باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1142 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «خەلق ئاممىسى» زادى كىم؟
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1430 %
مۇنبەر پۇلى: 9593 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-11-10 13:51

«خەلق ئاممىسى» زادى كىم؟

«خەلق ئاممىسى» زادى كىم؟
 لىن چى 
 
  شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ 2010 - يىل 4 - سانىدىن ئېلىندى.
    خەلق ئاممىسى دېگەن بۇ سۆزنى كىچىكىمىزدىلا بىلەتتۇق. ھازىرمۇ ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن خەلق ئاممىسى زادى كىم؟ ئۇ زادى قانداق ئادەملەر؟ بۇنىڭدا ھە دېسىلا گاڭگىراپ قېلىۋاتىمىز.
   خەلق ئاممىسى بەزىدە «خەلق» دېيىلسە، بەزىدە «ئامما» دېيىلىدۇ، بەزىدە «خەلق ئاممىسى» دېيىلىدۇ. خۇددى ئادەمنىڭ ئىسمىغىلا ئوخشاش. ئىسىم دېگەننى تولۇق ئاتىسىمۇ، يېرىم - يارتا ئاتىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، مەنىسى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
   خەلق ئاممىسى ناھايىتى سىرلىق، ئۇنى كۆرگىلى ، تۇتقىلى بولمايدۇ. مىسالەن، سەن ئۆزۈڭنى «خەلق» دەپ ئاتامسەن؟ ياق؛ مەن ئۆزەمنى «خەلق دەپ ئاتامدىمەن؟ ياق! ئىشەنمىسەڭ كوچىغا چىقىپ سوراپ باق، ھېچكىممۇ ئۆزىنى «مەن خەلق» دېمەيدۇ. ئەمما، خەلق ئاممىسى ناھايىتى نوچى، ناھايىتى قۇدرەتلىك، چۈنكى «خەلق ، پەقەت خەلقلا تارىخنى ياراتقۇچى  ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ» - تە!
  «ياشىسۇن خەلق!» دېگەن شۇئار ئاغزىمىزغا رام. قارىغاندا خەلقنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ.
  «خەلق ئاممىسى نەپكە ئېشىسۇن» دەيدىغان گېپىمىز بار. بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلىشتا ئۇنى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتايمىز. قارىغاندا خەلق ھەر دائىم نەپكە ئېرىشىپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ. «ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايمەن» دېگەن گېپىمىز بار. قارىغاندا خەلق ئاممىسى ھەممىنىڭ دوستانە مېھرى - مۇھەببىتىگە نائىل ئوخشايدۇ.
  خەلق ئاممىسى بەك ھۇرۇندەك قىلامدۇ - قانداق؟ چۈنكى خەلقنىڭ نۇرغۇن ئىشنى باشقىلار قىلىپ بېرىدىكەن ئەمەسمۇ! شۇنداقتە، «خەلقنىڭ چاكارى» لىرى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ» ، «ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىرايدۇ» ، «مەن خەلققە ۋاكالىتەن....» مۇنداق، مۇنداق ... «خەلق نامىدىن سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» ... دېگەنلەرنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانسىز؟ ھەبەللى! خەلق نېمىنى ئويلىغان بولسا، خەلقنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنى خەلققە ۋاكالىتەن بېرىپ قىلىپ بېرىدۇ.
  يەنە كېلىپ سىز مەيلى قەيەرلىك خەلق ئاممىسى بولماڭ، ئىشلىرىڭىزنى بىرى ھامان سىزگە ۋاكالىتەن بەجا كەلتۈرۈۋېرىدۇ. قۇلاق سېلىڭ: «مەن پۈتكۈل ناھىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن ...» ، «مەن پۈتكۈل شەھەر خەلقى نامىدىن...» «مەن پۈتكۈل...» دېگەن سادالارغا! ئېشقىلىپ نەگىلا بارماڭ سىزگە ئىگە بولىدىغان ۋەكىل چىقىدۇ.
