باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1862 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى-1
دوستلىشىش
gayrat828
قوللىرىنى شىلتىپ، بولۇپمۇ بىگىز بارمىقىنى تەڭلە ..
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 385
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە385دانە
ئۆسۈش: 10590 %
مۇنبەر پۇلى: 11150 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-11 18:50

يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى-1

2004 − يىل 4 − ئاينىڭ 28 − كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 49 − يىغىنىدا ماقۇللاندى2004 − يىل 4 − ئاينىڭ 30 −كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 405 − نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى 2004 − يىل 5 − ئاينىڭ 1 − كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

1 − باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 − ماددا بۇ نىزام »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى« تۆۋەندە «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» دېيىلىدۇ.دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.
2 − ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنداقلا يول قاتناش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ۋە بۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.
3 − ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى شەھەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرىنى باھالاشقا تەشكىللەپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، باشقۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.

.2 − باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر

1 − پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى

4 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش رويخەتكە ئېلىش، تىزىم ئۆزگەرتىش، يۆتكىلىشنى تىزىملاش، رەنە قويۇشنى تىزىملاش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش دەپ ئايرىلىدۇ.
5 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئېلىشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
2. قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋالغان تالون قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كېلىش مەنبە ئىسپاتى؛
3. پۈتۈن قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش لاياقەت ئىسپاتى ياكى ئىمپورت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىمپورت قىلىنغانلىق دوكۇمېنتى؛
4. قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم دوكۇمېنتى؛
5. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3 − شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىلاش دوكۇمېنتى؛
6. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن − نىزاملاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تىزىملىتىشتا، تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات − دوكۇمېنتلار.
گوۋۇيۈەننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن قاتناش ۋاسىتىسى تىپىغا كىرمەيدىغانلىرى يەنە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئېتىش لازىم. 
6 − ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم:
1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى گەۋدىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش؛
2. ماتورنى ئالماشتۇرۇش؛
3. ئاپتوموبىل گەۋدىسى ياكى رامىنى ئالماشتۇرۇش؛
4. سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلۈش تۈپەيلىدىن، ياسىغۇچى زاۋۇت پۈتۈن ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش؛
5. تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى غەيرىي تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ياكى غەيرىي تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىجارەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئۆزگەرتىش؛
6. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى تۇرار جايىدىن كۆچۈپ كېتىش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايونغا كۆچۈپ كېلىش.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىسپات − دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى، ئالدىنقى تارماقنىڭ 1، 2، 3، 4، 5 تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، يەنە قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرتۈشى؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 2.، 3. تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، يەنە بىرلا ۋاقىتتا قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى لازىم: 
1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى؛
3. قاتناش ۋاسىتىسى يول يۈرۈش كىنىشكىسى.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ تۇرار جايى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىك رايونى دائىرىسىدە يۆتكەلسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ ئىسىم − فامىلىسى ئورۇن نامى. ياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.
7 − ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلسە، يۆتكىلىشنى ۋاقتىدا تىزىملىتىشى لازىم.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۆتكىلىشنى تىزىملىتىشتا، ئالاقىدار كىشى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىن−ى ت−ەكشۈرت−ۈشى ھ−ەمدە ت−ۆۋەندىكى ئىسپات − دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1. ئالاقىدار كىشىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىك ئىسپات − دوكۇمېنتى؛
3. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق گۇۋاھنامىسى؛
4. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى.
