ساڭامۇھاببەت.
مەجبۇر قىلدى مېنى، ئۇنتۇشقا،
ۋىجدانىمدا قاينىغان نەپىرەت.
2008-يىلى 12-سىنتەبىر جۈمە
ئالتاي قابا ناھىيسى
كۈتۈش
نىمجان تىېنىم تىتىرەيدۇ غال-غال،
مۇھاببەتنىڭ جۇدۇنلىرىدا.
قايسى چاغلار ئىللىيدۇ قەلبىم،
چىن سۆيگۈڭنىڭ يالقۇنلىرىدا.
كەلگىن جىنىم زارلاتما مىنى،
ئاھ سۆيگۈڭدە ئېزىلدى يۈرەك.
بۈگۈن كېچە كىرسەڭ چۈشۈمگە،
ئېيتىپ بېرەي سۆيگۈمدىن چۆچەك.
2007-يىلى 18-فېۋىرال يەكشەنبە
ئالتاي ۋىلايىتى
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-06-23 15:50قايتا تەھرىرلە ]