باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 558 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 383
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە383دانە
ئۆسۈش: 10530 %
مۇنبەر پۇلى: 11090 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 14:51

مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى

جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مال – مۈلك جازاسىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى:
1 – ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا «قوشۇمچە» مال – مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ياكى ئىشتىراپ قويۇش بەلگىلەنگەن جىنايەتتە، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىگە ئاساسىي جازا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشى شەرت؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا «قوشۇمچە» مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا ياكى ئىشتىراپ قويۇلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن جىنايەتتە، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە جىنايەتچىنىڭ مال – مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، مال – مۈلۈك قازاسى بېرىش – بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى كېرەك.
2 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشقا، مەسىلەن، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى، يەتكۈزگەن زىيىنىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتارلىقلارغا قاراپ ھەمدە جىنايەتچىنىڭ ئىشتىراپ تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، قانۇن بويىچە ئىشتىراپ قويۇشى كېرەك. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئىشتىراپ سومما ئۆلچىمى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئىشتىرانىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە ئىشتىراپ جازاسىنى يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ بېرىش كېرەك، ئىشتىراپنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 500 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
3 – ماددا جىنايەتچىنىڭ بىرنەچچە جىنايىتىگە قانۇن بويىچە ئايرىم – ئايرىم ئىشتىرا پ قويۇشتا، قوشۇپ ئىشتىراپ قويۇپ، ئىشتىراپ سوممىسىنى قوشۇش، يىغىندى سوممىسى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك.
بىر ئادەم بىرنەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەندە، قانۇن بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قوشۇمچە ئىشتىراپ قويۇلىدىغان ۋە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدىغان بولسا، قوشۇپ ئىجرا قىلىش لازىم؛ لېكىن قوشۇمچە بارلىق مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدىغان بولسا، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسىلا ئىجرا قىلىنىدۇ.
4 – ماددا جىنايى قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىقتىن، ئايرىم ئىشتىرا قويۇلسا، جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلار ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا قانۇن بويىچە ئايرىم – ئايرىم ئىشتىراپ قويۇلسا بولىدۇ:
(1) تاسادىپىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ياكى تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛
(2) ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار؛
(3) جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغانلار؛
(4) جىنايەتكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلار، جىنايەتنى توختىتىپ قويغانلار ياكى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلار؛
(5) جىنايەتكە تەھدىت ئاستىدا قاتناشقانلار؛
(6) ھارامنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرغانلار ھەمدە توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغانلار؛
(7) قانۇن بويىچە ئايرىم ئىشتىراپ قويۇلسا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
5 – ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن سۈرۈك» ھۆكۈمنامىدە بېكىتىلىشى لازىم؛ «ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن سۈرۈك» ھۆكۈم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئاشماسلىقى كېرەك.
6 – ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراش سەۋەبىدىن تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغانلار» ئاساسلىقى ئورت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارىلق ئاپەتلەرگە ئۇچراپ مال – مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلار؛ جىنايەتچى ئېغىر كېسەل بولۇش، زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىپ ياكى جىنايەتچىنىڭ باقىدىغان يېقىن تۇغقىنى ئېغىر كېسەل بولۇپ، دورا قاتارلىقلارغا نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىپ، ھەقىقەتەن ئىجرا قىلغۇدەك مال – مۈلكى يوقلارنى كۆرسىتىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئەھۋالغا قاراپ ئازايتىلسا ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدىغان» سەۋەب بولغاندا، جىنايەتچى ئۆزى، يېقىن تۇغقىنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئورۇن ئىجراغا مەسئۇل خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئىلتىماس سۇنىدۇ ھەمدە مۇناسىپ ئىسپات ماتېرىياللارنى بېرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، تاپشۇرىدىغان ئىشتىراپ سوممىسىنى كېسىم ئارقىلىق ئازايتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
7 – ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 60 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «جىانيەتچىنىڭ مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتى بۇرۇنقى ئورۇنلۇق قەرزى» جىنايەتچىنىڭ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرىكى قانۇنلۇق قەرزىنى كۆرسىتىدۇ.
8 – ماددا ئىشتىراپ سوممىسىدا خەلق پۇلىنى ھېسابلاش بىرلىكى قىلىش كېرەك.
9 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مال – مۈلۈك جازاسى بېرىشنى لايىق تاپقاندا، دېلونىڭ سوت قىلىش جەريانىدا جاۋابكارنىڭ مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى توڭلىتىۋېتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
10 – ماددا مال – مۈلۈك جازاسىنى 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ.
جىنايەتچىنىڭ مال – مۈلكى باشقا جايدا بولسا، 1 – سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى مال – مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
11 – ماددا ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن سۈرۈك توشۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشتىراپنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى يوق تۇرۇقلۇق تاپشۇرمىغانلارغا مەجبۇرلاش يولى بىلەن تاپشۇرتقۇزۇشى كېرەك.
تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن مال - مۈلۈكنى يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىش، سېتىۋېتىش، زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى ئېغىرلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 314 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.