8 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە بۇيۇم قاتارىدا رەنە قويۇشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا رەنە تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
9 − ماددا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەت بەلگىلىگەن مەجبۇرىي براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى براك قىلىش قەرەلى توشۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىگە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى براك قىلىش قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىغىۋېلىش كارخانىسىنىڭ يىغىۋېلىشىغا سېتىپ بېرىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىغىۋېلىش كارخانىسى براك قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى تىزىملاتمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يوقاپ كېتىش تۈپەيلىدىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 
10 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىسپات − دوكۇمېنتلار تولۇق، كۈچكە ئىگە بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملاش رەسمىيىتىنى نەق مەيداندا بېجىرىپ بېرىشى لازىم.
خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، شۇنىڭدەك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن، تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاشنى بېجىرمەيدۇ.
11 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى يىتىپ كېتىپ ياكى كاردىن چىقىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش ئارخىپىغا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىلتىماسنى ت−اپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىدۇ.
12 − ماددا باج تارمىقى، سۇغۇرتا ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىش بېجىرىش سورۇنىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باج تاپشۇرۇش، سۇغۇرتا توختامى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرسە بولىدۇ.
13 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى − ئارقىسىدىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئېسىلىشى، پاكىز، پۈتۈن بولۇشى لازىم. ئېغىر تىپلىق، ئوتتۇرا تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئۇنىڭ پرىتسېپى، تراكتور ۋە ئۇنىڭ پرىتسېپى، كوزۇپى ياكى ۋاگوننىڭ ئارقىسىغا چوڭايتىلغان تاختا نومۇر پۈركۈشى، خەت شەكلى توغرا ھەم پاكىز بولۇشى لازىم.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى، سۇغۇرتىلاش بەلگىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدى دەرىزىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى بۇرجىكىگە چاپلىنىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىغا پۈركۈلگەن، چاپلانغان بەلگە ياكى كوزۇپ ئېلانلىرى بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ.
14 − ماددا تاشيول تىجارەت ترانسپورتىغا ئىشلىنىدىغان ئاپتوبۇس، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، يېرىم چاتما پرىتسېپ سۆرىگۈچى ئاپتوموبىلغا دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان يۈرۈشنى خاتىرىلىگۈچى ئاپپارات ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش لازىم. قاتناش ساقچىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى، ئۇدا ھەيدەش ۋاقتى، شۇنىڭدەك باشقا يۈرۈش ھالىتى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. يۈرۈشنى خاتىرىلىگۈچى ئاپپارات ئورنىتىشنى قەدەم باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويسا بولىدۇ. يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
15 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش، ئۆلچەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.
16 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ، تۆۋەندىكى مۆھلەت بويىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتىدۇ:
1. تىجارەت ترانسپورتىدىكى ئاپتوبۇسنى 5 يىل ئىچىدە ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 5 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛
2. يۈك ئاپتوموبىلى چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق غەيرىي تىجارەت ترانسپورت ئاپتوموبىلىنى 10 يىل ئىچىدە ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 10 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛
3. كىچىك، مىكرو تىپتىكى غەيرىي تىجارەت ترانسپورت يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى 6 يىل ئىچىدە ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 6 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 15 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛
4. موتسىكلىتنى 4 يىل ئىچىدە ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛ 4 يىلدىن ئاشقانلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ؛
5. تراكتور ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ.
تىجارەت ترانسپورتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مۆھلەت ئىچىدە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكرار تەكشۈرتۈلمەيدۇ.
17 − ماددا تىزىملانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىگە خاتىرىلەنگەن تىزىملاش مەزمۇنى بىلەن شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئالاقىدار ئەھۋال ئوخشاش چىقمىسا ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى 3 − شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىلاش دوكۇمېنتىنى بەلگىلىمە بويىچە تەمىن ئەتمىسە، تەكشۈرتۈش ماقۇللانمايدۇ.
18 − ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، كېسەل قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بەلگە نۇسخىسى پۈركۈش، شۇنىڭدەك سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىراغ ئورنىتىش، ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تۈزىدۇ.

