ئۈرۈمچىدە يىغلاپتۇ دادام
تويغا قوپۇپ تونۇش بىلىشلەر ،
ئۈرۈمچىگە يول ئالدى دادام .
بىز خاتىرجەم ئۇزىتىپ قويدۇق ،
زامانەمنىڭ يوللىرى داغدام .
قېچىپ كەپتۇ ھەيران قېلىشتۇق ،
ئازار يەپتۇ ھەسرەت چېكىشتۇق ،
سۆزلەپ بەرگەن توۋا دېيىشتۇق ،
ئۈرۈمچىدە يىغلاپتۇ دادام .
ئىسراپچىلىق چەكتىن ئېشىپتۇ ،
تاماق بىلەن چوشقا بېقىپتۇ ،
شەھەرلىكلەر تەگنى ئۇنتۇپتۇ ؟
ئۈرۈمچىدە يىغلاپتۇ دادام .
چوكا تەگمەي تۆكۈلسە تاماق ،
ھۆكۈم سۈرسە شىرەدە ھاراق ،
دېھقان سۈكۈت قىلىدۇ قانداق ،
دېھقىنىم دەپ يىغلاپتۇ دادام .
كېلىن كىيىم كىيمەپتۇ دېدى ،
يىگىت بىغەم يۈرۈيدۇ تېخى ،
ئۈرۈمچىنىڭ ۋىجدانى قېنى !!!!
ئىمانىم دەپ يىغلاپتۇ دادام .
تانسا ئويناپ ئاتا بىلەن قىز ،
يوپكا قوڭدا ، خىجىل بوپتۇ تىز ،
دادام دېدى :بۇ قانداق ئەندىز !!؟
ئىپپىتىم دەپ يىغلاپتۇ دادام .
خوتۇن خەقمۇ بىللە ئىچەرمىش ،
بەزەنلىرى نەشە چىكەرمىش ،
ئەرلەر ماختاپ ،پەخىرلىنەرمىش ؟
ۋىجدانىم دەپ يىغلاپتۇ دادام .....
يېرىم يالڭاچ ھايۋاننى كۆرۈپ ،
يۈزى قېلىن "جانان"نى كۆرۈپ ،
ئۆچىۋاتقان ئارماننى كۆرۈپ ،
ئەرلىكىم دەپ يىغلاپتۇ دادام .
دادام بۇنى خورلۇق بىلىپتۇ ،
نەنزىگونى *ئاران تېپىپتۇ ،
ئۇيغۇر شوپۇر تازا قويۇپتۇ ...
ئۈرۈمچىدىن قېىچىپتۇ دادام .
ھەممىمىزنىڭ بوۋىمىز دېھقان ،
بىز ،سەھرادىن ھەر يان تارقالغان ،
ئادەم ئەمەس ! ئەسلىن ئۇنۇتقان ،
سەھرايىم دەپ يىغلىدى دادام ...........
بولۇش كېرەك خاسلىق -مىللەتتە ،
چىڭ تۇرايلى ئۆرپە-ئادەتتە ،
مەن ئۆلىمەن ئۇيغۇر سۈپەتتە ،
باللىرىم دەپ يىغلىدى دادام ...
نەنزىگو -ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى
2008-يىلى 24-ئاپىرىل 2دىن 14تە تامام ،
شەھر ى ئۈرۈمچى ....