50 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياندۇرۇشتا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ياندۇرۇش لازىم. تۆمۈريول ئېغىزى، كېسىشمە يول ئېغىزى، بىر يۆنىلىشلىك يول، كۆۋرۈك، جىددىي ئايلانما، تىك داۋان ياكى تۇنېلدا ياندۇرۇشقا بولمايدۇ.
51 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنىدىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى لازىم:
1. يۆنەلدۈرگۈچى ئاپتوموبىل يولى سىزىلغان يول ئېغىزىدا، يۈرىدىغان يۆنىلىش بويىچە يۆنەلدۈرگۈچى ئاپتوموبىل يولىغا كىرىش؛
2. ھالقىسىمان يول ئېغىزىغا كىرمەكچى بولغانلىرى يول ئېغىزى ئىچىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
3. سولغا بۇرۇلۇشتا، يول ئېغىزى مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ سول تەرىپى بىلەن بۇرۇلۇش، بۇرۇلۇشتا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىش، كېچىدە يۈرگەندە يېقىن نۇر چىرىغىنى ئېچىش؛
4. يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالى بېرىلگەندە، رەت بويىچە ئۆتۈش؛
5. توختاش سىگنالى بېرىلگەندە، توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا رەت بويىچە توختاش، توختاش سىزىقى بولمىسا، يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا توختاش؛
6. ئوڭغا بۇرۇلۇشتا ئوخشاش بىر ئاپتوموبىل يولىدىكى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈۋاتقاندا، رەت بويىچە توختاپ كۈتۈپ تۇرۇش؛
7. يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغى يوق كېسىشمە يول ئېغىزىدا، ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش، قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.
52 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمىغان ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى بولمىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، 51 − ماددىنىڭ 2.، 3. تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:
1. قاتناش بەلگىسى، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنسا، ئاۋۋال يول يۈرگەن تەرەپنىڭ يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
2. قاتناش بەلگىسى، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنمىسا، يول ئېغىزىغا كىرىشتىن بۇرۇن قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ كۆزىتىپ، ئوڭ تەرەپتىكى يولدا كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
3. ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
4. قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.
53 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كېسىشمە يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالسا، رەت بويىچە توختاپ يول ئېغىزىنىڭ سىرتىدا كۈتۈشى كېرەك، يول ئېغىزىغا كىرىشكە بولمايدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقاندا، رەت بويىچە ئۆچىرەتتە تۇرۇش لازىم، ئالدى تەرىپىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قىستۇرۇلۇشقا ياكى ئۇلارنى يانداپ يۈرۈشكە، پىيادىلەر توغرا يولىدا، تورسىمان سىزىقلىق رايوندا توختاپ كۈتۈشكە بولمايدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يولى ئازايغان يول ئېغىزى، يول بۆلىكىدە، ئالدى تەرەپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ ئۆچىرەت كۈتۈۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان بولسا، ئاپتوموبىل يولى ئازايغان يول ئېغىزى، يول بۆلىكىگە ھەربىر يولغا بىردىن قاتناش ۋاسىتىسى رەت بويىچە نۆۋەت بىلەن كىرىشى لازىم.
54 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا قاچىلىغان يۈك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش كىنىشكىسىدىكى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يۈك ماسسىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ، قاچىلىغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋاگوندىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:
1. ئېغىر تىپلىق، ئوتتۇرا تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپقا قاچىلىغان يۈك ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 4 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كونتاينېر قاچىلىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 2.4 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم؛
2. باشقا يۈك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 5.2 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛
3. موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلىغاندا 1.5 مېتىردىن، ئۇزۇنلۇقى كوزۇپتىن 2.0 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ كەڭلىكى ئوڭ − سولغا موتسىكلىت رولىدىن 0.15 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا قاچىلىغان يۈكنىڭ كەڭلىكى كوزۇپتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
ئاپتوبۇسقا كوزۇپ سىرتىدىكى يۈك − تاق جازىسى ۋە ئىچىگە ئورنىتىلغان يۈك − تاق ساندۇقىدىن سىرت، يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ. ئاپتوبۇسنىڭ يۈك − تاق جازىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئاپتوبۇس ئۆگزىسىدىن باشلاپ 0.5 مېتىردىن، يەر يۈزىدىن باشلانغان ئېگىزلىكى 4 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
55 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئادەم سېلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:
1. تاشيولدا يولۇچى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلغا بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ، ئەمما بەلگىلىمە بويىچە بېلەت ئالمايدىغان بالىلار بۇنىڭ سىرتىدا. سالغان ئادەم سانى توشۇپ قالغان ئەھۋالدا، بەلگىلىمە بويىچە بېلەت ئالمايدىغان بالىلارنىڭ سانى بېكىتىلگەن يولۇچى سېلىش سانىدىن 10% تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛
2. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋاگونىغا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. شەھەر يولىدا يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەر ئورۇن قويغان ئەھۋالدا، ۋاگون ئىچىگە ۋاقىتلىق مەشغۇلات خادىمىدىن 5~1 ئادەمنى قوشۇپ سېلىۋالسا بولىدۇ؛ يۈكنىڭ ئېگىزلىكى ۋاگون توساق تاختىسىدىن ئېشىپ كەتسە، يۈك ئۈستىگە ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ؛
3. موتسىكلىتنىڭ ئارقىسىغا 12 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئولتۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، يىنىك موتسىكلىتقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.