.2 − پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى

19 − ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ ياسىتىدۇ.
20 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشنى ئۆگىنىشتە، ئاۋۋال يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن − نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ماھارىتىنى ئۆگىنىش كېرەك.
يولدا ھەيدەشنى ئۆگىنىش جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن لىنىيە، ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش ماھارىتىنى ئۆگىنىشتە مەشىق ئاپتوموبىلى ئىشلىتىلىپ، تەربىيىچىنىڭ ئاپتوموبىلدا يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇتۇش بىلەن ئالاقىسى يوق خادىملار مەشىق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. كۇرسانت ھەيدەشنى ئۆگىنىش داۋامىدا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلسا ياكى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، جاۋابكارلىقنى تەربىيىچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
21 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئىمتىھان ئېلىشى، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا 5 كۈن ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىشى؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى لازىم.
22 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 6 يىل بولىدۇ، بۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى تۇنجى قېتىم ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىنكى 12 ئاي پراكتىكا مەزگىلى بولىدۇ. پراكتىكا مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەيدىغانلار، كوزۇپنىڭ ئارقا قىسمىغا بىرلىككە كەلگەن نۇسخىدىكى پراكتىكا بەلگىسىنى چاپلىشى ياكى ئېسىشى لازىم.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى پراكتىكا مەزگىلىدە شەھەر ئاپتوبۇسى، تىجارەت ترانسپورت ئاپتوبۇسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، كېسەل قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، شۇنىڭدەك پارتلايدىغان بۇيۇم، ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە پارتلايدىغان خىمىيىلىك بۇيۇم، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىپلىق قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ؛ ھەيدەيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىغا پرىتسېپ سۆرىتىشكە بولمايدۇ.
23 − ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىغا جۇغلانما نومۇر خاتىرىلەش تۆۋەندە قىسقارتىپ نومۇر خاتىرىلەش دېيىلىدۇ. تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى 12 ئاي بولىدۇ. بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بەلگىلىمە بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن − نىزاملىرىنى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى ھەمدە ئىمتىھاننى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولسا، داۋاملىق ئۆگىنىشكە ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.
نومۇر خاتىرىلىنىدىغان يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە نومۇر قىممىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ زىيانلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن خاتىرىلەنگەن نومۇرنى سۈرۈشتە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.
24 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12گە يەتمىسە، جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرغان بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؛ خاتىرىلەنگەن نومۇر 12گە يەتمىگەن بولسىمۇ، جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولسا، خاتىرىلەنگەن نومۇر كېيىنكى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىك ۋاقتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە خاتىرىلەنگەن نومۇر بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتى ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق 12 نومۇرغا يەتسە، 23 − ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىشتىن سىرت، يەنە ھەيدەش ماھارىتىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا، نومۇر ئۆچۈرۈۋېتىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولسا، داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.
ھەيدەش ماھارىتىدىن ئىمتىھان بېرىشتە، شۇ كىشىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە يېزىلغان ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
25 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇقتۇرغان ئۆگىنىشكە قاتنىشىشنى رەت قىلسا ھەم ئىمتىھانغا قاتناشمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىشتىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
26 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ 6 يىللىق كۈچكە ئىگە مەزگىلىدە، ھەربىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىدا 12 نومۇرغا يەتمىسە، 10 يىللىق كۈچكە ئىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ 10 يىللىق كۈچكە ئىگە مەزگىل ئىچىدە، ھەربىر نومۇرغا خاتىرىلەش دەۋرلىنىش ۋاقتىدا 12 نومۇرغا يەتمىسە، ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.
27 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىتىپ كېتىپ، كېرەكتىن چىقىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئارخىپقا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىدۇ.
28 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يىتىپ كەتكەن، كېرەكتىن چىققان، كۈچكە ئىگە قەرەلىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، شۇنىڭدەك خاتىرىلەنگەن نومۇر 12 گە يەتكەندە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشكە بولمايدۇ.

