باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3830 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تىلى ۋە يىزىقلىرى.رەسىملىك
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1423
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1423دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12959 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-22 02:45

ئۇيغۇر تىلى ۋە يىزىقلىرى.رەسىملىك

. ئۇيغۇر تىلى

ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىكى ئۇزۇن تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردە ئۆز دەۋرىگە يارىشا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئەمگەكچان خەلقلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يۇغۇرۇپ ئۆزىگە خاس پارلاق مىللىي مەدەنىيەت ياراتقان.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تارىخ زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن نەتىجىلىك چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ تارىخ بېتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر خەلقتۇر
.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى، ئۇيغۇر تىلى بۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ، تاكامۇللىشىپ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى
.
ئۇيغۇر تىلى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە، مۇرەككەپ، چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى بىمالال گۈزەل تىل ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىەە ماسلىشالايدىغان نەپىس، باي تىلغا ئايلىنىپ، تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى باي تىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ شەكىللەندى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادىينىڭ باشلىرىداىن 10- ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ 10- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىي خەلقلارنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەم سوتسىيالىستىك تۆتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

2. ئۇيغۇر يېزىقلىرى

يېزىقتىلنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسىلىك رولىنى كېڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ياردەمچى ۋاسىتىسى. يېزىقئىنسانىيەت جەمئىيىتى خېلى تەرەققىي قىلغان دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمدە مۇرەككەپلىشىۋاتاقن ئالاقە ئېھتىياجىنىڭ تەقەززاسىدىن پەيدا بولغان.
ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا، يۈكسەك يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەۋرمۇ دەۋر كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز زامانىسىدا خېلى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن، موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، جىمىسار، كۇچا، مارالبېشى، خوتەن، قارا شەھەر، چاقىلىق، مىرەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ھەم دۇڭخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، مەڭگۈ تاشلارغا يېزىلغان تەزكىرىلەر، كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، پەن-مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىشى ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خېلى تەرەققىي قىلغان، پارلاق مەدەنىيەتكە، خېلى مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان مىللىي تىلغا ھەم بۇ تىلنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىققا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن يېزىقلار ھەققىدە ھازىر قولىمىزدا بار تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، براھمىي يېزىقى، ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلغان. بۇلاردىن مەلۇم تارىخىي شارائىتتا مەلۇم قەۋم ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم دائىرىدە ئىشلىتىلگەن يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك قوللىنىلىش دائىرىسى خېلى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن قوللىنىلىش دائىرىسى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئورتاق قوللىنىلغان، تەسىرى چوڭراق، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. سوغدى يېزىقى

شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن، جۈملىدىن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى، قاراغۇجا (قاراقۇجۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە تارشىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرىلەر تېپىلدى. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 4-5 ئەسىرلەردە قوللانغان.

2- ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى

جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلار بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز بۇ دەرسلىكتە مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان نامنى قوللاندۇق.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان
.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت
.
1.
چورىن مەڭگۈ تېشى
.
2.
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
.
3.
كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى
.
4.
بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى
.
5.
كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى
.
6.
مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى
.
7.
توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى
.
8-
سۇجى مەڭگۈ تېشى
.
9.
تېرخىن مەڭگۈ تېشى
.
10.
تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار

ئورقۇن-يېنسەي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى


قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. 13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
1. ئالتۇن يارۇق.
2. شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى.
3. مايتىرى سىمىت درامىسى.
4. چوڭ ھەجىملىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات.
5. خۇۋاست نەھۇفت. (يوشۇرۇن تىلەك)
6. قۇتادغۇ بىلىك. (ۋېنا نۇسخىسى)
7. ئەتەبەتۇل ھەقايىق. (A نۇسخا)
8. ئېزوف مەسەللىرى.
9. بەختىيارنامە.
10. ئوغۇزنامە.
11. قەدىمكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى.
12. ئىدىقۇت قوجۇ خانىنىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلىرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، كالىندارلار، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:




داۋامى بار


دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3753
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-03-09

ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار تېما ئىكەن................