56 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە پرىتسېپ سۆرىتىش تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم:
1. يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپ سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل، تراكتورغا بىرلا پرىتسېپ چېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. پرىتسېپنىڭ چىراغ، تورمۇز، چېتىش، بىخەتەرلىك قوغدىنىش قاتارلىق ئەسلىھەلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش لازىم؛
2. كىچىك يولۇچى ئاپتوموبىلىغا سەپەر تۇرالغۇ پرىتسېپى ياكى ئومۇمىي ماسسىسى 700 كىلوگرامدىن تۆۋەن پرىتسېپلا سۆرىتىشكە بولىدۇ. پرىتسېپقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ؛
3. يۈك ئاپتوموبىلىغا سۆرەتكەن پرىتسېپنىڭ يۈك ماسسىسى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆزىگە يۈك قاچىلاش ماسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوبۇس، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، شۇنىڭدەك باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ.
57 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇرۇلۇش چىرىغىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش كېرەك:
1. سولغا بۇرۇلۇش، قاتناش ۋاسىتىسى يولنى سولغا ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل ياندىماقچى بولۇش، ئاپتوموبىل توختاش ئورنىدىن ئايرىلىش ياكى ياندۇرۇشتا، ئالدىنئالا سولغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىش؛
2. ئوڭغا بۇرۇلۇش، قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئوڭغا ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل يانداپ بولۇپ ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل يولىغا قايتىش، يول ياقىسىغا ئاپتوموبىل توختىتىشتا، بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىنئالا ئېچىش.
58 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە يول چىرىغى بولمىغان، يورۇتۇش ياخشى بولمىغان ياكى تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ − توزان، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈنۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا يول يۈرگەندە، ئالدى يورۇتۇش چىرىغى، دائىرە چىرىغى ۋە ئارقا ئورۇن چىرىغىنى ئېچىۋېتىشى لازىم، ئەمما بىر يۆنىلىشتە يۈرۈۋاتقان ئارقىسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يېقىن ئارىلىقتا يۈرۈۋاتقاندا، يىراق نۇر چىرىغىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۇمانلىق كۈنلەردە يۈرگەندە، تۇمان چىرىغى ۋە خەتەر سىگنالى نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىشى لازىم.
59 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىدە جىددىي ئايلانما، داۋان، ئەگمە كۆۋرۈك، پىيادىلەر توغرا يولى ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمايدىغان يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، يىراق، يېقىن نۇر چىرىغىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ ئىشارەت بېرىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى جىددىي ئايلانما، يانتۇ يول چوققىسى قاتارلىق بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يول بۆلىكىگە يېقىنلاشقان، شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل ياندىغان ياكى جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشى ھەمدە سىگنال بېرىپ ئىشارەت قىلىشى لازىم.
60 − ماددا يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قاتناشقا توسالغۇ بولسا ھەم يۆتكەش قىيىن بولسا، بەلگىلىمە بويىچە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىپ قويۇشى ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارقىسىدىكى 100~50 مېتىر جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇشى، كېچىدە يەنە بىرلا ۋاقىتتا دەھلىز كۆرسىتىش چىرىغى ۋە ئارقا چىراغنى ئېچىپ قويۇشى لازىم.
