باشلىققا سۆز
باشلىقنىڭ ياخشىسى ھارام يېمەستۇر ،
ھارام ئۇ بىر ئوتكى گويا پەۋەستۇر ..
نەپنى دەپ ئاۋامنىڭ رىسقىنى قىيغان ،
ھارامخور ، پارىخور ئادەم ئەمەستۇر .
سەن باشلىق بىر ئەمەس مىڭنىڭ غېمن
ىقىلىسەن ، تاپىسەن مىڭنىڭ نېنىنى .
ناۋادا ئۇنىڭغا قىلمىساڭ جۈرئەت
ۋاز كەچكىن خۇدانىڭ كەڭدۇر زېمىنى .
كۆڭۈلنى ھايالىق رەناغا تۇتقۇز ،
ھۇقۇقنى ئەقىللىق داناغا تۇتقۇز .
باشلىقتا بولمىسا ئىنساپ دىيانەت
ئۇنىڭغا ئەل ئەمەس خالانى تۇتقۇز .
مىڭ تەستە چىقىسەن مەنسەپ تەختىگە
ئولتۇرۇپ تالاينىڭ ئىقبال بەختىگە .
بولمامدۇ جاھاننىڭ ئىستەك سورىقى
جاۋابنى بىرەرسەن كىمنىڭ ھەققىگە .
بەڭگىنى باش قىلساڭ ئەللەر خارمۇش ،
جېدەلخور باش بولسا ئەللەر ئارا مۇش .
ناۋادا ساراڭنى باش قىلساڭ ئەلگە
بولمامدۇ ۋەزىرلەر ، لەشكەرلەر گومۇش .
ئۆيۈڭنى يۇرۇتار ئونبەش ۋات چىراق
ساراينى ئوتتۇزى ، دالاننى يۈزى .
ئەمىلىڭ چوڭايدى ئوبدان ئويلاپ باق
يەلكەڭدە قالمىسۇن ئەلنىڭ ئاش تۇزى .
ئەمەلداار مىسالى گويا بىر كۆۋرۈك
كۆۋرۈكتىن ئۇيان ۋە بۇيان ئۆتكۈلۈك .
ناۋادا بىر تەرەپ تۇسۇپ قۇيۇلسا
تەڭلىكتىن ، ئۆملۈكتىن ئۈمىد ئۈزگۈلۈك .
ئەھەت مامۇت كۇچا چىمەن
13109090902