خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ دېلولىرىنى بېجىرگەندە، ئالدى بىلەن دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ۋە زىيانلىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىشى ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قاراپ تەنقىدىي تەربىيە بېرىشى ياكى ھەق تەلەپ جازاسى بېرىشى كېرەك. لېكىن، بۇنداق «نىكاھ» مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، نىكاھ، ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدا يەتكۈزۈش، تىنچ ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتىنى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە شەرتلىك ھالدا ئېتىراپ قىلىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، شۇڭا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، بۇنداق دېلولارنى سوت قىلىش ھەققىدە تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى «نىكاھلىنىشنى تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، مۇناسىۋىتىمۇ ئامما تەرىپىدىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت دەپ قارالغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە «نىكاھتىن ئاجرىشىش» دەۋاسى قىلغاندا، ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىەە توشىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى پاكىتقا ئايلانغان نىكاھ مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ دەۋا قىلغاندا بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك.
2. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى «نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىش چارىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، مۇناسىۋىتىمۇ ئامما تەرىپىدىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت دەپ قارالغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش شەرتىگە توشسا، ئۇلارنىڭ ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بار، دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ئەر-خوتۇنلاردىن بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك.
3. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئېلان قىلغان نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇش نىزامى يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرگە قانۇنسىز نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋالغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
4. نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، قايتا نىكاھلانماي يارىشىۋېلىش رەسمىيىتى ئۆتىمەيلا يەنە ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەردىن بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش داۋاسى قىلسا، ئۇلارىڭ قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك.
5. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتقان بىر تەرەپ يەنە ئۈچىنچى كىشى بىلەن ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرسە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ يەنە ئۈچىنچى كىشى بىلەن نىكاھلىنىشنى تىزىملاتسا ۋە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ بىر كىشى بىلەن يېڭىدىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرسە، ئالدىنقى نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ ئۇنىڭ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ كېيىنكى نىكاھ مۇناسىۋىتى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىگە توشقان-توشمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى بىكار قىلىش كېرەك.نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇرەسسە قىلىش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
6. ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىش كېرەك. مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىپ قالغانلار ياكى دەۋادىن كەچكەنلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتىپ، ئۇلارغا مۇرەسسەنامە ياكى كېسىمنامە بېرىش كېرەك؛ مۇرەسسەدە كېلىشتۈرگىلى بولمىغانلارنى مۇرەسسە ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشتۇرىۋېتىش كېرەك.
7. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ «نىكاھتىن ئاجرىشىش»نى ياكى مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ بىللە ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھۆكۈم ئارقىلىق بىردەك بىكار قىلىش كېرەك.
8. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋالغانلارنىڭ دېلولىرىنى سو تقىلغاندا، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىنى بېقىش ۋە مال-مۈلۈكنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسى ئۇچرىسا، ئۇنى بىر يولىلا ھەل قىلىشى كېرەك. مال-مۈلۈكنى كونكرېت بۆلگەندە، ئاياللار ۋە بالىلارنى مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىپ، مال-مۈلۈكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ خاتالىقىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ مۇۋاپىق بۆلۈشى كېرەك.
9.قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندا، ئىككى تەرەپ نىكاھسىز تاپقان بالىسى كىم بېقىشنى ئۆزى كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىگەندە، بالىلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. ئېمىتىۋاتقان بالىنى پرىنسىپ جەھەتتە ئانا تەرەپ بېقىشى كېرەك، ئاتا تەرەپنىڭ شارائتى ياخشى بولسا، ئانا تەرەپمۇ قوشۇلسا ئاتا تەرەپ باقسىمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا، بالىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. بىر تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنى باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىشتە يەنە بىر تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.
10.قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندا، ئىككى تەرەپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلىدە بىرلىكتە يىغقان كىرىم ۋە سېتىۋالغان مال-مۈلۈك ئادەتتە ئورتاق مال-مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىر ئۆيگە كىرىۋېلىشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگەن پۇل-مال ھەدىيە مۇناسىۋىتىگە سېلىشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ؛ بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن سوراپ ئالغان پۇل-مال ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 84 س ب 112-نومۇرلۇق «ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر سىياسەت،قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى پىكرى»نىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
11. قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندا، شۇ مەزگىلدىكى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا شەكىللەنگەن ھەقدارلىق ياكى قەرزدارلىق ئىشلىرى ئورتاق ھەقدارلىق ياكى قەرزدارلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
12.قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغاندا، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ساقايمىغان بىر تەرەپكە مال-مۈلۈكنى بۆلۈشتە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش ياكى قارشى تەرەپتىن بىر قېتىمدىلا ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىپ بېرىش كېرەك.
13. بىر ئۆيگە كىرىۋالغان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئۆلۈپ كېتىپ، يەنە بىر تەرەپ ئۆلگۈچىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىلگەن بولسا، جورىسى سالاھىيەتتە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ؛ قانۇنسزى ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىلگەن، يەن ەكېلىپ ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولسا، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇشنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
14.خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىرلارغا «نىكاھ قانۇنى»، «ھەق تەلەپ قانۇنىنى ڭئومۇمىي قائىدىسى»، «>ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى<نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى پىكىر» ۋە باشقا قانۇن، نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇۋاپىق ھەق تەلەپ جازاسى بېرىش لازىم.
15. بۇ پىكىر ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇرۇنقى بەلگىلىمىلىرى بۇ پىكىرگە زىت كەلسە، مۇشۇ پىكىر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.