3 − باب يول يۈرۈش شەرتى

29 − ماددا قاتناش بەلگە چىرىغى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى، پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل يولى بەلگە چىرىغى، يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغى، نۇر چاقنىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە چىرىغى، تاشيول بىلەن تۆمۈريول تەكشىلىكتە كېسىشكەن ئېغىز بەلگە چىرىغى دەپ ئايرىلىدۇ.
30 − ماددا قاتناش بەلگىسى كۆرسىتىش بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، مەنئى قىلىش بەلگىسى، يول كۆرسىتىش بەلگىسى، ساياھەت رايونى بەلگىسى، يول قۇرۇلۇشى قىلىش بىخەتەرلىك بەلگىسى ۋە قوشۇمچە بەلگە دەپ ئايرىلىدۇ.
يول قاتناش بەلگە سىزىقى كۆرسىتىش سىزىقى، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى، مەنئى قىلىش سىزىقى دەپ ئايرىلىدۇ.
31 − ماددا قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى قول ئىشارەت بەلگىسى ۋە ئەسۋاب ئىشلەتكەن قاتناش قوماندا بەلگىسى دەپ ئايرىلىدۇ.
32 − ماددا كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر توغرا ئۆتىدىغان يول بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يول بۆلەكلىرىگە پىيادىلەر توغرا يولى، كوچا ئاسما كۆۋرۈكى ياكى كوچا يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى تەسىس قىلىش لازىم.
ئەمالارنىڭ يۈرۈشى بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان يول بۆلەكلىرىدىكى پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغىغا ئاۋازلىق ئەسكەرتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش لازىم.
33 − ماددا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، شەھەر يوللىرىدا قاتناش توختاش ئورنى تەسىس قىلسا ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسى توختاش ئورنىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.
34 − ماددا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل يۈرۈش لىنىيىسى ياكى بېكەتلەرنى ئېچىش ۋە ئۇنى تەرتىپكە سېلىش قاتناش پىلانى ۋە بىخەتەر، راۋان بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 
35 − ماددا يول ئاسراش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇن يولنى ئاسرىغان، رېمونت قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەملىك بولغان بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىشى كېرەك. يول ئاسراش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى مەشغۇلات ئاپتوموبىلى، مېخانىزملىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ئورنىتىش، كۆزگە چېلىقىدىغان بەلگە نۇسخىسى پۈركۈش، مەشغۇلات ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ۋە خەتەرلىك سىگنال نۇر چاقنىتىش چىرىغىنى ياندۇرۇش لازىم. قاتناش ئۈزۈلۈپ قالمىغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يوللاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قاتناش توسۇلۇپ قالسا، ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، قاتناش تەرتىپىنى قوغدىشى لازىم.
يول قۇرۇلۇشى قىلىش ئېھتىياجى بىلەن قاتناش ۋاسىتىلىرى ئايلىنىپ يۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئايلىنىپ يۈرىدىغان جايغا بەلگە ئورنىتىشى؛ ئايلىنىپ يۈرۈشكە بولمىسا، ۋاقىتلىق ئۆتۈش يولى ياساپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يولنى قامال قىلىپ قاتناشنى ئۈزۈشكە توغرا كەلسە، جىددىي ئەھۋالدىن سىرت، 5 كۈن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم.
36 − ماددا يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى، باشقۇرغۇچى تارماق جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، يار لېۋى، سۇ قىرغىقى قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىگە دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىشى لازىم.
37 − ماددا يول قاتناش بەلگە، سىزىقلىرى ئۆلچەملىك بولمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر پەرقلەندۈرۈشتە ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقىدىغان بولسا، يول قاتناش بەلگە، سىزىقلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق ۋاقتىدا ياخشىلىشى لازىم.
يولنى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى يول قۇرۇلۇشى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يورۇتۇش ئىقتىدارى تولۇق بولۇشى لازىم.

.4 − باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

1 − پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

38 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:
1. يېشىل چىراغ يانغاندا، قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئەمما ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىپ ئۇدۇل يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇشقا بولمايدۇ؛
2. سېرىق چىراغ يانغاندا، توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى داۋاملىق يۈرسە بولىدۇ؛
3. قىزىل چىراغ يانغاندا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.
ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگە چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى ئورنىتىلمىغان يول ئېغىزىدا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بەلگە چىرىغىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرۈش لازىم.
قىزىل چىراغ يانغاندا، ئوڭغا ئايلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇن بولمىغان ئەھۋالدا يۈرسە بولىدۇ.

