رەسىم:
داۋامى....
سېنى يۈدۈش، راستىنلا چوڭلارنىڭ بالىلارنى يۈدۈپ ماڭغىنىدەك ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى. قەدەملىرىمنى ئاران-ئاران يۆتكەپ قاراڭغۇ ئورماندا ئۆيۈڭگە قاراپ يول ئالدىم. ئۇيقۇڭ راستىنلا بەك كەلدىمۇ ياكى كىچىك چاغلاردا ئۇيقۇ شۇنداق تاتلىق بولامدۇ!؟ كۆزىڭنى غۇۋا ئېچىپ قويۇپ يەنە ئۇيقىغا كەتتىڭ.
سېنى يۈدكىنىمچە قاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىپ باراتتىم. ئورماننى توغۇرسىغا كېسىپ ئۆتكەن كىچىك ئېرىق بويىدا پاقىلارنىڭ توختىماي كۇرۇلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چېكەتكىلەر تىنماي چىرىلدىشاتتى. دەرەخ ئۈستىدە مۈشۈك ياپىلاقلار سىرلىق ھۇۋلىشاتتى. ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ناگان-ناگاندا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن بولسام ئالىقاچان چىلىققىدە تەرگە چۆمۈپ بولغان ئىدىم. بۇ غەيرى ئاۋازلاردىن قورقۇپ ئەمەس، بەلكى شۇنچە ئۇزۇن يولدا سىنى يۈدۈپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن شۇنچە تەرلەپ كەتكەن ئىدىم. گەرچە چارچىغان بولساممۇ سىنى يۈدۈپ ئۆيۈڭگە ئېلىپ ماڭغانلىقىمدىن ئالەمچە خۇشال ئىدىم. ئۆيۈڭگە يېتىپ كېلەي دېگەندە، ئاپاڭ سېنى ئىزلەپ ئالدىمىزغا چىقتى. ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ سېنى قولىغا ئالدى. ئاپاڭ بەكلا مىھرىبان كۆيۈمچان ئايال ئىدى.
- ئۇخلاپ قاپتۇدە، ئويغۇتۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟- دېدى ئاپاڭ ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا تەرلىرىمنى سۈرتۈپ. - ئۇ ئۇخلىسا بەك ئوماق بولۇپ كېتىدىكەن. - دېيىشنى ئويلاشتىم -يۇ، ئاپاڭدىن خىجىل بولۇپ ئارتۇق سۆز قىلماي ئۇچقاندەك يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە قايتتىم. ئاپاڭ مىنى ئۇزۇتۇپ سىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەتىسى سەن ئويغانغاندا، سېنى مىنىڭ يۈدۈپ ئەكەلگەنلىكىمنى ئاپاڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ، مەكتەپتىن قايتساقلا ئىككىمىز بىللە ئوينايدىغان بولدۇق. مەھەلىدە مەيلى قانداق ئويۇن ئوينايلى، سەن قولۇمغا مەھكەم ئېسىلۋىلىپ، - مەن تۇغلۇق ئاكام بىلەن بىر بولىمەن - دەپ چىڭ تۇرۋالاتتىڭ. باشقىلارمۇ ئارتۇق بىر نېمە دىيەلمەيتى. دەم ئېلىش كۈنلىرى بىللە پادا باقاتتۇق. مەن ئورمان ئىچىدىن ساڭا ھەرخىل گۈللەرنى ئۈزۈپ ئەكىلىپ بېرەتتىم. سەن گۈللەرنى چەمبىرەك شەكىلدە توقۇپ بېشىڭغا تاقىۋالاتتىڭ. ياۋا گۈللەر، ئۇششاق ئۆرىۋالغان قۇندۇز چاچلىرىڭغا بەكلا يارىشاتتى. ئەنە شۇ چاغدا مەن سنى، دادام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكتىكى <<كۈل قىز>>غا ئوخشاتقان ئىدىم.
ئۇ چاغلاردا سەن ئەمدىلا 2-يىللىقتا ئوقۇيتىڭ. مەن سەندىن بىر يىل يۇقىرى يىللىقتا ئىدىم. ئۇ كۈنى، تەنەپۇس ۋاقتى ئىدى. مەن ساۋاقداشلىرىم ئىچىدىكى يېقىن دوستلىرىم بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا ئويناۋاتاتتىم. سەن يىغلىغانچە ئالدىمغا كەلدىڭ.
- گۈلسۈم سىزگە نېمە بولدى؟ نېمىگە يىغلايسىز؟ كىم بوزەك قىلدى؟ - دەپ سورىدىم مەن جىددىي تەلەپپۇزدا. سەن گەپ قىلالماي ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتىڭ. سىنىڭ بۇ ھالىتىڭنى كۆرۈپ ئىچىم بەكلا ئېچىشتى.