61 − ماددا كاشىلا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش لازىم:
1. سۆرەلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ھەيدىگۈچىدىن باشقا ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ، پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ؛
2. سۆرەلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كەڭلىكى سۆرەلگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ بولسا بولمايدۇ؛
3. يۇمشاق چاتمىلىق سۆرەش قۇرۇلمىسى ئىشلەتكەندە، سۆرىگۈچى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئارىلىقى 4 مېتىردىن چوڭ، 10 مېتىردىن كىچىك بولۇشى كېرەك؛
4. تورمۇزلاش ئىقتىدارى يوقالغان سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىگە قاتتىق چاتمىلىق سۆرەش قۇرۇلمىسى ئىشلىتىپ سۆرەش كېرەك؛
5. سۆرىگۈچى ۋە سۆرەلگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئاپتوموبىللىق كران ۋە چاقلىق مەخسۇس مېخانىكىلىق ماشىنىغا قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىتىشكە بولمايدۇ. موتسىكلىت قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەشكە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى موتسىكلىتنى سۆرەشكە بولمايدۇ.
رول، چىراغ، سىگنال قۇرۇلمىسى ئىقتىدارىنى يوقاتقان كاشىلا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەخسۇس توسالغۇ تازىلاش ئاپتوموبىلىغا سۆرىتىش كېرەك.
62 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشتە، تۆۋەندىكى قىلمىشلارغا يول قويۇلمايدۇ:
1. ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى، ۋاگونى چىڭ يېپىلمىغاندا يۈرۈش؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كابىنكىسىنىڭ ئالدى − ئارقا دېرىزىسى دائىرىسىگە ھەيدىگۈچىنىڭ كۆرۈش سىزىقىغا توسقۇن بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېسىش، قويۇش؛
3. قول تېلېفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق بىخەتەر ھەيدەشكە كاشىلا بولىدىغان قىلمىشلار؛
4. تىك داۋاندىن چۈشۈشتە ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىش ياكى خولوستۇيدا سىيرىلىپ يۈرۈش؛
5. يولغا نەرسە تاشلاش، چېچىش؛
6. موتسىكلىت ھەيدىگەندە رولنى قويۇۋېتىش ياكى رولغا نەرسە ئېسىپ قويۇش؛
7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۇدا 4 سائەتتىن ئارتۇق ھەيدەپمۇ توختىتىپ دەم ئالماسلىق ياكى توختاپ دەم ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولۇش؛
8. سىگنال بېرىش چەكلەنگەن رايون ياكى يول بۆلىكىدە سىگنال بېرىش.
63 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولدا ۋاقىتلىق توختىتىشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم:
1. توختىتىشنى مەنئى قىلىش بەلگە، سىزىقى بار يول بۆلىكى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر يولى ئارىلىقىدا ئايرىش ئەسلىھەسى بار يول بۆلىكى، شۇنىڭدەك پىيادىلەر توغرا يولى، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بۆلەكلەردە قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ؛
2. كېسىشمە يول ئېغىزى، تۆمۈريول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، كەڭلىكى 4 مېتىر كەلمەيدىغان تار يول، كۆۋرۈك، تىك داۋان، تۇنېل، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر ئىچىدىكى يول بۆلىكىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىشقا بولمايدۇ؛
3. ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى پونكىتى.نىڭ دەرۋازىسى ئالدى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى جايلارغا 30 مېتىر كەلمەيدىغان يول بۆلىكىدە، يۇقىرىقى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشتىن سىرت، قاتناش ۋاسىتىسى توختىتىشقا بولمايدۇ؛
4. قاتناش ۋاسىتىسى مەزمۇت توختاشتىن بۇرۇن ئىشىكنى ئېچىش ۋە چىقىپ − چۈشۈشكە، ئىشىكنى ئېچىپ − يېپىپ باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛
5. قاتناش ۋاسىتىسىنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يېقىن توختىتىش لازىم، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى قاتناش ۋاسىتىسىدىن ئايرىلماي، خادىملار چىقىپ − چۈشۈپ بولغان ياكى يۈكنى قاچىلاپ − چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ھەيدەپ كېتىش لازىم؛
6. شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى بېكەت سىرتىدىكى يول بۆلىكىدە توختاپ يولۇچى چۈشۈرۈش ۋە سېلىشقا بولمايدۇ.
64 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سۇ يامراپ كەتكەن يول ياكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە، توختاپ سۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن، ئاستا سۈرئەتتە ئۆتۈشى لازىم.
65 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بۇيۇمنى توشۇپ تۆمۈريول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، شۇ جايدىكى تۆمۈريول تارمىقى بەلگىلىگەن تۆمۈريول ئېغىزى، ۋاقتى بويىچە ئۆتۈش كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىكتىن ئۆتۈشتە، كېچىك باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ قوماندىسىغا بويسۇنۇشى، كۆرسىتىلگەن جايدا رەت بويىچە ئۆتۈشنى كۈتۈشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېچىك كېمىسىگە چىقىش − چۈشۈشتە تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا يۈرۈشى لازىم.