39 − ماددا پىيادىلەر توغرا يولى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:
1. يېشىل چىراغ يانغاندا، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛
2. قىزىل چىراغ يانغاندا، پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر توغرا يولىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەمما پىيادىلەر توغرا يولىغا كىرىپ بولغانلار داۋاملىق ئۆتسە ياكى يولنىڭ مەركىزىي سىزىقىدا توختاپ كۈتۈپ تۇرسا بولىدۇ.
40 − ماددا ئاپتوموبىل يولى بەلگە چىرىغى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ:
1. يېشىل ئىسترېلكا چىراغ يانغاندا، شۇ ئاپتوموبىل يولىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى كۆرسىتىلگەن يۆنىلىش بويىچە يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛
2. قىزىل ئاچىسىمان چىراغ ياكى ئىسترېلكا چىراغ يانغاندا، شۇ ئاپتوموبىل يولىدا قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
41 − ماددا يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگە چىرىغىنىڭ ئىسترېلكا يۆنىلىشى سولغا، يۇقىرىغا، ئوڭغا قارىتىلىشى ئايرىم − ئايرىم ھالدا سولغا بۇرۇلۇش، ئۇدۇل يۈرۈش، ئوڭغا بۇرۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ.
42 − ماددا نۇر چاقنىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە چىرىغى ئۇدا چاقنايدىغان سېرىق چىراغ بولۇپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنى يول يۈرگەندە كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۆتۈشنى ئەسكەرتىدۇ.
43 − ماددا يول بىلەن تۆمۈريول تەكشىلىكتە كېسىشكەن يول ئېغىزىدا ئىككى قىزىل چىراغ نۆۋەت بىلەن چاقنىسا ياكى بىر قىزىل چىراغ يانسا، قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى؛ قىزىل چىراغ ئۆچسە، قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