ئاخىرى يېنىڭدىكى دوستۇڭ ئېغىز ئاچتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قايسى كۈنى مەن ساڭا ئورمانلىقتىن ئۈزۈپ بەرگەن گۈللەردىن، سەن كونا ئادىتىڭ بويىچە چەمبىرەك ياساپ مەكتەپكە تاقاپ كەلگەنكەنسەن. سەندىن 2- يىل يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر بالا سېنىڭ بېشىڭدىكى چەمبىرەكنى ئېلىۋىلىپ سېنى بوزەك قىلغانكەن.
بۇنى ئاڭلاپ راسا ئاچچىقىم كەلدى. دوستلىرىم بۇ ئىشنى مۇئەللىمگە دېيىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇنى تېپىپ ھېساب ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم.
مەن سېنىڭ قولۇڭدىن تۇتۇپ يېتەكلىگىنىمچە، دوستلىرىمنى باشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ مەندىن خېلىلا چوڭ ئىدى. مەن ساڭا سوۋغا قىلغان گۈل ھېلى ھەم ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. مەن ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنىڭ قولىدىكى گۈلنى يۇلۇپ ئالدىم. ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەلدى بولغاي ماڭا دېۋەيلەپ كەلدى.
- نېمە دەپ سىڭلىمنى بوزەك قىلدىڭ؟- دېدىم مەن مۇشتۇمۇمنى كۈچەپ تۈگۈپ.
- ما شۇمتەكنى، بوزەك قىلسام قانداق قىلاتتىڭ. - دېدى ئۇ كۆزگە ئىلمىغان قىياپەتتە. چوڭ بولۇپ مۇشۇ كەمگىچە باشقىلاردىن بۇنچىلىك كەمسىتىشنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا بۇ سۆز مىنىڭ بەكلا زىتىمغا تەگدى. مىنى شۇنداق چوڭ بىلىدىغان دوستلىرىممۇ بۇ ئاھانەتكە چىدىمىدى. ئارىمىزداياش ۋە بوي جەھەتتە ھەممىمىزدىن چوڭ ھېسابلىنىدىغان دوستۇم غەيرەت مىىنىڭ ئالدىمغا ئۆتتى. - ئاغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە،يەنە چوڭ سۆزلەيدىغان بولساڭ تايىقىڭنى يەيسەن. - كىچىككىنە تۇرۇپ چوڭچىلىق قىلىپ كەتكىنىنى بۇنىڭ. يوقىلە ماڭ. - دەپلا غەيرەتنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرۋەتتى. بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ مىنىڭ زادىلا چىدىغۈچىلىكىم قالمىدى. مەن ئۇنى سەكرەپ تۇرۇپ راسا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇش سالدىم. قۇرۇپ قالغان پاخالغا ئوت كەتكەندەك، دوستلىرىممۇ ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ ئۇنى بىردەمدە يەرگە ياتقۇزدى. ئوپپۇر-توپپۇر بولۇشۇپ كەتتۇق. شۇ ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ ئوڭ كەلگەن يېرىگە نەچچىنى تېپىۋىتىپتىمەن. دوستلىرىمنىڭ ئۇنى قانچىلىك ئۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇ ئىشتىن كىيىن مەن دوستلىرىم بىلەن بىللە مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىنىپ چىقىلىپ راسا تىل ئاڭلىدىم. بىراق شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كىيىن مەكتەپتىكى باللىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندىن قورقىشىدىغان بولدى. سەن بولساڭ، سېنى قوغدايدىغان شۇنداق بىر نوچى ئاكاڭنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتىڭ. ئەلۋەتتە،مەنمۇ سەندەك ئوماق سىڭلىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئالەمچە خۇشال ئىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمىز ئەنە شۇنداق ئاكا-سىڭىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نەزەرگە ئېلىنىپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگۈنۈش قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. باللىق چاغلاردىكى ئەسلىمە ئىنساننىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ يوقالمايدىكەن.ئەشۇ توپىلىق يوللاردا بىللە مەكتەپكە بېرىپ بىللە قايتىپ، كەڭىرى كەتكەن يايلاقلاردا پادىلارنى قوغلاپ قىيغىتىپ ئۆتكەن كۈنلەر ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ گۈلسۈم... داۋامى بار... 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەيشەنبە ئەتتىگەن سائەت 8:25
غۇلجامۇڭغۇلكۈرە ناھىيە شوتا يېزىسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-11-14 04:23قايتا تەھرىرلە ]