66 − ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قاتناش توسۇلۇپ قالسا، سىگنال بەرگۈچنى ئۈزۈپ − ئۈزۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:
1. سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە يول بۆلىكىدە سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛
2. كېچىدە شەھەر رايونىدا سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛
3. سەپ تۈزۈپ يۈرگەندە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل سىگنال بەرگۈچ ئىشلەتكەن بولسا، ئارقىسىدىكى ئاپتوموبىل سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
67 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئورۇن قورۇسىدا، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئىچىدە تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈشى، پىيادىلەرگە يول بېرىشى لازىم؛ سۈرئەت چەكلىمىسى بولسا، سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى بويىچە يۈرۈشى لازىم.
.3 − پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە
68 − ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنىدىغان كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك:
1. ئايلىنىدىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
2. ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، يول ئېغىزىغا كىرمەسلىك؛
3. سولغا بۇرۇلۇشتا، يول ئېغىزى مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن ئايلىنىش؛
4. توختاش سىگنالى بېرىلگەندە، رەت بويىچە يول ئېغىزىدىكى توختاش سىزىقىنىڭ سىرتىدا توختاش؛
5. ئوڭغا بۇرۇلۇشتا بىر يۆنىلىشتىكى ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش سىگنالىنى كۈتۈۋاتقاندا، شۇ قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئىچىدە ئايلانغىلى بولسا، ئۆتسە بولىدۇ؛ ئايلانغىلى بولمىسا، رەت بويىچە كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.
69 − ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش بەلگە چىرىغى بىلەن كونترول قىلىنمىغان ھەم قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقى بولمىغ−ان كېسىشم−ە ي−ول ئېغىزىدىن ئۆت−ۈشتە، 68 − ماددىنىڭ 1، 2 ۋە 3 تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:
1. قاتناش بەلگە، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنغان بولسا، ئالدىن يول يۈرگەن تەرەپنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
2. قاتناش بەلگە، سىزىقى بىلەن كونترول قىلىنمىغان بولسا، يول ئېغىزى سىرتىدا ئاستا يۈرۈپ ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ كۆزىتىپ، ئوڭ تەرىپىدىكى يولدىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش؛
3. قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە يۈرۈپ ئوڭغا ئايلىنىدىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى سولغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاۋۋال يۈرۈشىگە يول بېرىش.
70 − ماددا ۋېلىسىپىت، ئېلېكترلىك ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا يول بۆلىكىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولدىن توغرا ئۆتۈشتە، چۈشۈپ ئىتتىرىپ يۈرۈش، پىيادىلەر توغرا يولى ياكى پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈش؛ پىيادىلەر توغرا يولى، پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى بولمىسا ياكى پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈش ئەپسىز بولسا، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۇدۇل يۈرۈپ ئۆتۈش لازىم.
ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئىگىلىۋېلىنغانلىقتىن شۇ يولدا يۈرۈشكە بولمىغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى توسۇلۇپ قالغان يول بۆلىكىدىكى قوشنا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن پايدىلىنىپ يۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئىگىلىۋېلىنغان يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تېزلىكتە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا قايتىپ يۈرۈشى لازىم. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىشى كېرەك.
71 − ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىغا نەرسە قاچىلاشتا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:
1. ۋېلىسىپىت، ئېلېكترلىك ۋېلىسىپىت، مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسىغا قاچىلىغان نەرسىنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلاپ 1.5 مېتىردىن، كەڭلىكى رولدىن ھېسابلىغاندا ئوڭ − سولغا 0.15 مېتىردىن، ئۇزۇنلۇقى ئالدى ئۇچى چاقتىن، كەينى ئۇچى كوزۇپتىن 0.30 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛
2. ئۈچ چاقلىق ھارۋا، قول ھارۋىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن باشلاپ 2 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، كەڭلىكى ئوڭ − سولغا كوزۇپتىن 0.2 مېتىردىن چىقىپ كەتسە، ئۇزۇنلۇقى كوزۇپتىن 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛
3. ئۇلاغ ھارۋىسىغا قاچىلىغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى يەر يۈزىدىن ب−اشلاپ 2.5 مېتىردىن ئېش−ىپ ك−ەتس−ە، ك−ەڭلىكى ئوڭ − سولغا كوزۇپتىن 0.2 مېتىر چىقىپ كەتسە، ئۇزۇنلۇقى ئالدى ئۇچى ھارۋا شوتىسىدىن، ئارقا ئۇچى كوزۇپتىن 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
ۋېلىسىپىتقا ئادەم سېلىش بەلگىلىمىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىدۇ.