   «خەلق ئاممىسى» دېگەن بۇ سۆز چوقۇم ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلانسا كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن نەرسە بۇ سۆزنى چېكىسىگە گۈل قىلىپ قىسىۋالىدۇ:
  قوشۇلساڭ «خەلقنىڭ ئاۋازى» دېيىلىدۇ؛ ئۆكتە قوپساڭ «خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» گە ئايلىنىسەن - دە، «خەلق ئۇرۇشىنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىزى»غا غەرق قىلىنىسەن.
   ھۆكۈمەتنى «خەلق ھۆكۈمىتى» دەپ، سوتنى «خەلق سوتى» دەپ ، دوختۇرخانىنى «خەلق دوختۇرخانىسى» دەپ، ناخشا ئېيتىدىغانلارنى «خەلق سەنئەتكارى» دەپ، دەرس ئۆتىدىغانلارنى «خەلق ئوقۇتقۇچىسى» دەپ ، ساقچىنى «خەلق ساقچىسى» دەپ ، پۇلنى «خەلق پۇلى» دەپ ئاتايمىز. بۇرۇنلاردا باغچىنى «خەلق باغچىسى» ، ئاشخانىنى «خەلق ئاشخانىسى»، مېھمانخانىنى «خەلق مېھمانخانىسى» دەيتتۇق تېخى!
   بىراق خەلق ئاممىسىنىڭمۇ ھەمىشە يۈزى يورۇق بولۇۋەرمىگەچكە، بەزىدە ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدەك تەربىيە ئېلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.
  دائىم «بۇ ئىش خەلق ئاممىسىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى» دېگەننى ئاڭلاپ تۇرىمىز؛ خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىلىدىغانلىكى نەرسىلەر، مەيلى ئۇ ھېكايە بولسۇن، شېئىر بولسۇن، كىنو ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بولسۇن ئالدى بىلەن »تەربىيە ئەھمىيىتىنى بارمۇ - يوق؟» دەپ سورايمىز.
   خەلق ئاممىسىنىڭ كۆزى سەل - پەل  ئاجىزمۇ، ئەيتاۋۇر، بەزىدە ئوچۇق كۆرسە، بەزىدە تۈزۈك كۆرمەيدىكەن. شۇڭا بەزىدە «خەلىق ئامىسىنىڭ كۆزى روشەن » دېسەك، يەنە بەزىدە «ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئامما » دەيمىز.ھالبۇكى ، «كۆزى روشەن ئامما»نى «مۇتلەق كۆپ ساندىكى » ئىبارىسى بىلەن، سۈپەتلەپ ئېيتىمىز. خەلق ئاممىسى قايسى چاغلاردا ئېنىق كۆرەلەيدۇ؟ قايسى چاغلاردا «ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي » قالىدۇ؟ «خەلق ئاممىسى» نىڭ ئۆزىمۇ دېگەندەك ئاڭقىرالمىسا كېرەك. بىراۋنىڭ كېسىلى بارمۇ - يوق؟ بۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ ئەمەس ، دوختۇرنىڭ دېگىنى ھېساپ - تە!
    «خەلق ئاممىسى قوبۇل كۆرمەيدۇ» دېگەن گەپكە قارىغاندا، خەلق ئاممىسىغا گەپ يېگۈزمەك تەس ئوخشايدۇ.
   خوش ، ئۇنداق بولسا «خەلىق ئاممىسى»دېگەن زادى كىم ؟
    ھا ، ھا ، ھا ، بولدى ، سورىمايلا قويۇڭ! خەلىق ئاممىسى بۇنى «ھەرگىز ماقۇل كۆرمەيدۇ».
  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    لىن چى ئىمزاسىدىكى بۇ فېليەتون «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىل سېنتەبىر سانىغا بېسىلغان

---------------------------
مەنبە:ئوكيان قامۇسى تور بىتى
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10

  مانداق ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغىلى خىلى بوپتۇ ، ياخشى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ،
ھىلىقى ئابدۇرىھىم ئابلەتخاننىڭ ئەسەرلىرىنى يوللايدىغان تورداشلار يوقاپلا كەتتىغۇ تاڭ !