باشلىققا سۆز باشلىقنىڭ ياخشىسى ھارام يېمەستۇر ، ھارام ئۇ بىر ئوتكى گويا پەۋەستۇر ..
نەپنى دەپ ئاۋامنىڭ رىسقىنى قىيغان ، ھارامخور ، پارىخور ئادەم ئەمەستۇر . سەن باشلىق بىر ئەمەس مىڭنىڭ غېمن
ىقىلىسەن ، تاپىسەن مىڭنىڭ نېنىنى . ناۋادا ئۇنىڭغا قىلمىساڭ جۈرئەت ۋاز كەچكىن خۇدانىڭ كەڭدۇر زېمىنى . كۆڭۈلنى ھايالىق رەناغا تۇتقۇز ، ھۇقۇقنى ئەقىللىق داناغا تۇتقۇز .
باشلىقتا بولمىسا ئىنساپ دىيانەت ئۇنىڭغا ئەل ئەمەس خالانى تۇتقۇز . مىڭ تەستە چىقىسەن مەنسەپ تەختىگە ئولتۇرۇپ تالاينىڭ ئىقبال بەختىگە . بولمامدۇ جاھاننىڭ ئىستەك سورىقى جاۋابنى بىرەرسەن كىمنىڭ ھەققىگە . بەڭگىنى باش قىلساڭ ئەللەر خارمۇش ، جېدەلخور باش بولسا ئەللەر ئارا مۇش . ناۋادا ساراڭنى باش قىلساڭ ئەلگە بولمامدۇ ۋەزىرلەر ، لەشكەرلەر گومۇش . ئۆيۈڭنى يۇرۇتار ئونبەش ۋات چىراق ساراينى ئوتتۇزى ، دالاننى يۈزى . ئەمىلىڭ چوڭايدى ئوبدان ئويلاپ باق يەلكەڭدە قالمىسۇن ئەلنىڭ ئاش تۇزى .
ئەمەلداار مىسالى گويا بىر كۆۋرۈك كۆۋرۈكتىن ئۇيان ۋە بۇيان ئۆتكۈلۈك . ناۋادا بىر تەرەپ تۇسۇپ قۇيۇلسا تەڭلىكتىن ، ئۆملۈكتىن ئۈمىد ئۈزگۈلۈك . ئەھەت مامۇت كۇچا چىمەن
13109090902
|