.2 − پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

44 − ماددا بىر يۆنىلىشتىكى يولغا ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى سىزىلغان بولسا، سول تەرەپتىكىسى تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولىدۇ. تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يۈرۈش سۈرئىتىگە يەتمەيدىغانلىرى ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى لازىم. موتسىكلىت ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك. قاتناش بەلگىلىمىسىدە يۈرۈش سۈرئىتى كۆرسىتىلگەن بولسا، كۆرسىتىلگەن يۈرۈش سۈرئىتى بويىچە يۈرۈش لازىم. ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنى يانداشتا، تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىسى يولىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
بىر يۆنىلىشتىكى يولغا ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سىزىقى سىزىلغان بولسا، قاتناش ۋاسىتىسى يولىنى ئۆزگەرتىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالاقىدار قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈۋاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
45 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرگەندە سۈرئەت چەكلەش بەلگە، سىزىقىدا كۆرسىتىلگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلگە، سىزىقى يوق يولدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۈرئىتىنى تۆۋەندىكى ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ:
1. يول مەركىزىي سىزىقى بولمىغان يول، شەھەر يولىدا سائىتىگە 30 كىلومېتىر، تاشيولدا 40 كىلومېتىر؛
2.بىر يۆنىلىشتە بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولغان يول، شەھەر يولىدا سائىتىگە 50 كىلومېتىر، تاشيولدا سائىتىگە 70 كىلومېتىر.
46 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۈرۈش داۋامىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىگە يولۇقسا، ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىنى سائىتىگە 30 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تراكتور، ئاككۇمولياتورلۇق ئاپتوموبىل، چاقلىق مەخسۇس مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل سائىتىگە 15 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ:
1. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا كىرىش − چىقىش، تۆمۈريول ئېغىزى، جىددىي ئايلانما يول، تار يول، تار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتە؛
2. كەينىگە بۇرۇلۇش، ئايلىنىش، تىك داۋاندىن چۈشۈشتە؛
3. تۇمان، يامغۇر، قار، چاڭ − توزان، مۆلدۈر بولۇپ، كۆرۈنۈش دەرىجىسى 50 مېتىر ئىچىدە بولغاندا؛
4. قار − مۇزلۇق، پاتقاق يولدا يۈرگەندە؛
5. كاشىلا كۆرۈلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىگەندە.
47 − ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يانداشتا، ئالدىنئ−الا س−ولغا ب−ۇرۇل−ۇش چىرىغىن−ى ئېچىشى، يىراق − يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى نۇرىنى ئۆزگەرتىشى ياكى سىگنال بېرىشى لازىم. يول مەركىزىي سىزىقى يوق ياكى بىر يۆنىلىشتە بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى بولغان يولدا، ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى ئارقىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئاپتوموبىل يانداش بەلگىسىگە يولۇقسا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ يول بېرىشى لازىم. ئارقىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يېتەرلىك بىخەتەرلىك ئارىلىق بار دەپ قارىغاندىن كېيىن، ئالدىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سول تەرىپىدىن يانداپ ئۆتۈپ، ياندىغان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئارىلىق تاشلىغاندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئېچىپ، ئەسلىدىكى قاتناش ۋاسىتىسى يولىغا كىرىشى لازىم.
48 − ماددا مەركىزىي ئايرىش ئەسلىھەسى ياكى مەركىزىي سىزىق بولمىغان يولدا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قارشى يۆنىلىشتىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە ئۇچرىغاندا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:
1. سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئوڭ تەرەپ بىلەن يۈرۈش ھەمدە باشقا قاتناش ۋاسىتىسى، پىيادىلەر بىلەن زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاش؛
2. توسالغۇ بار يول بۆلىكىدە، توسالغۇ يوق تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛ توسالغۇ بار تەرەپ توسالغۇ يول بۆلىكىگە كىرىپ بولغان، توسالغۇ يوق تەرەپ تېخى كىرمىگەن بولسا، توسالغۇ بار تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛ 
3. تار يانتۇ يولدا، داۋانغا چىقىدىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛ ئەمما داۋاندىن چۈشىدىغان تەرەپ ئوتتۇرا يولغا كېلىپ بولغان، داۋانغا چىقىدىغان تەرەپ داۋانغا چىقمىغان بولسا، داۋاندىن چۈشىدىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛
4. تار تاغ يولىدا، تاغ تەرەپتە بولمىغان تەرەپ ئاۋۋال يۈرۈش؛
5. كېچىدە قاتناش ۋاسىتىسى ئۇچراشقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن 150 مېتىر ئارىلىق سىرتىدىن يېقىن نۇر چىرىغى ئىشلىتىش. تار يول، تار كۆۋرۈكتە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇچراشقاندا يېقىن نۇر چىرىغى ئىشلىتىش.
ھايات بىر مەيدان ئويۇن،سەن پەقەت ئويۇنچى خالاس
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2849
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 199
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە199دانە
ئۆسۈش: 1180 %
مۇنبەر پۇلى: 2812 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-19

  يولدىن چىقما ،خاندىن قورقما  دېگەن گەپ بار ...

بۇلار بىزنىڭ بىلىۋىلىشكە تېگشلىك ئەڭ ئاددى تۇرمۇش ساۋادىمىز بولۇپ قالغۇسى ...

قانۇن ھەممىدىن ئەلا !!!!
مۇھەببەتنى چۇشەنگەنلەر، سۆيگۈنى مەڭگۇ قەدىرلەيدۇ!
كامىل يوۋاش
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3222
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 501
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە501دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 5561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2011-02-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 12:00

ياخشى بوپتۇ
insan hayatidiki ajallik illat takaburluk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3487
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1185 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-02
ئاخىرقى: 2010-11-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-12 12:20

ھاياتلىق قىممەتتۇر .ھەممە ئادەم قاتناش قايدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلسا  تۇرمۇشىمىز تىخىمۇ گۈزەل بوللاتتى.
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 690
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە690دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7289 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 20:17

قانۇن مۇقەددەس....ئەمما بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى،(بولۇپمۇ شىنجاڭ-ئاتۇشتا)،.....
بىر دۆلەتنىڭ قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىغى،شۇ دۆلەتتىكى قانۇن ماددىلىرىنىڭ
ئاز-كۆپلىگى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ!...
[ maniwer2010تەرىپىدىن2010-11-22 00:13قايتا تەھرىرلە ]
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....