72 − ماددا يولدا ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا، ئېلېكترلىق ۋېلىسىپىت، مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەشتە، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:
1. ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەيدىغانلار 12 ياشقا توشقان بولۇشى شەرت؛
2. ئېلېكترلىق ۋېلىسىپىت ۋە مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەيدىغانلار 16 ياشقا توشقان بولۇشى شەرت؛
3. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛
4. ئايلىنىشتىن بۇرۇن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش، قول ئىشارىتى قىلىش لازىم، تۇيۇقسىز تېز بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشتا ياندىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛
5. قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەش، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېسىلىۋېلىشقا ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىگە سۆرىتىشكە بولمايدۇ، ئىككى قولىنى قويۇۋېتىش ياكى قولىغا نەرسە ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ؛
6. يۆلىنىپ ياندىشىپ يۈرۈش، بىر − بىرىنى قوغلىشىش ياكى ئەگرى − بۈگرى بەسلىشىپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛
7. يولدا بىر چاقلىق ۋېلىسىپىت ياكى 2 دىن ئارتۇق ئادەم مىنىدىغان ۋېلىسىپىت مىنىشكە بولمايدۇ؛
8. ئىككى پۇتى مېيىپ ئەمەس كىشى مېيىپلار مېخانىكىلىق چاقلىق ھارۋىسى ھەيدەشكە بولمايدۇ؛
9. ۋېلىسىپىت، ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى ئورنىتىشقا بولمايدۇ؛
10. يولدا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىشكە بولمايدۇ.
73 − ماددا يولدا ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدەيدىغانلار 16 ياشقا توشقان بولۇش ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:
1. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدەشكە بولمايدۇ؛
2. ياندىشىپ يۈرۈشكە، ھەيدىگۈچى ھارۋىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ؛
3. ئاۋات يول بۆلىكى، كېسىشمە يول ئېغىزى، تۆمۈريول ئېغىزى، پىيادىلەر توغرا يولى، جىددىي ئايلانما يول، كەڭلىكى 4 مېتىر كەلمەيدىغان تار يول ياكى تار كۆۋرۈك، تىك داۋان، تۇنېل ياكى ئاسان خەتەر يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشقا بولمايدۇ. ئىككى چاقلىق ئۇلاغ ھارۋىسى ھەيدىگەندە ھارۋىدىن چۈشۈپ ئۇلاغنى يېتىلىۋېلىش لازىم؛
4. ھارۋىغا كۆندۈرمىگەن ئۇلاغنى قاتسا بولمايدۇ، ئەگەشتۈرۈۋالغان ئۇلاغنى باغلاش كېرەك؛
5. ھارۋىنى توختىتىپ قويۇشتا تورمۇزنى چىڭ تارتىش، ئۇلاغنى باغلاش كېرەك.
.4 − پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە\= ئولتۇرغۇچىلار يول يۈرۈشكە \=دائىر بەلگىلىمە
74 − ماددا پىيادىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشىغا يول قويۇلمايدۇ:
1. يولدا غالتەكلىك تاختا، غالتەكلىك كانكى ئايىغى قاتارلىق سىيرىلىپ يۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش؛
2. ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىدا ئولتۇرۇش، يېتىش، توختاش، ئويۇن، چاقچاق قىلىش؛
3. قاتناش ۋاسىتىسىنى قوغلاش، قاتناش ۋاسىتىسىگە نەرسە ئېتىشتەك يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاشىلا قىلىدىغان قىلمىشلار.
75 − ماددا پىيادىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن توغرىسىغا ئۆتۈشتە، پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى بولمىسا، پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر توغرا يولى بولمىسا، كېلىپ − كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆتسە بولىدۇ، قاتناش ۋاسىتىسى يېقىنلىشىپ قالغاندا تۇيۇقسىز توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە ياكى ئوتتۇرا يولدىن چېكىنىشكە، ئارقىغا قايرىلىشقا بولمايدۇ.
76 − ماددا پىيادىلەر سەپ بولۇپ يول يۈرۈشتە، ھەربىر توغرا سەپ ئىككى كىشىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەمما قاتناش ئىدارە قىلىنغان يول بۆلىكىدە بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.